ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 2224 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا shevchenko تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-2 19:11
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ياخشىمۇسىلەر، 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى ، چۈشتىن كىيىن سائەت 1:30 دە جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى ئەڭ ئاخىرقى بىر ئايلانمىسى ئىلىپ بىرىلدى. بۇ ئايلانمىدا نۇقتىلىق مۇسابىقىدىن شەندۇڭ لۇنىڭ VS گۇاڭجۇ خىڭدا ، بىيجىڭ گوئەن VS خىنەن قۇرۇلۇش كوماندىسى مۇسابىقىلىرى ئىلىپ بىرىلدى. گۇاڭجۇ خىڭدا كوماندىسى بۇ مۇسابىقىنى ئويناشتىن بۇرۇن 69نۇمۇر بىلەن بىرىنجى ئورۇندا، بىيجىڭ گوئەن كوماندىسى 66 نۇمۇر بىلەن ئىككىنجى ئورۇندا ئىدى.
گۇاڭجۇ خىڭدا كوماندىسى تەڭلىشىپ قالسا ياكى ئۇتسا چىمپيۇنلۇققا ئىرىشەتتى، بىيجىڭ گوئەن كوماندىسى بولسا گۇاڭجۇ خىڭدا كوماندىسى ئۇتتۇرغان شارائىتتا ئۇتسا ئاندىن ئومومىي نۇمىرى تەڭلىشىپ، ساپ توپىسا قارىلاتتى. لىكىن گۇاڭجۇ خىڭدا كوماندىسى 48 ساپ نۇمىرى بىلەن يەنىلا ئۈستۈن ئورۇندا تۇراتتى.
شەندۇڭ لۇنىڭ VS گۇاڭجۇ خىڭدا : مۇسابىقە باشلىنىپ 12 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا لۇنىڭ كوماندىسىدىن لىيۇ بىن بىن بىر توپ كىرگۈزۈپ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى، 43-مىنۇتقا قەەدەم قويغاندا خىڭدا كوماندىسىدىن ئېرىكسون توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى. نەتىجە 1:1 بولۇپ گۇاڭجۇ خىڭدا كوماندىسى 201-يىللىق جۇڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ ئۇدا تۆتىنجى قىتىم چىمپيۇنى بولدى. بىيجىڭ گوئەن كوماندىسى 0:0 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ بىرلەشمىدە ئىككىنجى بولدى.
شەندۇڭ لۇنىڭ VS گۇاڭجۇ خىڭدا
بىيجىڭ گوئەن VS خىنەن قۇرۇلۇش
باشقا مۇسابىقىلەر:
گۇيجۇ 2:3 خاربىن
خاڭجۇ 1:1 چاڭچۈن ياتەي
جىياڭسۇ 3:1 گۇاڭجۇ فۇلى
لىياۋنىڭ 1:1 شاڭخەي لۈدى
شاڭخەي شېنخۇا 1:1 دالىيەن
تىيەنجىن 3:3 شاڭخەي شاڭگاڭ(上海上港)
|
|