akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1401|ئىنكاس: 38

مانچىستىر دىربىىسىغا نەزەر(رەسىملىك تېما)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   isyanqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-2 20:57  

   بۇ پەسىللىك ئېنگىلانىد بىرلەشمىسىدىكى تۇنجى ئۇچۇرشىشىتىكى مانچىستىر دىربىسى بولسا مانچىستىر شەھىرىنىڭ ئېتىقاد مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» ھەش-پەش دىگۈچە ئۆتۈپ كەتكەن بۇ ھەقتىكى 28 چوڭ نوختىنى ئېنىقلىغان.
1.jpg

1. قوغلاپ يېتىش؛ مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ 1956-يىلى 9-ئايدىكى 2-0 نەتىجە بىلەن مانچىستىر شەھىرىنى مەغلۇپ قىلغان مۇسابىقىدە، قىزىل ئالۋاستىلارنىڭ ئوڭ مۇداپىئەچىسى بىل فولكىس ۋە ئوتتۇرا مۇداپىئەچىسى مارىك جونىس مانچىستىر شەھىرىنىڭ ھۇجۇمچىسى جېك دىيسوننى قوغلاپ يېتىۋالغاندىكى كۆرۈنۈش.

2.jpg

2. ئالداش، ئەخمەق قىلىش؛ مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ 1960-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى 5-1 نەتىجە بىلەن مانچىستىر شەھىرىنى مەغلۇپ قىلغان مۇسابىقىدە، سىكانلاننىڭ مانچىستىر شەھىرىنىڭ قاپقىچىسى ۋە مۇداپىئەچىسىنى ئالدىغاندىكى كۆرۈنۈش.

3.jpg

3. تىغمۇ-تىغ ئېلىشىش؛   مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ 1960-يىلىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى 5-1 نەتىجە بىلەن مانچىستىر شەھىرىنى مەغلۇپ قىلغان مۇسابىقىدە، قىزىل ئالۋاستىلارنىڭ قالپاق ئۇيۇنى ئوينىغان توپچىسى ئالىكىس داۋسوننىڭ رەقىبى بىلەن كاللا توپ تالاشقان كۆرۈنۈش.

4.jpg

4. رەڭدارلىق؛ رەسمنىڭ رەڭلىككە ئۆزگىرىشى بۇ  دەۋر خاراكتېرلىك رەسىم بولۇپ، رەسىمدىكى مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ كىيىمىنى كېيگەن داۋىد سادلىرنىڭ رەقىبى ساموبى بىلەن سۇقۇلغاندىكى كۆرۈنۈش.

5.jpg

5. قوش يېڭىش؛ مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ 1968-يىلى 3-ئايدا 1-3 نەتىجە بىلەن مانچىستىر شەھىرىگە ئۇتتۇرغاندىكى مۇسابىقىدە، گىئورگى بېسىتنىڭ توپ كىرگۈزگەندىكى تەبىرىكلەش ھەركىتى. مانچىستىر بىرلەشمىسى ئۇتتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئالدىنقى پەسىل ياۋرۇپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيۇنى بولغان.

6.jpg

6. توقۇنۇش؛  مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ 1969-يىللىق بىرلەشمە لوڭقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە 2-2 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ قالغاندىكى مۇسابىقىدە مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ توپچىسى دەنىس لاۋ بىلەن مانچىستىر شەھىرىنىڭ توپچىسى بۇسنىڭ تۇقۇنۇشۇپ قالغاندىكى كۆرۈنۈش.

7.jpg

7. ئادەم دېڭىزى؛ بۇ مەيدان مۇسابىقە 1971-يىلى 11-ئايدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئىككى تەرەپ 3-3 نەتىجە بىلەن تەڭلەشكەن. مۇسابىقە كۆرگەن تاماشىبىنلارنىڭ سانى 63000 دىن ئېشىپ كەتكەن. رەسىمدىكى مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ توپچىسى مەكىلروينىڭ توپ ئۇرغان كۆرۈنۈشى.

