ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 718 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەنگىلىيە ‹ talksport › نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ئېنگلاند بىرلەشمىسىدىكى ئارسىنال كۇلۇبى قىشلىق يۆتكۈلۈش بازىرىدا ئارقا بەل ھەم مۇداپىيەنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ماھىر سىتىۋالماقچى ئىكەن. ئۇلارنىڭ ھازىرقى نىشانى مادرىد كۇلۇبىدىكى ئىلىيارىمەندى ئىكەن، مۇداپىيە ئۈچۈن ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى بىلباۋ رىقابەت كۇلۇبىنىڭ مۇداپىيەچىسى لاپورتىنى قوشۇۋالماقچى ئىكەن، ئىلىيارىمەندىنىڭ ھازىرقى باھاسى 38 مىليون ياۋرۇ، لاپورتىنىڭ باھاسى 40 مىليون ياۋرۇ ئىكەن.
ئارسىنال ئېنگلاند بىرلەشمىسىنىڭ 9 ئايلانمىسىدىن كىيىن، 3 ئۇتۇش، 5 تەڭلىشىش، 1 ئۇتتۇرۇش بىلەن رەت تەرتىپتە 5-ئورۇندا تۇرىۋاتقان بولۇپ، مۇداپىيەدىكى يوچۇق كوماندىنىڭ نەتىجىسىگە تەسىر يەتكۈزگەن، ئارسىنال كوماندىسى 9 ئايلانمىدا 11 توپ كەتكۈزگەن بولۇپ، ۋىنگىر تىزراق بۇ يوچۇقنى تولۇقلىماقچى بولغان.
‹ talksport › نىڭ دىيىشىچە، ۋىنگىر قىشلىق يۆتكىلىش بازىرىدا 25 مىليون فونىستېرلىڭ ئاجرىتىپ، مادرىدتىكى ئىلىيارىمەندىنى سىتىۋالماقچى بولغان، ئىلىيارىمەندى
مادرىدتا تونى-كىروس ۋە مودرىچ بىلەن ئورۇن تالىشىدىغان بولۇپ ئاساسلىق ئەزا ئورنىغا ئېرىشەلمىگەن. يىڭى پەسىل باشلانغاندىن بىرى ئىلىيارىمەندى پەقەت 1 قىتىم ئاساسلىق ئەزا، 5 قىتىم زاپاس ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىقىپ، ئومۇمى 186 مىنۇت مۇسابىقە ئوينىغان.
ئارسىنال كۇلۇبىدىن باشقا ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى مىلەن كۇلۇبىمۇ ئىلىيارىمەندىگە قىزىقىۋاتقان بولۇپ، لىكىن مىلەن ئالدى بىلەن ئىجارىگە ئالماقچى بولغان، بۇ سودىدا ئارسىنال ئەۋزەل ئورۇندا بولۇپ ئۇلار 25 مىليون فونىستېرلىڭ بىلەن ئۇنى قوشۇۋالماقچى بولغان.
لاپورتىنىڭ توختام بۇزۇش ھەققى 40 مىليون ياۋرۇ بولۇپ، ئارسىنال كۇلۇبى بىلباۋ رىقابەت كۇلۇبى بىلەن باھانى مەسلىھەتلەشمەكچى بولغان.
|
-
|