ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 156 |
تۆھپىسى: سەر |
|
گېرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ قارىشىدا, ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرىدىكى گېرمانىيە ئا دەرىجىلىك پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ جەلپ قىلارلىق بولغان كۈچلۈكلەر مۇسابىقىسى بايرىن مىيۇنخىن كوماندىسى بىلەن دورتىموند ئوتتۇرسىدىكى «دۆلەت دىربىي» بولماستىن, بەلكى كىچىك تايچاق- مىنشىنگىلادباخ كوماندىسى بىلەن خوفىنھام كوماندىسى ئوتتۇرسدا ئېلىپ بېرىلغان ئالدىنقى تۆتنىڭ ئىچىگە كىرىش جېڭى ئىكەن. بۇ جەڭدە مېنشىنگىلادباخ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 3 : 1 نەتىجە بىلەن خوفىنھام كوماندىسنى مەغلۇب قىلدى. ھەمدە تۆت نومۇر پەرق بىلەن داۋاملىق بايرىن مىيۇنخىن كوماندىسنى قوغلاپ كەلمەكتە. ھازىر مىنشىنگىلادباخ كوماندىسى ئۇدا 17 مەيدان مۇسابىقىدە مەغلۇپ بولۇپ باقمىدى. مىنشىنگىلادباخ كوماندىسى بۇ نەتىجىسى بىلەن 1970-1971 مۇسابىقە پەسلىدىكى ئۇدا يېڭىلمەسلىك رېكورتى بىلەن تەڭلەشتى. ئەينى يىلىدىكى مۇسابىقە پەسلىدە مىنشىنگىلادباخ كوماندىسى گېرمانىيە بىرلەشمىسنىڭ چىمپىيونى بولغان. يېڭى پەسىللىك گېرمانىيە بىرلەشمىسى باشلانغاندىن بۇيان مىنشىنگىلادباخ كوماندىسى ھەرقايسى تۈردىكى مۇسابىقىدە بىردىنبىر يېڭىلمىگەن كوماندا بولۇپ قالغان.
خوفىنھام كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينىغان كۈن مىنشىنگىلادباخ كوماندىسى مەشقاۋۇلىنىڭ 57 ياشقا كىرگەن توغۇلغان كۈنى بولۇپ, كوماندا ئەزالىرى قالتىس ئىپادىسى ئارقىلىق مەشقاۋۇلىغا ياخشى بولغان توغۇلغان كۈن سوۋغىسى تەييارلىغان. بايرىن مىيۇنخىن كوماندىسى گېرمانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسدە دورتىموند كوماندىسغا ئۇتتۇرۇپ قويغان. بۆرە قەلئەسى كوماندىسى تۇنجى ئايلانمىدا بايرىن مىيۇنخىن كوماندىسغا ئۇتتۇرغان. ئەمما مىنشىنگىلادباخ كوماندىسى ھازىرغا قەدەر ئۇتتۇرۇپ باقمىدى. نەچچە يىللاردىن بۇيان بايرىن مىيۇنخىنغا رەقىب بولۇپ كېلىۋاتقان دورتىموند كوماندىسى ھازىر دەرىجە چۈشۈش چەمبىركىگە يېقىنلاپ قالدى. نۆۋەتتە مىنشىنگىلادباخ كوماندىسى بايرىن مىيۇنخىنغا جەڭ ئېلان قىلالايدىغان كوماندىغا ئايلاندى. |
|