8.jpg

8. قايتۇرما زەربە بېرىش؛ كونا تىرانفورىت 1974-يىلى.  دەنىس لاۋ قىزىل ئالۋاستى قۇشۇنىدا 11 يىل توپ تەپكەن. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئۇ پۇتىنىڭ كەينىدە قاپقىغا توپ ئۇرغاندىكى كۆرۈنۈش.

9.jpg

9. بەختسىزلىك؛ دەنىس لاۋ توپ كىرگۈزگەندىن كىيىن مەيدان ئىچىگە مەسىتانىلەر كىرۋېلىپ، مۇسابىقىنىڭ ۋاقىتلىق توختىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى نەتىجىنىڭ ئىناۋەتلىك قىلغان ئەمما مانچىستىر بىرلەشمىسى دەرىجە چۈشۈپ كەتكەن.

10.jpg

10. قورشاۋ؛ بۇ مانچىستىر بىرلەشمىسى مەستانىلرىىنىڭ مەيدن ئىچىگە كىرۋالغاندىكى كۆرۈنۈش.

11.jpg

11. تېلېۋېزۇردا تارقىتىلىشنىڭ چەكلىنىشى؛  بۇ مەيدان مۇسابىقە 1985-يىلى 9-ئايدا ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقە بولۇپ، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ھېچقاندا ئالاھىدە ئەھۋالمۇ يۈز بەرمىگەن. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مانچىسىتىر بىرلەشمىسى 3-0 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلغان. بىراق تېلېۋېزۇردا تارقىتش مەنئىي قىلنغان. پەقەت بۇ مەيدان تاماشىبىنلار نەق مەيداندىن بەختىلىك ھالدا بۇ مۇسابىقىنى كۆرگەن.

12.jpg

12. تەربىرىكلەش؛ بۇ مەيدان مۇسابىقە 1989-يىلى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، مانچىستىر شەھىرى 5-1 چوڭ نومۇر پەرىق بىلەن مانچىستىر بىرلەشمىسىنى مەغلۇپ قىلغان. كۆك ھىلال ئاي قۇشۇنىنىڭ قاپقىچىسى كوپىر تەبىرىكلەش ھەركىتى ئىشلىگەندىكى كۆرۈنۈش.

13.jpg

13. ئۆز-ئارا قۇچاقلىشىش؛ مانچىستىر شەھىرىنىڭ 5-1 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلغاندا توپ كىرگۈزگەندىكى توپچىلارنىڭ تەبىرىكلەش ھەركىتى.

14.jpg

14. غالجىرلاشماق؛ مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ 1993-يىلى كۈزدە  3-2 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلغاندىكى مۇسابىقىسى بولۇپ، روي كىئاننىڭ مانچىستىر شەھىرىنى بوغۇزلىغاندىكى قەبىھلەرچە تەبىرىكلەش ھەركىتى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مانچىستىر بىرلەشمىسى 2 توپ ئارقىدا قالغان ئەھۋال ئاستىدا كەينى-كەينىدىن توپ ئۇرۇپ غەلبە قىلغان.

15.jpg

15. قالپاق ئۇيۇنى؛  كانچىلىسكس 1994-يىلى 11-ئايدىكى بۇ مەيدان مۇسابىقىدە 3 توپ ئۇرۇپ، مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ 5-0نەتىجە بىلەن غەلبە قىلشىغا ياردەم قىلغان.

16.jpg

16. شاھلىق؛ كانتونانىڭ دەۋىرىگە قارايدىغان بولساق، 1996-يىلدىكى بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مانچىستىر بىرلەشمىسى 3-2 نەتىجە بىلەن مانتىچستىر شەھىرىنى مەغلۇپ قىلغان. كانتونا بولسا نوختا توپ ئۇرۇپ غەلبىنى مۇقۇمدىغان. شۇ پەسىلدە مانچىستىر بىرلەشمىسى قوش شاھ بولغان.

