ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 93 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بۇغدا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-1 18:33
2014-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى 12:00 دە 2014-يىللىق جۇڭگو ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسى 30-ئايلانما مۇسابىقىسى ئوينالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقە شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ بۇ پەسىللىك ئەڭ ئاخىرقى مەيدان مۇسابىقىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى مېھمان مەيدانىدا چېڭدۇ تىيەنچېڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينىدى.نەتىجىدە شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى 1-4 نەتىجىدە چېڭدۇ تىيەنچېڭ كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى.
بۇ پەسىل ئا دەرىجىلىك بىرلەشمە تۇنجى قېتىملىق ئۇچىرىشىش مۇسابىقىسىدە ئىككى كوماندا 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۇچىراشقان. شىنجاڭ كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا 1-0 نەتىجىدە غەلبە قىلغان. چېڭدۇ تىيەنچېڭ كوماندىسى ساھىبخان مەيدان تۆت مەيدان ئۇتۇپ، ئۈچ مەيدان تەڭلىشىپ، يەتتە مەيدان ئۇتتۇرغان. ھازىرغىچە بولغان 29 مەيدان مۇسابىقىدە بەش مەيدان ئۇتۇپ، سەككىز مەيدان تەڭلىشىپ، 16 مەيدان ئۇتتۇرۇپ 23 نومۇرغا ئېرىشىپ جۇڭگو ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىدە 15-ئورۇندا تۇرىۋاتقان كوماندا.
بۇ كوماندا ساھىبخان مەيدان 15 توپ كىرگۈزۈپ 19 توپ كەتكۈزگەن، ھازىرغىچە بولغان 29 مەيدان مۇسابىقىدە 25 توپ كىرگۈزۈپ، 44 توپ كەتكۈزگەن.
شىنجاڭ كوماندىسى سەككىز مەيدان ئۇتۇپ، ئون بىر مەيدان تەڭلىشىپ، ئون مەيدان ئۇتتۇرۇپ بىرلەشمىدە 35 نومۇرغا ئېرىشىپ جۇڭگو ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدە 9- ئورۇندا تۇرغان. مېھمان مەيداندا تۆت توپ كىرگۈزۈپ 12 توپ كەتكۈزگەن، ھازىرغىچە جەمئىي 28 توپ كىرگۈزۈپ، 29 توپ كەتكۈزگەن.
مۇسابىقە باشلىنىپ 24-مىنۇتتا چېڭدۇ تىيەنچىڭ كوماندىسىنىڭ چەتئەللىك ماھىرى برايىس بىر توپ كىرگۈزدى. مۇسابىقە 28-مىنۇتىغا قەدەم قۇيغاندا لوسېنۋېن بىر توپ كىرگۈزۈپ نۇمۇر پەرقىنى چوڭايتتى. ئالدىنقى يېرىم مەيداندا چېڭدۇ تىيەنچىڭ كوماندىسى 2-0 نەتىجىدە ئۈستۈنلىككە ئېرىشتى. كىيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 46-مىنۇتتا ياۋ شىيا بىر توپ كىرگۈزدى. مۇسابىقە 76-مىنۇتىغا قەدەم قويغاندا ياۋشىيا نۇقتا توپ كىرگۈزدى. ئەڭ ئاخىرىدا مۇسابىقە ئاياقلىشىدىغان ۋاقىتتا شىنجاڭ كوماندىسى بىر توپ كىرگۈزدى. ئاخىرىدا شىنجاڭ كوماندىسى مېھمان مەيدان 4-1 نەتىجىدە مەغلۇپ بولۇپ، 2013\\2014-مۇسابىقە پەسىللىك جۇڭگو ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنى ئاياقلاشتۇردى. |
|