ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !

ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى ئايلانمىسىنىڭ 10-ئايلانما مۇسابىقىسىدە مانچىستېر شەھىرى ئۆز مەيدانىدا مانچىستېر بىرلەشمىسىنى كۈتىۋالدى ، بۇ مۇسابىقە بىر شەھەردىكى ئىككى كونا رەقىبنىڭ تۇتۇشىشى بولۇپ « مانچىستېر دېربىيسى » دەپ ئاتىلىدۇ ، بۇ مەيدان ئۇچرىشىشتا مانچىستېر شەھىرى ئاگۈيرونىڭ ئۇرغان بىر توپىغا تايىنىپ 1:0 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلدى .
بۇ مۇسابىقىدىن كېيىن ئېنگلاندنىڭ ئەنئەنىۋى زەردارى بولغان مانچىستېر بىرلەشمىسىگە ئائىت بىر تۈركۈم سان-سىفىرلار بارلىققا كەلدى :
1 . بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدىكى مانچىستېر بىرلەشمىسىنىڭ سەپ شەكلىدىكى ئەزالارنىڭ ئۇمۇمىي قىممىتى 241 مىليۇن فوندسىتىرلىڭغا يېتىپ ئېنگلاند بىرلەشمىسى تارىخىدىكى ئەڭ قىممەت سەپ شەكلى بولۇپ قالدى .
2 . بۇ مەيدان مۇسابىقە ئېنگلاند بىرلەشمە تارىخىدا مانچىستېر شەھىرىنىڭ مانچىستېر بىرلەشمىسى ئۈستىدىن ئارقىمۇ-ئارقا غەلبە قىلغان تۆتىنجى ئۇچرىشىشى بولۇپ مانچىستېر بىرلەشمىسى ئۈستىدىن ئارقىمۇ-ئارقا تۆت مەيدان غەلبە قىلغان ئىككىنچى كوماندا بولۇپ قالدى . ( بۇ خىل ئەھۋالنى تۇنجى قېتىم لىۋىرپول كوماندىسى روياپقا چىقارغان بولۇپ ، بىرلەشمىدە 2000-يىلدىن 2002-يىلغىچە مانچىستېر بىرلەشمىسى ئۈستىدىن تۆت مەيدان ئۇدا غەلبە قىلغان . )
3 . مانچىستېر بىرلەشمىسى ھازىرغىچە 10 مەيدان ئايلانمىدا 13 نۇمۇر ئالغان بولۇپ 1986-يىلدىن بۇيانقى بىرلەشمىدىكى ئەڭ ناچار نەتىجىگە ئېرىشتى . ( 1986-يىلى 10 ئايلانمىدا پەقەت سەككىز نۇمۇر ئالغان .)
4 . مانچىستېر دېربىيسىدىكى يەتتە مەيدان ئۇچرىشىشتا ئاگۈيرو ئالتە توپ كىرگۈزگەن بولۇپ ، يېقىنقى يىللاردىكى دېربىيدىكى ئەڭ خەتەرلىك ھۇجۇمچىغا ئايلانغان .
5 . مانچىستېر بىرلەشمىسى بۇ 10 ئايلانمىدا 14 توپ كەتكۈزگەن بولۇپ كەتكۈزگەن توپ سانى بىرلەشمىدىكى نۇمۇرىدىنمۇ يۇقىرى . ( بىرلەشمىدە 13 نۇمۇر ئالغان ، ۋاقتىنچە توققۇزىنچى ئورۇندا . )
6 . ئاگۈيرونىڭ بۈگۈنكى مانچىستېرغا بىرلەشمىسىگە ئۇرغان توپى ئۇنىڭ مانچىستېر شەھىرى كۇلۇبىدىكى 100-توپى .
7 . بۇ مەيدان مۇسابىقە 1989-يىلدىن بۇيانقى مانچىستېر بىرلەشمىسىنىڭ بىرلەشمىدە مېھمان مەيداندا ئارقىمۇ-ئارقا يەتتە مەيدان غەلبە قىلىپ باقمىغان رىكورتىغا يېقىنلاشتى . ( كېيىنكى مېھمان مەيدان ئۇچرىشىش خەلىپە مەيدانىدا . )
8 . 2014-يىلى كىرگەندىن باشلاپ ۋانجال مېھمان مەيداندا ساھىبخاننى ئۇتۇش تارىخى پەقەت بىرلا قېتىم بولۇپ ، ئۇ بولسىمۇ دۇنيا لوڭقىسى ئۈچىنجىلىكنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە گوللاندىيە كوماندىسىنى باشلاپ ساھىبخان بىرازىلىيەنى 3:0 نەتىجە بىلەن ئۇتقان .
9 . مانچىستېر ئوتتۇرا بېكى سىمولىڭنىڭ ئېرىشكەن قىزىل كارتىسى مانچىستېر دېربىيسىدىكى مانچىستېر بىرلەشمىسىگە تەۋە بولغان يەتتىنجى قىزىل كارتا بولۇپ بۇ جەھەتتە مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئېگە . ( شەھەرلىكلەر ھازىرغا قەدەر دېربىيدا پەقەت ئىككىلا قىزىل كارتا ئىستىمال قىلغان . )
10 . بۇ قېتىمقى دېربىي كۆرۈشكە قاتناشقان تاماشىبىن سانى 45358 بولۇپ يىللاردىكى دېربىيلارغا قارىغاندا ئاز ھېسابلىنىدۇ .
 |