17.jpg

17. پاجىئەلىك ۋەقە؛ ۋاقىت بىر قەدەمدىن بىزگە يېقىنلاۋاتىدۇ. 2001-يىلى روي كىئان بۇ مەيدان مۇسابىقىدە قەستەنلىك ھالدا خالانىدنىڭ ئىككى پۇتىغا تېپىۋەتتى. بۇ مەيدان مۇسابىقە كىلاسسىك مۇسابىقىگە ئايلاندى.

19.jpg

18. خوشلىشىش؛ بۇ 2002-2003-يىللىق مۇسابىقە پەسىلى بولۇپ، بۇ مانچىستىر شەھىرىنىڭ مايىن يولى پۇتبول مەيداندىكى(بۇ مەيدان مانچىستىر شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ، 1923-يىلدىن 2003-يىلىغىچە مانچىستىر شەھىرىنىڭ ساھىبخان مەيدانى بولغان.) ئەڭ ئاخىرقى مەيدان مۇسابىقىسى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مانچىستىر شەھىرى 3-1 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلغان. بۇ چىرايلىق خوشلىشىش بولغان.

19.jpg

19. قەھرىمانلىق؛ مانچىستىر دىربىسىنىڭ 2007-يىلىغا كەلگەندە، مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ قاپقىچىسى ۋاندىر سار مانچىستىر شەھىرىنىڭ توپچىسى ۋاسسىلنىڭ توپنى تۇسۇپ قېلىپ، مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ 1-0 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلشىغا زور كۈچ قۇشقان. بىر كۈندىن كىيىن، چېلسى كۇلۇبى ئارسىنالغا ئۇتتۇرۇپ، مانچىستىر بىرلەشمىسى 16-قېتىملىق ئېنگىلانىد بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيۇنى بولغان.

20.jpg

20. تەزىيە بىلدۈرۈش؛ «مىيۇنخىن ئايرۇپىلان ۋەقەسى»نىڭ 50 يىللىقىنى كۈتىۋېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن 2008-يىل 2-ئايدا ئىككى تەرەپ كونا تىرانفورىت مەيدانىدا تەزىيە بىلدۈرگەن. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مانچىسىتىر شەھىرى 2-1 نەتىجە بىلەن مېھمان مەيداندا غەلبە قىلىپ قايتىقان.

21.jpg

21. قۇشۇپ بېرىلگەن ئۇزۇن ۋاقىت؛  مانچىستىر دىربىىسىنىڭ كىلاسسىكىنىڭ كىلاسسىكى بولغان 2009-يىلى 9-ئايدىكى مۇسابىقىدە مانچىستىر بىرلەشمىسى 3 قېتىم توپ ئۇرۇپ نومۇر پەرقىنى ئاشۇرسا، مانچىستىر شەھىرى 3 قېتىم توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈرۋالغان. قۇشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتىنىڭ 96-مىنۇتىدا ئوۋىن بىر توپ ئۇرۇپ مانچىستىر شەھىرىنى بوغۇزلاپ تاشلىغان.

22.jpg

22. بوغۇزلاش؛ ئېنگىلانىد بىرلەشمە لوڭقىسىنىڭ 2010-يىلدىكى مۇسابىقىنىڭ تۇنجى ئۇچۇرشىشىدا مانچىستىر شەھىرى 1-0 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلغان. ئىككىنچى ئۇچۇرۇشىش مۇسابىقىدە مانچىستىر بىرلەشمىسى 3-1 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلغان. رونى ھەل قىلغۇچ بىر توپ ئۇرغان. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئاستىىنۋېللانى يېڭىپ چېمپىيۇن بولغان.

23.jpg

23. قوشنىلارنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭى؛ سىچولىسنىڭ توپى بىلەن قارشى تەرەپنى مەغلۇپ قىلغاندا، فۇرگۇسىننىڭ خوشاللىقىدا ئىككى قولىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ، تەبىرىكلىگەن كۆرۈنۈش.

