ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 8122 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تۇمشۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-4 13:24
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
ئۈرۈمچى ۋاقتى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى سەھەر سائەت 01:45 دە خانلىق مادرېد بېرنابو پۇتبول مەيدانىدا 2014-2015-پەسىللىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىكى رەقىبى لىۋېرپۇلنى كۈتىۋالىدۇ . كىچىك گۇرۇپپىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ ئايلانمىسىدا خانلىق مادرېد تۇلۇق غەلبە قىلىپ 9 نۇمۇر بىلەن بىرىنجى ئۇرۇندا تۇرماقتا ، لىۋېرپۇل بولسا بىر مەيدان غەلبە ئىككى مەيدان مەغلۇبىيەت بىلەن ۋاقىتلىق ئىككىنجى ئۇرۇندا تۇرماقتا .
تارىختىكى نەتىجىسى
خانلىق مادرېد بىلەن لىۋېرپۇل تارىختا 4 قېتىم ئۇچۇراشقان بۇلۇپ لىۋېرپۇل 3 قېتىم غەلبە قىلىپ بىر قېتىم مەغلۇپ بولغان ، 6 توپ كىرگۈزۈپ 3 توپ كەتكۈزگەن . ئىككى تەرەپنىڭ ئالدىنقى 3 قېتىملىق ئۇچۇرشىشىدا لىۋېرپۇل تۇلۇق غەلبە قىلغان ھەمدە بىرمۇ توپ كەتكۈزمىگەن ، بۇ پەسىللىك چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ 3-ئايلانمىسىدا ئۇلار 4-قېتىم ئۇچۇراشقان بۇلۇپ خانلىق مادرېد ئەنفىلىد پۇتبول مەيدانىغا مىھمان بۇلۇپ بېرىپ لىۋېرپۇلنى 3-0 نەتىجە بىلەن يەڭگەن .
16 كۈچلۈككە كىرىش
بۇ گۇرۇپپىدا خانلىق مادرېدنىڭ ئەمەلى كۈچى مۇتلەق ئۈستۈن تۇرىدىغان بۇلۇپ 3 ئايلانمىدا تۇلۇق غەلبە قىلىپ 9 نۇمۇرنى قولغا كەلتۈردى . لىۋېرپۇل ، لودوگورست ، بارسېللارنىڭ ۋەزىيىتى بىر ئاز قالايمىقان بۇلۇپ ھەرقايسى بىر قېتىمدىن غەلبىنى قولغا كەلتۈردى . بۇ مەيدان مۇسابىقىدە خانلىق مادرېد ئەگەر لىۋېرپۇل ئۈستىدىن غەلبە قىلىپ 3 نۇمۇرغا ئىرىشەلىسە مەيلى بارسىل بىلەن لودوگورسىتنىڭ مۇسابىقە نەتىجىسى قانداق بۇلۇشىدىن قەتئىنەزەر مادرېد ئىككى ئايلانما بۇرۇن 16 كۈچلۈككە كىرىپ كىتىدۇ .
ھازىرقى خانلىق مادرېد تۇسۇش تۇلىمۇ قىيىن بولغان بىر كۇماندا ، ئۇلار ھەر تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە ئۇدا 11 مەيدان غەلبە قىلدى ، بۇ ئەنچىلوتىنىڭ تىرنىرلىق ھاياتىدىكى ئەڭ ئۇزۇن بولغان بىر قېتىملىق ئۇدا غەلبە قىلىش قەدىمى ھىساپلىنىدۇ . بۇ 11 مەيدان ئۇدا غەلبە قىلغان مۇسابىقىلەردە خانلىق مادرېد ئەسەبىيلەرچە 46 توپ كىرگۈزگەن بۇلۇپ ھەر بىر مەيدانغا ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن توغرا كەلگەن توپ سانى 4 تىن ئېشىپ كەتتى . لىۋېرپۇل مىھمان ھالەتتە بېرنابوغا كەلگەن بۇ مۇسابىقىدە قىرغىنچىلىققا دۇچ كىلىش ئىھتىماللىقى تۇلىمۇ يۇقۇرى . خانلىق مادرېدنىڭ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى كىيىنكى رەقىبى كۈچلۈك ئەمەس ،خانلىق مادرېد ياردار ئەزالاردىن باشقا بارىلىق كۈچىنى بۇ مۇسابىقىگە چىقىرالايدۇ . لىۋېرپۇلنىڭ بۇ مۇسابىقىدىن كىيىن بىرلەشمىدە دۇچ كىلىدىغان رەقىبى بولسا چىلسى ، لىۋېرپۇل تەرەپ چىلسى بىلەن بولغان جەڭ ئۈچۈن بۇ مەيدان مۇسابىقىدە كۈچ ئايامدۇ يوق بۇ تېخى نامەلۇم .
رونالدونىڭ رىكورت بۇزۇشىغا پەقەت بىرلا توپ قالدى
2014-يىلى رونالدو ھەر تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە 50 توپ كىرگۈزگەن بۇلۇپ بۇ يىللىق ئەڭ توپ كىرگۈزگەن توپچىدۇر . ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقە مەيداندا رونالدو بۇ پەسىل ھەر مەيداندا توپ كىرگۈزگەن بۇلۇپ چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىدىكى كىرگۈزگەن توپ سانى 70 كە يەتتى ( سالاھىيەت مۇسابىقىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ ) . بۇ جەھەتتە ئىلگىركى مادرېد توپچىسى راھول 71 توپ بىلەن بىرىنجى ئۇرۇندا تۇرماقتا . ئەگەر رونالدو بۇ مەيدان مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزسە ئۇ چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىدىكى بىرىنجى مەرگەنگە ئايلىنىدۇ .
مەنبە : http://sports.163.com/14/1104/10/AA6ST44V00051C9E.html#p=AA6OKC2200BV0005 |
|