ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 286 |
تۆھپىسى: سەر |
|
رىئال مادىرىد 4 تە 0 نەتىجە بىلەن گىرانادانى مەغلۇپ قىلغاندىن كىيىن، ئەنچىلودى كەسپى ھاياتىدىكى ئۇدا 11 مەيدان غەلبە قىلىشتەك ئەڭ ياخشى نەتىجىنى ياراتتى. مۇسابىقىدىن كىيىنكى ئاخپارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئەنچىلودى كوماندىنىڭ ئىپادىسىدىن ناھايىتى رازى بولغانلىقىنى بىلدۈردى: ھازىرغىچە بولغان مۇسابىقىلەرنى بىز ئىنتايىن يۇقىرى سەۋىيەدە ئوينىدۇق. توپچىلار بىر نىيەت-بىر مەقسەتتە جەڭ قېلىپ ، كوماندىنىڭ غەلبە قىلىشى ئۈچۈن قۇربانلىق بېرىش روھىنى تىكلىدى. ئىلگىرى كۆپ قېتىم ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك كوماندىمىز جەڭ قىلىۋاتقان ۋاقىتتا ئەڭ ئاخىرقى پەيىتلەر بېزنىڭ غەلبە قىلىشىمىز غا چوڭ ياردەم بېرىدۇ.
"بىز چوقۇم ئەڭ ياخشى ھالىتىمزنى ساقلىشىمىز كېرەك.بىز بۇ مۇسابىقىنى ناھايىتى قالتىس ئوينىدۇق. رەقىبىمىزنى يېڭىپ 3 نۇمۇرغا ئېرىشتۇق. بىزنىڭ تېپىدىغىنىمىز چىرايلىق پۇتبول. بۇ بىر قالتىس كوماندا. بىزنىڭ خىزمەت ئۇسۇلىمىز بۇلتۇرقى بىلەن ئوخشاش . مەن ئۇلارنىڭ موشۇنداق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىدىن ئىنتايىن مىننەتتار."
ئەنچىلودى يەنە كوماندىنىڭ بەزى ئاجىزلىقلىرى بارلىقىنىمۇ ئېتىراپ قىلدى: ئەلۋەتتە بىزدە يەنە بۇرۇنقىدەك بەزى كەمچىللىكلەر بار، لىكىن بىز يەنە بۇرۇنقىدەك ئۇنى تۈزىتىش ئۈچۈن تېرىشىمىز. ئەمما ھازىرقى ئۇمۇمىي ئەھۋالىمىزدىن قارىغاندا مەن كوماندىمىزنىڭ ھازىرقى ئىپادىسىدىن ناھايىتى رازى. بىز موشۇ ھالىتىمىزنى داۋاملىق ساقلايمىز.
ئەنچىلودى رونالدۇنىڭ مۇسابىقە باشلىنىپلا كىرگۈزگەن توپىنى ماختاپ:رونالدۇنىڭ تۈنجى كىرگۈزگەن توپى بىزنى تىخىمۇ ئېچىلدۇرىۋەتتى. بىزگە توپنى تىخىمۇ ياخشى ئوينايدىغان بوشلۇق يارىتىپ بەردى. ئەلۋەتتە ھەر قانداق ئىشنىڭ يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بار،لىكىن تۈنجى توپنىڭ بۇنچە تىز كىرىشى ئىنتايىن بىنورمال.
ئەنچىلودى يەنە كوماندىنىڭ يان يولىغا باھا بېرىپ; قارشى تەرەپ بىزنىڭ ئوتتۇرا يولىمىزنى ئۈنۈملۈك مۇداپىيە قىلىۋالغان ۋاقىتتا، يان يولنىڭ بىزگە ياردىمى ناھايىتى چوڭ بولدى. ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېسىپ قارشى تەرەپكە بېسىم قىلىشى ناھايىتى مۇھىم. بۈگۈن مارسىلو، كارۋاخال، ئاۋىيلويالارنىڭ ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولدى.
ئاخىرقى پەيىتلەردە بىز مۇسابىقىگە دىققىتىمىزنى مەركەزلەشتۈرەلمەي قالدۇق. رەقىبىمىزگە بىر نەچچە قېتىم پۇرسەت بېرىپ قويدۇق. بۇ ئىنتايىن نورمال ئەھۋال.ياخشى يېرى بىز توپ كەتكۈزۈپ قويمىدۇق. رونالدۇ توغرۇلۇق مۇنازىرىلىشىش بىز ئاز قىيىن . مەن گېپىمنى دەپ بولدۇم. مەن ئۇنىڭ بۇ خىل قالتىس ھالىتىنى سۈپەتلەيدىغان سۆز تاپالمىدىم. مەن راستىنلا بىمە دىيىشنى بىلەلمەي قالدىم. ئۇ بىر ھەقىقى تالانىت ئېگىسى.
ج. رودىگىرىسنىڭ كىرگۈزگەن توپى توغرۇلۇق ئەنچىلودى: مەن ئۇ توپنى ئۆز كۆزۇم بىلەن كۆردۇم. ئۇ خۇددى چۈشلەردىكىگە ئوخشاش ئاجايىپ قالتىس.
بىل ساقايغاندىن كىيىن ئىسكونىڭ ئورنىنى ئالامدۇ؟ ئەنچىلودى : كۆپچىلىك ھەممىسى ھازىر بىلنى بىر باش قاتۇرىدىغان مەسىلە دەپ قارايدۇ. لىكىن ئۇ بېزنىڭ تىخىمۇ كۈچلۈك بولىشىمىزغا ياردەم بېرەلەيدۇ. ناھايىتى ئىنىقكى مەن ھازىرقى ئىپادىمىزدىن ناھايىتى رازى، لىكىن بىز چوقۇم ئالدىغا باسمىساق بولمايدۇ.تىخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرگە ئىرىشىش ئۈچۈن بۇنى چوقۇم سىناپ بېقىشىمىز كېرەك. |
-
|