ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 6825 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زەردار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-30 12:05
10-ئاينىڭ 30-كۈنى كېچە سائەت 1دە ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى 16گە كىرىش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلدى .
خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبى مېھمان مەيداندا قارشى تەرەپ ئىسپانىيە تۆۋەن دەرىجىدىكى كېرنىيا كۇلۇبىنى 4:1 نەتىجە بىلەن قىزغىن قىلدى . مۇسابىقىدە كاشىلىياس ، رونالدو قاتارلىق ئاساسلىق ئەزالار دەم ئالدى . ۋارانى 2توپ ئۇردى ، ئېرنەندىس بىر توپ ، مارسىلو بىر توپ ئۇردى ، قارشى تەرەپ بىر توپ قايتۇرىۋالدى .
مادرىد سەپ شەكلى :
ۋارتا : ناۋاس
بېكلەر : كاۋاخار ، ۋارانى ، ناچو ، ئاۋىلويا
ئوتتۇرا مەيدان : رودىرگىس ( 60`مارسىلو) ، ئېلىئامېندا ، قەدىرا ، ئېسكو ( 76`توماس)
ھۇجۇم : بېنزىما ( 76`مېدىلان ) ، ئېرنەندىس

10-ئاينىڭ 30-كۈنى كېچە سائەت 0دە بارسىلونا كوماندىسى بىلەن ئىسپانىيلىكلەر كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا كاتالونىيە لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلدى .مۇسابىقىدە بارسىلونادىن پېك بىر توپ ئۇردى ، ئىسپانىيلىكلەردىن ئاۋىلىيا بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈرۋالدى ، مۇسابىقە ئاياغلىشىپ نوقتا توپ تىپىشتى ، نەتىجىدە نوقتا توپتا بارسىلونا 4:2نەتىجە بىلەن ئىسپانىيلىكلەرنى ئۇتۇپ كاتالونىيە لوڭقىسىغا ئېرىشتى .
بارسىلونا سەپ شەكلى :
ۋارتا: ماشىپۇ
بېكلەر : ئادىرىيانو ( 73`گېلىماردو) ، بارتىلا ، پېك ( 46`ئېتىجا ) ، ئالبا ( 46`مونتىيا) ،
ئوتتۇرا مەيدان : روبوتى ( 60`خاۋى) ،ساپېر ( 76`خالىلېۋىچ) ، لافىنىيا( 60`لاچىدىچ)
ھۇجۇم : مونىر ، سۇيارىس ( 46`ساندىلو ) ، پىدىرو ( 46`ئاداما )

|
|