akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2497|ئىنكاس: 74

‹ ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى › گە ئىزاھات

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-10-29 18:15:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shevchenko تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-31 11:54  

e824b899a9014c08cd776453087b02087af4f4fc.jpg
ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسى يەنە ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىمۇ دىيىلىدۇ، بۇ مۇسابىقە ياۋرۇپا پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسىنىڭ يىتەكچىلىكىدە ھەر يىلى ئۆتكۈزىلىدىغان بولۇپ، ياۋرۇپا قىتئەسىدىكى پۇتبۇل كۇلۇبلىرىنىڭ سەۋىيەسى ھەم پەخرى ھىسابلىنىدۇ. ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى پۈتكۈل دۇنيادىكى سەۋىيەسى ئەڭ يۇقىرى بولغان، تەسىر كۈچى كۈچلۈك، كۇلۇبلارنىڭ سەۋىيەسىنى سىنايدىغان، مۇكاپاتى ئەڭ كۆپ بولغان تەنتەربىيە تۈرى ھەم پۇتبۇل مۇسابىقىسى ھىسابلىنىدۇ، ھەر يىلى مۇسابىقىنى تېلۋۇزۇردىن كۆرىدىغان تاماشىبىنلارنىڭ سانى 1 مىليارتتىن ئارتۇق بولۇپ نۇرغۇنلىغان ئۇلاپ تارقىتىش ھەققىگە ئېرىشىدۇ.

ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى تۇنجى قىتىم 1955-1956-يىلى مۇسابىقە پەسلى  باشلانغان بولۇپ، دەسلەپتە ياۋرۇپا كۇلۇبلار چېمپىيونلۇق لوڭقىسى (European Champion Clubs' Cup  )  دەپ ئاتالغان. 1992-1993-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە ياۋرۇپا پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسى مۇسابىقە نامىنى ۋە مۇسابىقە تۈزۈمىنى ئۆزگەرتكەن، مۇسابىقە نامىنى ( UEFA Champions League ) يەنى ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى دەپ ئۆزگەرتكەن. ئىلگىرىكى ياۋرۇپا كۇلۇبلار چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى  ھازىرقى ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسىغا ئۆزگەرتكەن. ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى باشلانغاندىن بۇيان خانلىق مادرىد كۇلۇبى 10 قىتىم چېمپىيون بولغان، ئۇنىڭ كەينىدىلا تۇرىدىغان AC مىلەن7 كۇلۇبى قىتىم چېمپىيون بولغان، بايرىن مىيۇنخىن كۇلۇبى بىلەن لېۋىرپۇل كۇلۇبى 5 قىتىمدىن  چېمپىيون بولغان، بارسىلونا كۇلۇبى بىلەن ئاجاكىس كۇلۇبى 4 قىتىمدىن  چېمپىيون بولغان.

1. مۇسابىقىنىڭ تارىخى
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن پۇتبۇل ھەركىتى پۈتكۈل دۇنيادا قايتىدىن گۈللەنگەن، لىكىن مەيلى دۆلەت كوماندىلىرى ئوتتۇرسىدىكى ياكى كۇلۇبلار ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقىلەر ناھايىتى ئاز بولغان. بۇ ۋاقىتتا فىرانسىيەلىك گابۇلىيار يانو ئىسىملىك ئادەم ياۋرۇپا كۇلۇبلار مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويغان. u=3589256642,4074614243&fm=96&s=DCCA722B66E31AAD6E802DB70100C0A0.jpg
يانو بولسا ياۋرۇپا پۇتبۇل ئەپەندىسنى باھالاش پائالىيتىنىڭ قۇرغۇچىسى، يەنە فىرانسىيە ‹ كوماندا › گىزىتى ، ‹ فىرانسىيە پۇتبۇلى › ژورنىلىنىڭ قۇرغۇچىسى. ئۇ ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى كۇلۇبلارنى يىغىپ مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش پىكىرىنى بەرگەن. يانونىڭ بۇ پىكىرى ياۋرۇپا پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسى، ياۋرۇپا پۇتبۇل كۇلۇبلىرى مىنىستىلىكى، خانلىق مادرىد قاتارلىق كۇلۇبلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن. ياۋرۇپا پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسى ‹ كوماندا گىزىتى › بىلەن ياۋرۇپادىكى ھەرقايسى كۇلۇبلار ئوتتۇرسىدا مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرۇشنى قارار قىلغان. لىكىن تۇنجى پەسىللىك مۇسابىقە كۇلۇبلار ئوتتۇرسىدا ئۆتكۈزۈلمەي، ياۋرۇپادىكى ھەرقايسى شەھەرلەر ئوتتۇرسىدا ئۆتكۈزۈلگەن. 1954-يىلى شىۋىتسارىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى تۇنجى قىتىم تېلۋۇزۇردا تارقىتىلىپ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەندىن كىيىن، ياۋرۇپا تېلۋۇزىيە ئورگانلىرىمۇ كۇلۇبلار مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى قوللىغان، ئۇلار شۇ ئارقىلىق پۇل تاپماقچى بولغان.
ياۋرۇپا پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسى 1955-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى پارىژدا يىغىن ئىچىپ كۇلۇبلار مۇسابىقىسىنى تەشكىللىگەن، مۇسابىقىنىڭ نامىنى  ياۋرۇپا كۇلۇبلار چېمپىيونلۇق لوڭقىسى دەپ ئاتىغان.

