akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1560|ئىنكاس: 36

ئېنگىلانىد بىرلەشمسى 10-ئايلانما خەۋىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
24160G55313.jpg

11-ئاينىڭ 1-كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى كەچ سائەت 8:45 تە 2014-2015-يىللىق ئېنگىلانىد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ 10-ئايلانمىسىدا لېۋىرپول كۇلۇبى مېھمان مەيداندا نېۋكاستىل كۇلۇبى بىلەن ئۇچۇراشتى. ئالدىنقى مەيداندا توپ كىرمەي ئاياقلاشتى. كىيىنكى مەيدان مۇسابىقىنىڭ 73-مىنۇتىغا بارغاندا نېۋكاستىل كۇلۇبى بىر توپ ئۇرۇپ، كىيىنكى ۋاقىتتا نەتىجە ئۆزگەرمەي، لېۋىرپول كۇلۇبى مېھمان مەيداندا مەغلۇپ بولدى.



  11-ئاينىڭ 1-كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى كەچ سائەت 9:00دا 2014-2015-يىللىق ئېنگىلانىد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ 10-ئايلانمىسىدا ئارسىنال كۇلۇبى ساھىبخان مەيداندا بۇرنىلېي كۇلۇبىنى كۈتىۋالدى. مۇسابىقە باشلىنىپ ئالدىنقى مەيداندا بىرمۇ توپ كىرمەي ئاياقلاشتى. كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 70 مىنۇت بولغاندا ئارسىنال توپچىسى سانچىس بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 1-0 قىلدى. 2 مىنۇتتىن كىيىن ئارسىنالدىن چامبېرىس بىر توپ ئۇردى. مۇسابىقىنىڭ قۇشۇپ بېرىلگەن ۋاقتىدا يەنى 91 مىنۇت بولغاندا سانچىس يەنە بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىدە ئارسىنال 3-0 بىلەن غەلبە قىلدى.



  11-ئاينىڭ 1-كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى كەچ سائەت 9:00دا 2014-2015-يىللىق ئېنگىلانىد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ 10-ئايلانمىسىدا چېلسى كۇلۇبى ساھىبخان مەيداندا ئايال پادىشاھ باغچە كۇلۇبىنى كۈتىۋالدى. ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىدە 31 مىنۇت بولغاندا چېلسى توپچىسى ئوسكار بىر توپ ئۇرۇپ ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقە ئاياقلاشتى. كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 62 مىنۇت بولغاندا ئايال پادىشاھ باغچە كۇلۇبى بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى. 74 مىنۇت بولغاندا قارشى تەرەپ ئەزاسى خازاردقا قائىدىگە خىلاپ ھەركەت ئىشلەپ نوختا توپ پۇرستىگە ئېرىشى ھەم بۇ توپنى خازارد ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ، 2-1 نەتىجە بىلەن چېلسى كۇلۇبى غەلبە قىلىپ بىرلەشمىدە ۋاقىتلىق بىرىنچىلىك ئورنىدا داۋاملىق تۇردى.



باشقا مۇسابىقىلەر:
ئېۋىرتون 0-0 سىۋانىس شەھىرى
ھول شەھىرى 0-1 جەنۇبىي ئامپىتۇن
لېيچىستىر 0-1 غەربىي بىرموۋىچ
سىتوك شەھىرى 2-2 غەربىي ھام
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-2 16:35:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   چېلسى خېلى ۋاقىتقىچە پۇتلاشمايدىغاندەكلا...
   سانچىس ئارسىنالغا يارىشىپلا كەتتى!

   سۇئارىزنىڭ يوقلىقى تېخىمۇ چانغۇەك...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-2 16:40:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مو قاقباش بىر مەيدانمۇ مەغلۇب بولمىدى ھە ھازىرغىچە. يامان رەقىبلىرى خىلى كەينىدىكەن ، بۇگۇن كەچ قىزىل جىنلار ھاۋارەڭ جىنلارنى پۇتلىۋەتسە خىلى خاتىرجەم چاپىدۇ بىرىنچىلىكتە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-2 16:41:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي  سانچىس  ئىسىل  بالىتىڭ    سىنىڭ قەدرىڭ بىزگە  خىلى ئۆتۆلدىغۇ،  

شۇنداق قىلىپ  «كۆك ئارمىيە »  تىخىچە ئۇتتارمىدىدە!
لىۋىرپولنىڭ بۇيىل  ھالى خىلىلا خاراپ  جۇمۇ!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-2 16:47:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىلىسنىڭ ئىپادىسى قالتىس بۇلۋاتىدۇ دىسە!!
لېۋىرپول ،سېرىق ھەرىلەر كۇچىسە بۇلىتى ، سېرىق ھەرە ئۇسۇملۇك ھەرە بوپ قالامۇ ئەمدى...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-2 16:56:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مورىنھوغا ئىنگىلات بىرلەشمىسى يارشىپ قاپتو ،  
ئوزىلنىڭ يارىسى سىقايدقمۇ ئاخشامقى مۇسابىقىگە قاتناشتىمۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-2 16:56:59 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-2 16:57:46 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-2 17:02:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېۋكاستىلنىڭ دائىملىق ئادىتى . بىرلەشمە باشلىغاندا دەرىجە چۈشۈش رايونىدا يۈرۈيدۇ . شۇندالا كۈچلۈك كوماندىدىن بىرنى ئۇتۇپ كەينى-كەينىدىن  ئالدىغا كەلگەننى سۈپۈرۈپ مېڭىپ خېلى بىر يەرگىچە نومۇرنى ئاشۇرۋالىدۇ .  تۈنۈگۈن نىۋكاستىل ئۇتىدۇ دېگەنتىم .شەھەر بىلەن مۇسابىقە ئويناپ ئۇتۇپلا كەينىدىن لېۋرپۇلنى ئۇتۋالدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-2 17:03:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باسا سانچىسنى نىمە سەۋەپ بىلەن سىتىۋەتكەنلىكىنى ھىچ بىلەلمىدىم.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-2 17:21:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇگۇن كەچ مانچىستىرنىڭ كارامىتىنى كۇرمىز  ياردارلار  ساقايغان بولغىيمىتى  .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-2 17:23:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-9 12:50

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش