بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەۋسەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-7 21:08
ئېنگىلاند دۇنيادىكى ئىككىنچى بىرلەشمىلىك ئورنىنىمۇ ساقلاپ قالالماسلىقى مۇمكىن
بۇ پەسىل مانچېستىر شەھىرى بىلەن لىۋېرپولنىڭ ئۇزغۇنلۇقتىكى ياخشى بولمىغان ئىپادىسى ئېنگىلاند بىرلەشمىسىنىڭ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىگە يېتىشىش قەدىمىنى ئاستىلاتتى، گېرمانىيە بىرلەشمىسى بايرېن مىيۇنخېن ۋە دورتمونىدنىڭ كۈچلۈك ئىپادىسىگە تايىنىپ پات ئارىدا ئېنگىلاند بىرلەشمىسىدىن ئېشىپ ياۋروپادىكى ئىككىنچى بىرلەشمىگە ئايلىنىدۇ.
بايرېن مىيۇنخېن ۋە دورتمونىد بۇ پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقتىكى تۆت مەيدان مۇسابىقىدە تولۇق غەلبە قىلدى، گېرمانىيە بىرلەشمىسىدىكى ئىككى كوماندا بىر قانچە يىلدىن بۇيانقى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقتىكى كۈچلۈك ئىپادىسىگە تايىنىپ گېرمانىيە بىرلەشمىسىنى ياۋروپا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ ياۋروپا مۇسابىقىسىدىكى جۇغلانما نومۇرىنى بىراقلا يۇقىرى كۆتۈردى. ئەكىسچە ئېنگىلاند بىرلەشمىسى لىۋېرپول، مانچېستىر شەھىرىنىڭ ناچار ئىپادىسى تەسىرىدە« دۇنيادىكى بىرىنچى بىرلەشمە» ھەتتا ئىككىنچىلىك ئورنىنىمۇ ساقلاپ قالالماسلىقى مۇمكىن.
ياۋروپادىكى ھەرقايسى بىرلەشمىلەرنىڭ ياۋروپا پۇتبول جەمىيىتىنىڭ ياۋروپا مۇسابىقىسىدىكى جۇغلانما نومۇرى:
ئىسپانىيە بىرلەشمىسى 88.713
ئېنگىلاند بىرلەشمىسى 73.248
گېرمانىيە بىرلەشمىسى 72.700
پورتوگالىيە بىرلەشمىسى 58.382
ئىتالىيە بىرلەشمىسى 58.343
فرانسىيە بىرلەشمىسى 47.916
رۇسىيە بىرلەشمىسى 46.498
ئۇكرائىنا بىرلەشمىسى 38.999
گوللاندىيە بىرلەشمىسى 37.979
بېلگىيە بىرلەشمىسى 32.400
مەنبەسى :نۇر تورى |