ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 466 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى بارلىق پۇتبول سۈيەر قېرىنداشلار سىلەرگە مەندىن ئوتلۇق سالام
مەن تېخى مۇنبەرگە تىما يولاشنى ئويلىمىغانتىم لىكىن بايا ‹‹ئادرىئانو 10 يىل تۈرمىدە يېتىشى مۇمكىن ›› تىمىدىكى بەزى ئىنكاسلارنى كۆروپ كوڭلىم بىرخىلا بوپ قالدى .مەن قىز بالا تۇرۇپ پۇتبولغا قىززىقانلىقىمدىن ،كىچە-كىچىلەپ موسابىقە كوردىغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن .مىىنىڭ پۇتبولغا ئامراق بۇلۇشۇم دادامدىن قالغان بولسا كىرەك .دادام تاشقى پىلانىت ئادىمى رونالدوغا بەك ئامراق .ھەم ئويدىكى تېلۋۇزۇرنى دادام باشقۇرىدۇ توپ مۇسابىقىسى بولسىا ياكى دۇنيا ھەپتىلىكى ،ئادەم ۋە تەبىئەت دىگەندەك پىراگراملار بولسا كۆرىمىز بولمىسا ئۆچرەپ قۇيىمىز دىگەندەك.مەن كىچىكىمدىن دادامنى بەك ھۆرمەتلەيمەن ھەم دادام بىلەن قىززىقىشىم ئوخشاپ كىتىدۇ .دادام پۇتبولغا ئامراق مەنمۇ ئامراق دادام گىتلىرغا ناپالىيۇنغايەنە شۇلارغا ئوخشاش ئىمپىراتۇرلارغا ،سىياسىيونلارغا ئامراق مەنمۇ ئامراق ..........
مەن ماۋۇ يولداش رايۇنىدىكى ئالى -مەكتەپتە ئوقوغاچقا ئۇياققا قارساممۇ يولداشلار بۇياققا قارساممۇ يولداشلار كۇنلەر ئاشونداق ئۈتىدۇ بەزىدە سىردىتقا چىققاندا بىرەر ئۇيغۇرنى كورسەممۇ خىلى خوش بۇلۇپ قالمەن .بىر قىتىم تۇر بەت كۆرۇپ بىزنىڭ بۇ پۇتبول كۇلۇبىنى بايقاپ قالدىم ھەم كىرىپ كورسەم راسلام بەك ياخشى ئىكەن .نۇرغۇن ياخشى تىمىلار باركەن ھەم ئاستىدىكى ئىنكاسلار شۇنداق قىززىقارلىق .مەن بۇ تور بەتنى بايقىغاندىن كىيىن ئىنتايىن خوش بولدىم دىسەممۇ بولدۇ ،كىيىنچە دائىم ئۇگىنىش قىلىپ چارچىغاندا ياكى كوڭلىم يېرىم بولغاندا بۇ كۇلۇپقا كىرىپ خوشاللىق ئىزدەيمەن . دىمىسىمۇ بۇ مۇنبەرنى بىر خۇشالىق بۇلىقى دەپ ئويلايمەن .
ھازىر مەن بۇ كۇلۇبقا ئەزامۇ بولدۇم ھەم يىقىن ياقى ئىنكاسلارنىمۇ يىزىشقا باشلىدىم لىكىن سىلەرنىڭ قايتۇرغان بەزى ئىنكاسلارغا قارسام كوڭلىم يىرىم بۇلدۇ ھەم ئاشو ئىنكاسنى يازغانلىقىمغا ھەم بو كۇلۇپقا ئەزا بولغانلىقىمغا پۇشايمان قىلمەن
مەن پۇتبولغا قىززىقىدىغان ئادەملەرنى ئاق -كوڭول مەرت-مەردانە دەپ ئويلايتىم لىكىن ئۇنداق ئەمەسلەرمۇ باكەن لىكىن باشقا ئاق-كوڭۇل مەستانىلەرنىڭ مىنى قىز بالا دەپ كەمسىتمەسلىكىنى مىنى مازاق قىلماسلىقىنى ئۈمۇت قىلىمەن مەندىن چوڭلارنىڭ مىنى سىڭلىسى قاتارىدا تەڭ -تۇشلەرنىڭ دوست قاتارىدا كۇرشىىنى ئۇمۇت قىلىمەن
ئەمدى مىنى قالايمىقان ئاتىماسلىقىڭلارنى ئۇمۇت قىلىمەن .................
مەن خىلى بورۇندىنلا يوداشلار رايۇنىدا ئوقۇغاچقا ئۇيغۇرتىلى يىزىقچىلىق ئىقتىدارىم ئانچە ياخشى ئەمەس شۇڭا خاتالىقلار بولسا مازاق قىلمىغايسىلەر
مەن يانا بىر قىتىم دەپ قۇياي مەن قىز بالا پۇتبول مەستانىسى مەن سىلەرنى ئالدىمىدىم ئەمدى سىلەرگە كىملىكىمىنى كۆرسىىتىپ قۇيالمايمەن خاپا بولمىساڭلار .
مەن بۇ پۇتبول كۇلۇبىنى ئىنتايىن ياخشى كورىمەن .سىلەرنىڭمو ياخشى كورۇپ ياخشى تىمىلار كوپلەپ يىزىشىڭلارنى ئۇمۇت قىلىمەن .
ھۇررا ھۇررا .....پۇتبول ياشىسۇن |
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|