akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1211|ئىنكاس: 22

تۈركىيە بىرلەشمىسى 7-ئايلانما خەۋىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-10-30 20:37:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   isyanqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-30 20:38  

   بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلغان تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ 7-ئايلانمىسىدىكى مۇسابىقىلەر:


    Kasımpaşa.png     VS    Torku Konyaspor.png

   بۇ ئايلانما مۇسابىقىدە بىرلەشمىدىكى كۈچلۈك ھېسابلىندىغان قاسىم پاشا كۇلۇبى ساھىبخان مەيداندا توركو كونيا تەنتەربىيسىنى كۈتىۋالدى. مۇسابىقە باشلىنىپ ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلشىدىغان ۋاقىتتا قاسىم پاشا كۇلۇبىدىن ئوسكار سىكارىيون بىر توپ ئۇرۇپ ئالدىنقى مەيدان ئاياقلاشتى. كىيىنكى مەيدان مۇسابىقىدە قاسىم پاشا كۈچەپ ھۇجۇم قىلىپ ئويناپ 70 مىنۇت بولغاندا ريان بابىل بىر توپ ئۇردى. كىيىن نەتىجە ئۆزگەرمەي قاسىم پاشا كۇلۇبى 2-0 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلدى.


Fenerbahçe.png      VS      Gençlerbirliği.png

   تۈركىيە زەردارى فەنەرباغچە كۇلۇبى ساھىبخان مەيداندا قارشى تەرەپ ياشلار بىرلىكى كۇلۇبىنى كۈتىۋالدى. فەنەرباغچە كۈچلۈك ھۇجۇم قىلىپ قارشى تەرەپكە بېسىم قىلىپ ئوينىغان بولسىمۇ ئالدىنقى مەيداندا توپ كىرمەي ئاياقلاشتى. كىيىنكى مەيدان مۇسابىقىنىڭ 50-مىنۇتىغا بارغاندا  فەنەرباغچە بىر نوختا توپ پۇرسىتىگە ئېرىشتى. بۇ توپنى ئەمرە بەلۆزئوغلى ئۇرۇپ ۋاقىتىلىق ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى. 81 مىنۇت بولغاندا ياشلار بىرلىكى كۇلۇبىدىن لىۋىيۇ ئانتال بىر توپ ئۇرۇپ تەڭلىشۋالدى. فەنەرباغچە كۈچەي ئويناپ 5 مىنۇتتىن كىيىن يەنە بىر نوختا توپ پۇرسىتىگە ئېرىشىپ بۇ توپنى گوللانىيەلىك توپچى كۇيىت ئۇرۇپ كىرگۈزدى. كىيىن نەتىجە ئۆزگەرمەي فەنەرباغچە قىممەتلىك 3 نومۇرنى ئالدى.



Trabzonspor.png    VS    Gaziantepspor.png

   تۈركىيە ئەنئەنىۋى كۈچلۈك ھېسابلىندىغان تىرابىزون تەنتەربىيسى ساھىبخان مەيداندا گازىئەنتەپ تەنتەربىيسىنى كۈتىۋالدى. مۇسابىقە باشلىنىپ 7 مىنۇت بولغاندا گازىئەنتەپ تەنتەربىيسىدىن مۇھەممەد دەمىر بىر توپ ئۇرۇپ ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى. 18 مىنۇت بولغاندا ئەردەم شەم بىر توپ ئۇرۇپ گازىئەنتەپ تەنتەربىيسى 2 توپ ئۈستۈنلۈككە چىقتى ھەم ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقە شۇنىڭ بىلەن ئاياقلاشتى. كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ تىرابىزون كۈچلۈك ھۇجۇم بىلەن 48 مىنۇت بولغاندا ئەسسائىد بەلقالەم بىر توپ ئۇردى. مۇسابىقە شۇنداق كەسكىن ئېلىپ بېرىلدى. بىر نەچچە مىنۇت ئۆتمەيلا گازىئەنتەپ تەنتەربىيسىدىن مۇھەممەد دەمىر يەنە بىر توپ ئۇردى. 63 مىنۇت بولغاندا تىرابىزوندىن مۇستاپھا ياتابارە بىر توپ ئۇردى. بىر مىنۇتتتىن كىيىن گازىئەنتەپ توپچىسى جون چىبۇكى بىر توپ ئۇرۇپ يەنىلا ئۈستۈنلۈكنى قولدىن بەرمىدى. 67 مىنۇت بولغاندا تىرابىزوندىن سەفا يىلماز بىر توپ ئۇردى. كىيىن تىرابىزون كۈچۈپ تىرشىپ ئويناپ مۇسابىقىنىڭ 90-مىنۇتىغا بارغاندا ئوسكار كاردوزونىڭ بىر توپ ئۇرۇشى بىلەن تەڭلىشىپ بىر نومۇرغا ئېرىشتى.