24.jpg

24. پانۇسگۈل ھەركىتى؛ بوغۇزلاش يەنىلا بوغۇزلاش. بۇ مەزگىللەردە مانچىستىر بىرلەشمسى بوغۇزلاشقا خۇمار بولۇپ قالدى. 2011-يىل 2-ئايدا رونى بۇ تارىخى خارەكتىرلىك پانۇسگۈل شەكىلدىكى بوشلۇقتا ئۇرۇلغان توپى بىلەن كىلاسسىك تارىخ يازمىسىغا كىردى.

25.jpg

25. ھاۋا ئۆزگىرىشى؛ ئېنگىلانىد ئۇيۇشما لوڭقىسىنىڭ 2011-يىلدىكى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ياياتورى مانچىستىر بىرلەشمىسىنى بوغۇزلاپ تاشلاپ، ھەل قىلغۇچقا ئېلىپ كىردى. ئەڭ ئاخىرىدا سىتوك شەھىرىدىن غالىب كېلىپ چېمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈردى.

26.jpg

26. نېمىشقا دائىم يەنىلا مەن؟: مانچىستىر شەھىرى 2011-يىل كۈزدە 6-1 نەتىجە بىلەن مانچىستىر بىرلەشمىسىنى مەغلۇپ قىلغاندا، بالوتىلى تەبىرىكلەش ھەركىتىنى بەك ھەددىدىن ئاشۇرۋەتكەن بولۇپ، فۇرگۇسىنمۇ بۇنى مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ ناچار كۈنى دەپ ھېسابلىدى.

27.jpg

27. 6 مىنۇتلۇق جەڭ؛ قوشماق مانچىستىرنىڭ چېمپىيۇنلۇق كۆرىشىدە 2012-يىلى قىممىتى 6 مىنۇتلۇق جەڭدە كومپانىنىڭ كاللا توپى بىلەن غەلبە قىلغان. مانچىستىر شەھىرى ئەڭ ئاخىرقى بىر ئايلانمىدا ئايال پادىشاھ كۇلۇبىنى يېڭىپ چېمپىيۇن بولغان.

28.jpg

28. تەشەككۇر سالىمى؛ مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ 2012-يىلى 12-ئايدا 3-2 نەتىجە بىلەن مانچىستىر شەھىرىنى مەغلۇپ قىلغان مۇسابىقىدە، ۋان پىرسى ئەڭ ئاخىرىقى ۋاقىتلاردا ئىختىيارى توپ ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ، مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ 5 مىنۇت ئۈستۈنلۈككە ئېلىپ چىقىپ غەلبە قىلغان. شۇنىڭ بىلەن فۇرگۇسىننىڭ قولىدىكى كوماندا چېمپىيۇنلۇقنى ئالغان. بۇ مانچىسىتىر بىرلەشمىسىنىڭ دىربىدىكى ھازىرغاقەدەر غەلبە قىلغان ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقىسى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-2 19:54:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-2 20:02:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار، تور ئوڭشىلىپ سەپكە قايتىپ ھەرقايسىڭلار بىلەن دىدارلىشالىغانلىقىدىن تولىمۇ خۇرسەنمەن. دىدار غەنىمەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-2 20:17:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-2 20:27:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىرداش يوللىغان ۋاقتى  2014-11-2 20:02
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار، تور ئوڭشىلىپ سەپكە قايتىپ  ...


قارشى  ئالمىز  ئەمدى  جەميەتنى قالايمىقان  قىلماڭلار  ئاشۇنداق  تاش قۇراللار دەۋرىگە قايتىپ كىتىدىغان  ئېش  بار
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-2 20:39:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
79-يىللىرى لاباكو ئىشتان تازا مودا بولغان چاغلار ئوخشايدۇ ھە !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-2 20:50:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما بوپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-2 21:10:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنىسى تەكرار تېما بولۇپ قاپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-2 21:31:17 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-2 21:35:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈرۈش ئادرىسىنى يوللىمامسىلەر ، تىزراق
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-2 21:37:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-2 21:37:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-10 01:46

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش