ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2184 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى بارلىق قېرىنداشلار، سابىق 5-باشقارمىدىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام.
رونالدۇ ئۇزغۇنلۇق تارىخىدىكى 1- مەرگەنگە ئايلىنىشقا ئۇرۇنماقتا.
سەھەر سائەت1:30دا مادىرىد ئۆز مەيدانىدا لىۋىرپول بىلەن بۇ قېتىملىق ئۇزغۇنلۇق گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىكى 2- ئۇچۇرششنى ئوينايدۇ. ئالدىنقى ئۇچۇرششتا سامان يولى گڭ كىمىسى قىزىل قوشۇننىڭ مەيدانىدا 3- 0 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلغان. سامان يولى جەڭ كىمىسىنىڭ ھازىرىقى ئوت كۈچىگە قارغاندا قىزىل قوشۇننى مەغلۇپ قىلىشى تەسكە توختىماسلىقى مۇمكىن. بۇ مەيدان مۇسابىقە رونالدونىڭ ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى تارىخىدىكى 1- نۇمۇرلۇق مەرگەن، سامان يولى جەڭ كىمىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، ئۈزۈك شاھى رائۇلنىڭ رىكورتى بىلەن تەڭلىشىدىغان ھەم رائۇلنىڭ رىكورتىدىن ئېشىپ كىتىدىغان ياخشى پۇرسىتى. ئەمدى بۇ پۇرسەتنى رونالدۇ تۇتالامدۇ يوق بۇ سەھەردە ئوينىلىدىغان مۇسابىقىگە باغلىق.
ياۋرۇپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغاقارغاندا، پورتىگالىيىلىك بۇ داڭلىق توپ چولپىنى ئالدىنقى قېتىم ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىنىڭ 3- ئايلانمىسىدا قىزىل قوشۇننىڭ مەيدانىدا بىر توپ كىرگۈزۈپ، ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىدا كىرگۈزگەن توپى جەمئىي 71گە يىتىپ (بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر توپنى سالاھىيەت مۇسابىقىسىدە كىرگۈزگەن.) ئۈزۈك شاھى رائۇلنىڭ 71 توپى بىلەن تەڭلەشكەن. بىراق رائۇل بۇ 71 توپنى ھەقىقى مۇسابىقىدە ئۇرۇپ كىرگۈزگەن. ئەگەر رونالدو سەھەردە ئوينىلىدىغان ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىنىڭ 4- ئايلانمىسىدا توپ كىرگۈزۈپ قالسا ئۇ چاغدا رائۇلنىڭ رىكورتى بىلەن تەڭلىششى ياكى ئۇنىڭدىن ئىشىپ كىتىشى مۇمكىن.
رونالدو مادىرىدقا كەلگەندىن بۇيان، مادىرىدقا ۋاكالىتەن ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە جەمئىي 54 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 55 توپ، مانچىستىر بىرلەشمىسىگە ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 16 توپ ئۇرغان.( بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر توپ 2005-يىلى قىزىل ئالۋاستى بىلەن دېبىرسىن ئوينىغان سالاھىيەت مۇسابىقىسىدە كىرگۈزگەن.). پورتىگالىيىلىك چولپان بۇ 71 توپىنى 110 مەيدان مۇسابىقىدە كىرگۈزگەن بولۇپ، ئوتتۇرا ھىساب بىلەن ھەربىر مەيدانغا 0.64 توپتىن توغرا كەلگەن. بۇ سانلىق مەلۇمات رائۇلنىڭ 0.49 توپىغا قارغاندا خېلى يۇقىرى، بىراق مىسسنىڭ 0.78 توپىغا قارغاندا تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدۇ.
رونالدونىڭ بۇ 71 توپى ئىچىدە 55ى ھەركەتچان ھالەتتە كىرگۈزۈلگەن، يەتتىسى ئىختىيارى توپ، توققۇزى نۇقتا توپتىن ئىبارەت. توپنىڭ كىرىش ئورنىدىن قارغاندا، بۇ 71 توپنىڭ 17سى قاپقا رايۇنىدا، 41سى چەكلەنگەن رايۇندا، 13ى چەكلەنگەن رايۇن سىرتىدا كىرگۈزۈلگەن. رونالدۇ بۇ 71 توپنىڭ 51نى ئوڭ پۇت بىلەن، 11نى سول پۇت بىلەن، 9نى كاللا بىلەن كىرگۈزگەن. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ 71 توپنىڭ بىرسى سالاھىيەت مۇسابىقىسىدە، 36سى كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە، 12سى 8\1 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، 12سى 4\1 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، قالغان 10 توپنىڭ سەككىزى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، ئىككىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە كىرگۈزۈلگەن. ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىىسدىكى رەقىبلىرىنىڭ ئىچىدە رونالدۇ ئەڭ ياخشى كۆردىغان رەقىبى ئاجاكىس. رونالد0 ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە ئاجاكىس بىلەن بولغان مۇسابىقىدە يەتتە توپ ئۇرغان. ئەمما گىرمان بىرلەشمىسىدىكى كوماندىلار بىلەن بولغان مۇسابىقىدە بۇ پۇتبول ئەپەندىسى تېخىمۇ ئەسەبىيلەشكەن بولۇپ جەمئىي 11 توپ ئۇرغان.
مەنبە: http://voice.hupu.com/soccer/1807461.html
|
|