Başakşehir.png     VS    Galatasaray.png

   بۇ مەيدان مۇسابىقىدە يېڭىدىن دەرىجە ئۆرلەپ چىققان ئىستانبول باش شەھەر كۇلۇبى ئۆز مەيدانىدا تۈركىيە زەردارى گالاتاساراينى كۈتىۋالدى. مۇسابىقە باشلىنىپ 16 مىنۇت بولغاندا ئىستانبول باش شەھەر كۇلۇبىدىن ماركىيو موسسورو بىر توپ ئۇرۇپ ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى. 4 مىنۇت ئۆتمەيلا سەمىھ شەنتۈرك بىر توپ ئۇرۇپ باش شەھەر كۇلۇبى 2 توپ ئۈستۈنلۈككە ئۆتىۋالدى. مۇسابىقىنىڭ 69-مىنۇتىغا بارغاندا باش شەھەر كولۇبىدىن ماركىيو موسسورو يەنە بىر توپ ئۇردى. 76 مىنۇت بولغاندا گالاتاساراي يەنە بىر توپ ئىستىمال قىلدى ھەم شۇنىڭ بىلەن مۇسابىقە ئاياقلاشتى. نەتىجىدە گالاتاساراي مېھمان مەيداندا 0-4 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ بولدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئىستانبول باش شەھەر كۇلۇبىنىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولدى.



Erciyesspor.png     VS    Beşiktaş.png

   بۇ مەيدان مۇسابىقىدە تۈركىيە زەردارىدىن بەشىكتاش كۇلۇبى مېھمان مەيداندا قەيسەرى ئەرجىيەس بىلەن تۇتۇشتى. ئىككى تەرەپ ئالدىنقى مەيداندا توپ كىرگۈزەلمەي ئاياقلاشتى. كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ، 55 مىنىۇت بولغاندا ئەرجىيەس تەنتەربىيسىدىن جون بوي بىر توپ ئۇردى. 68 مىنۇت بولغاندا بەشىكتاش كۇلۇبىنىڭ بىر ئەزاسى قىزىل كارتا بىلەن 10 ئادەم قالدى. 70 مىنۇت بولغاندا بەشىكتاشتىن كەرىم بىر توپ ئۇردى. 85 مىنۇت بولغاندا بەشىكتاشتىن كەرىم يەنە بىر توپ ئۇردى. پۇرسەتنى مۇھىم بىلگەن ئەرجىيەس بولسا 90 مىنۇت بولغاندا بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى. قۇشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتنىڭ 92-مىنۇتىدا ئەرجىيەس تەنتەربىيسىدىن جەنىك ئەھمەد بىر توپ ئۇرۇپ بەشىكتاشنى بۇغۇزلاپ تاشلىدى.



باشقا مۇسابىقىلەر:
مەرسىن( يېڭىدىن دەرىجە ئۆرلەپ چىققان)  4-2 كونا شەھەر تەنتەربىيسى
بالىقەسىر تەنتەربىيسى( يېڭىدىن دەرىجە ئۆرلەپ چىققان) 0-5 بۇرسا تەنتەربىيسى
سىۋاس تەنتەربىيسى 0-1 چايقۇر رىزە تەنتەربىيسى
قارابۈك تەنتەربىيسى 2-1 ئاكھىسار شەھەر تەنتەربىيسى

كىيىنكى ئايلانمىدا تۈركىيە دىربىىسىدىن بولغان بەشىكتاش بىلەن فەنەرباغچىنىڭ مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىدۇ. گالاتاساراي بولسا كۈچلۈك قاسىم پاشانى كۈتىۋالىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-30 20:45:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇسابىقىلەر بەك كەسكىن توپچىلارنىڭ ئسىملىرى قۇلاققا يېقىشلىق بۇنداق مۇسابىقىلەرنى كۇرۇشمۇ ھۇزۇر دىسە !!  توختاپقالماي داۋاملىق يوللاپتۇرۇڭ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-30 20:46:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈركىيە بىرلەشمىسىنىڭ دەرىجە رەت تەرتىۋى ھازىر قانداقكەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-30 20:46:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈركىيە بىرلەشمىسىنىڭ خەۋىرى ئۈزۈلۈپ قالغىلى خېلى بولغان.........جاپا چەكتىڭلار ........
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-30 20:53:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گالاتاساراي دەرىجە ئۆرلەپ چىققان ئىستانبول باش شەھەر كۇلۇبىغا 4-0 ئۇتتۇردى . بۇمۇ يىڭلىقكەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-30 21:01:27 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەنتۈرك قاچانلاردا باشقا شەھەرگە يۆتكىلىۋالغاندۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-30 21:10:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گالاتا ساراي ساپلا 4 توپتىن ئىستىمال قىلىۋاتىدىغۇ ؟!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-30 21:23:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇركىيەنىڭ بۇيىلقى ئۇزغۇنلۇق ئويناۋاتقان كۇماندىسى قانچە  ؟ گالاتا ساراي تازا يەپتىغۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-10-30 21:25:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
XATKAR886 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-30 20:46
تۈركىيە بىرلەشمىسىنىڭ دەرىجە رەت تەرتىۋى ھازىر قانداق ...

ھازىرقى رەت-تەرتىپ ئەھۋالى:
ffa.jpg

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
XATKAR886 + 50 رەھمەت

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-30 21:35:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىملار بىر خىل قۇلاققا يىقىشلىق ئاڭلىنىدىكەن، تىما ئىگىسىگە رەھمەت.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-30 21:41:33 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گالاتا ساراي يىڭى دەرىجە ئۇرلەپ چىققان كوماندا تەرىپىدىن قىرغىن قىلىنىپتىغۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-30 22:10:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گالاتساراي  ۋاي  نۇمسۇم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-26 15:40

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش