ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 719 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلبارىس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-4 12:49
ئېنگلاند بىرلەشمىسىنىڭ 10-ئايلانمىسىدا چىلسى ئۆز مەيدانىدا ئوسكار بىلەن خارزادنىڭ ئورغان توپىغا تاينىپ 2-1 نەتىجە بىلەن ئايال پادىشاھ باغچا چارلىغۇچىلار كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى. مۇسابىقىدە غەلبە قىلغان بولسىمۇ تىرىنىر مورىنىئو ئۇنچە خۇشال بولۇپ كەتمىدى. ‹ تەنتەربىيە پارىڭى › نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مورىنىئو چىلسى مەستانىلىرىدىن رازى بولمىغان، مەستانىلەرنى مەدەت بەرمىدى دەپ قارىغان، پۈتكۈل سىتانفورد كۆۋرۈكى مەيدانىنى ئادەمسىز مەيدانغا ئوخشاتقان.
مورىنىئونىڭ دىيىشىچە ئۇ مىھمان مەيداندا مۇسابىقىلىشىشنى بەكرەك خالايدىكەن، سىتانفورد كۆۋرۈكى مەيدانىدا ساھىبخان بولۇپ مۇسابىقىلىشىشنى ئانچە خالاپ كەتمەيدىكەن، مورىنىئو ‹ ھەممە ئادەم مىنىڭ كۇلۇب ھەم مەستانىلەر بىلەن بولغان مۇھەببىتىمنىڭ چۇڭقۇرلۇقىنى بىلىدۇ، بىراق ھازىر بىزگە نىسبەتەن ساھىبخان مەيداندا مۇسابىقە ئويناش بىر خىل مۈشكۈل ئىشقا ئايلىنىپ قالدى، چۈنكى سىتانفورد كۆۋرۈكى ئادەمسىز مەيدانغا ئوخشاپ قالدى › دىگەن.
مورىنىئونىڭ قارىشىچە ساھىبخان مەيداندا مۇسابىقە ئويناش كوماندىغا ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولماي، ئەكسىچە كوماندىنىڭ مۇسابىقىسىگە قىيىنچىلىق ھەم بىسىم ئىلىپ كەلگەن. مورىنىئو يەنە ‹ كوماندا مۇشۇنداق جىمجىت مەيداندا مۇسابىقە ئوينىسا، ھىچقانداق مەدەت بولمىسا، قالتىس بىر مەيدان مۇسابىقە ئويناش ناھايىتى قىيىن › دىگەن.
‹ بۈگۈن سىتانفورد كۆۋرۈكى مەيدانىغا قارىساق بۇ مەيدان راستىنلا ‹ قۇرۇق › مەيدان بولۇپ قالدى. لىكىن بۇ مەستانىلەرنىڭ يوقلىقى ئەمەس، كۆرۈش سۇپىسى مەستانىلەر بىلەن لىق تولدى، لىكىن مەيداننىڭ كەيپىياتى ئادەمنى ئۈمۈدسىزلەندۈرىدۇ ›. |
|