ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 718 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەنگىلىيە ‹ سۈنئى ھەمرا › خەۋىرىنىڭ دىيىشىچە، لېۋىرپۇل تىرىنىرى روجىرىس زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا بىر شۇم خەۋەرنى ئاشكارلىغان، يەنى لېۋىرپۇل كوماندىسىدىكى توپچى سىتۇرىچ يارلانغانلىقى ئۈچۈن ئىككى ھەپتە ئارام ئالىدىكەن، يارا سەۋەبلىك نىيۇكاسىل ۋە چىلسى بىلەن بولغان بىرلەشمىدىكى مۇسابىقىگە، مادرىد بىلەن ئوينىلىدىغان ئۇزغۇنلۇق گورۇپپا مۇسابىقىسىگە قاتنىشالمايدىكەن. بۇ خەۋەر لېۋىرپۇل مەستانىلىرىگە زەربە بولغان، تىخىمۇ ھەيران قالدۇرارلىق خەۋەر بولسا لېۋىرپۇل كاپىتانى جىرراد زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا قىزىل قوشۇندىن ئايرىلىش ئويىنى ئاشكارلىغان.
جىرراد بىلەن لېۋىرپۇلنىڭ توختامى كىلەر يىلى توشىدىغان بولۇپ، لىكىن ئىككى تەرەپ تىخىچە يىڭى توختام ئېمزالىمىغان. ‹ كۈندىلىك ئەينەك خەۋىرى › نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جىرراد كىلەر پەسىل باشقا كوماندىغا قوشۇشۇلىشى مۈمكىن ئىكەن. جىرراد ‹ مىنىڭ توختىمىم كىلەر يىلى 5-ئايدا توشىدۇ، بۇنىڭغا قارىغاندا بۇ پەسىل مىنىڭ لېۋىرپۇلدىكى ئاخىرقى پەسلىم بولۇپ قالىدۇ، مەن مۇشۇ قىسقىغىنە ۋاقىتتا كۇلۇب ئۈچۈن بارلىق كۈچۈمنى چىقىرىشنى ئۈمۈد قىلىمەن. كىلەر يىلى توختام توشقاندىن كىيىن مەن پۇتبۇلچىلىقتىن چىكىنمەيمەن. مەن لېۋىرپۇلدا داۋاملىق قالامدىم ياكى باشقا كوماندىغا بىرىپ توپ تىپەمدىم بۇنى لېۋىرپۇل كۇلۇبى قارار قىلىدۇ. ئەگەر كۇلۇب تەرەپ يىڭى
توختام چىقارمىسا، مەن توپ تىپىش ئۈچۈن باشقا كوماندا ئېزدەيمەن › دىگەن.
جىرراد لېۋىرپۇلنىڭ روھى تۈۋرىكى، ئالدىنقى پەسىل ئۇ كوماندىنى يىتەكلەپ بىرلەشمىدە ئىككىنچى بولدى، كوماندىنى قايتىدىن ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىگە ئىلىپ كىرىپ، ئۆزىنى يەنە بىر قىتىم ئىسپاتلىدى. ئەگەر لېۋىرپۇل بۇ سادىق توپچىسى بىلەن توختام ئۇزارتمىسا، كىلەر يىلى لېۋىرپۇلدا چوڭ ئۆزگۈرۈش بولۇشى مۈمكىن.
|
-
|