ئىسلاھات
1991-1992-يىلى مۇسابىقە پەسلىدىن ئىلگىرىكى مۇسابىقىلەرنىڭ ھەممىسى شاللاش مۇسابىقىسى ئىدى. 8 كوماندا گورۇپپىغا بۆلۈنۈپ شاللاش مۇسابىقىسى ئوينايتى، 1992-1993-يىلى مۇسابىقە پەسلىدىن باشلاپ (  ياۋرۇپا كۇلۇبلار چېمپىيونلۇق لوڭقىسى ) نامى ( ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ) گە ئۆزگەرتىگەن، ھەر ھەپتىنىڭ سەيشەنبە، چارشەنبە كۈنى مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلگەن. ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى بار-بارا ئۆزگۈرۈپ ماڭغان، ئىلگىرىكى ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ئالدىنقى قىتىملىق چېمپىيونى ۋە ھەرقايسى دۆلەت بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونىلا مۇسابىقىگە قاتنىشىش تۈزۈمى بىكار قىلىنىپ، پۇتبۇلدا كۈچلۈك بولغان بەزى دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشمىدىكى ئىككىنچى بولغان كوماندىسىمۇ مۇسابىقىگە قاتناشقان. بۇ ئۆزگۈرۈش مۇسابىقە قىتىم سانىنى كۆپەيتىۋەتكەن، ھەرقايسى كۇلۇبلارمۇ خىلى پايدا ئالغان.

1998-يىلى ھەرقايسى كۇلۇبلارنىڭ ياۋرۇپا دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى قۇرۇش پىلانىنى توسۇش ئۈچۈن، ياۋرۇپا پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسى ياۋرۇپا ئۇزغۇنلار لوڭقىسى مۇسابىقىسىنى بىكار قىلغان. ھەمدە ياۋرۇپادىكى كۇلۇبلارنىڭ نەتىجىسىگە ئاساسەن ھەرقايسى دۆلەت بىرلەشمىسىدىن بىردىن تۆتكىچە بولغان كوماندا ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىگە قاتناشقان. ئۇنىڭدىن سىرت گورۇپپا مۇسابىقىسىنى قوشقان، يەنى بىرىنچى باسقۇچتا ھەرقايسى بىرلەشمىلەردىن كەلگەن 32 كوماندا ھەربىر گورۇپپىغا تۆتتىن بۆلۈنۈپ سەككىز گورۇپپىغا ئايرىلغان، ھەربىر كوماندا ئالتە مەيدان مۇسابىقە ئوينىغان. گورۇپپىدىن ئالدىنقى ئىككى كوماندا ئىككىنچى قىتىملىق گورۇپپا مۇسابىقىسىگە كىرگەن، ئۈچىنچى بولۇپ چىققان كوماندا بىرلەشمە لوڭقىسىنىڭ ئۈچىنچى باسقۇچىغا بىۋاستە كىرگەن، ئىككىنچى قىتىملىق گورۇپپا مۇسابىقىسىدىن كىيىن 8 كوماندا شاللاش باسقۇچىغا كىرگەن.
2003-2004-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىن باشلاپ ئىككىنچى قىتىملىق گورۇپپا مۇسابىقىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، 16 كۈچلۈك كوماندا تاللاپ چىقىلىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشكىچە شاللاش مۇسابىقىسى ئوينىغان.
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى ياۋرۇپا پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئېسى پىلاتىنى 2014-يىلى ياۋرۇپا پۇتبۇل بىرلەشمىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقان، يەنى 2015-يىلدىن باشلاپ ياۋرۇپا بىرلەشمە لوڭقىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، بىرلەشمە لوڭقىغا قاتنىشىدىغان 32 كوماندا ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىگە قاتنىشىدۇ، ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىگە قاتنىشىدىغان كوماندا 32 دىن 64 كە كۆپەيتىلىدۇ. ياۋرۇپا پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسىنىڭ پىلانى 2014-يىل ئاخىرى قارار قىلىنىدۇ.

2. مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيتى
ئىسپانىيە بىرلەشمىسى، گىرمانىيە بىرلەشمىسى، ئېنگلاند بىرلەشمىسىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ كوماندىسى بىۋاستە مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ، ئىتالىيە بىرلەشمىسى، فىرانسىيە بىرلەشمىسى، پورتىگالىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئالدىنقى ئىككى كوماندىسى بىۋاستە مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ، ئىسپانىيە بىرلەشمىسى، گىرمانىيە بىرلەشمىسى، ئېنگلاند بىرلەشمىسىنىڭ 4- بولغان كوماندىسى،  ئىتالىيە بىرلەشمىسى، فىرانسىيە بىرلەشمىسى، پورتىگالىيە بىرلەشمىسىنىڭ 3- بولغان كوماندىسى تاللاش مۇسابىقىسى ئوينايدۇ.
باشقا دەرىجىسى تۆۋەن بولغان بىرلەشمىدىن پەقەت بىر كوماندىلا بىۋاستە مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ، يەنە بىر كوماندا  تاللاش مۇسابىقىسى ئوينايدۇ.

ئېنگىلاند بىرلەشمىسىدىكى لېۋىرپۇل كوماندىسى 2004-2005-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونى بولغان، لىكىن ئېنگلاند بىرلەشمىسىدە 5- بولۇپ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىتىگە ئېرىشەلمىگەن، چېمپىيون كوماندىنىڭ كىلەر قىتىملىق مۇسابىقىگە قاتنىشالماسلىقى نۇرغۇن كىشلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان، ياۋرۇپا پۇتبۇلچىلار جەمىئىيتى ۋىلىش بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونى Total Network Solution ( تولۇق تور ) كوماندىسى بىلەن لېۋىرپۇل كوماندىسىنى بىر مەيدان مۇسابىقىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ غەلبە قىلغان كوماندىنى ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىگە قاتناشتۇرماقچى بولغان. بۇ قارار ۋىلىش پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچىرىغان. ياۋرۇپا پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسى ئاخىرىدا لېۋىرپۇل كوماندىسىغا بىر قىتىم پۇرسەت بەرگەن، لىكىن لېۋىرپۇل كوماندىسى سالاھىيەت مۇسابىقىسىدىن باشلاپ ئوينىشى كىرەك ئىدى. لېۋىرپۇل كوماندىسى مۇسابىقىگە قاتناشقان بولسىمۇ لىكىن 16 كۈچلۈك مۇسابىقىسىدە بىنفىكا كوماندىسىدىن
3-0 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ بولۇپ شاللىنىپ كەتكەن.
2012-يىلى ئېنگلاند بىرلەشمىسىدىكى چىلسى كوماندىسىمۇ ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئېرىشكەن، لىكىن بىرلەشمىدە 6- بولۇپ قالغان، پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسىنىڭ يىڭى تۈزىمىگە ئاساسەن چېمپىيونلۇق سالاھىتى بىلەن كىيىنكى نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە قاتناشقان.

3. مۇسابىقە چۈشەندۈرلىشى
ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ باسقۇچ بويىچە ئىلىپ بىرىلىدۇ. بىرىنچىسى؛ سالاھىيەت مۇسابىقىسى، ئىككىنچىسى؛ گورۇپپا مۇسابىقىسى،
ئۈچىنچىسى؛ شاللاش مۇسابىقىسى.

سالاھىيەت مۇسابىقىسى  
گىرمانىيە بىرلەشمىسى، ئېنگلاند بىرلەشمىسىنىڭ 4- بولغان كوماندىسى،  ئىتالىيە بىرلەشمىسى، فىرانسىيە بىرلەشمىسى، پورتىگالىيە بىرلەشمىسىنىڭ 3- بولغان كوماندىسى باشقا دەرىجىسى تۆۋەن بولغان بىرلەشمىنىڭ ئىككىنچى بولغان كوماندىسى قاتارلىق 10 كوماندا مىھمان ھەم ساھىبجان مەيدان بولۇپ سالاھىيەت مۇسابىقىسى ئوينايدۇ، غەلبە قىلغان كوماندا ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىگە قاتنىشىدۇ، مەغلۇپ بولغان كوماندا ياۋرۇپا بىرلەشمە لوڭقىسىغا قاتنىشىدۇ.

گورۇپپا مۇسابىقىسى
گورۇپپا مۇسابىقىسىگە 32 كوماندا قاتنىشىدىغان بولۇپ ( 31 كوماندا بىلەن ئالدىنقى قىتىملىق چېمپىيون كوماندا ) ھەربىر كوماندا مىھمان ھەم ساھىبجان مەيدان بولۇپ ئالتە مەيدان مۇسابىقە ئوينايدۇ، ئېرىشكەن نومۇرىغا ئاساسەن ھەربىر گورۇپپىدىن ئالدىنقى ئىككى كوماندا شاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ، 3- بولغان كوماندا  ياۋرۇپا بىرلەشمە لوڭقىسىغا قاتنىشىدۇ.

گورۇپپىدىن چىقىش قائىدىسى
1. ئېرىشكەن نومىرىغا قارىلىدۇ
2. ئېرىشكەن نومۇرى ئوخشاش بولسا ئۆز-ئارا ئۇتقان قىتىم سانىغا قارايدۇ
3.ئۆز-ئارا ئۇتقان قىتىم سانى ئوخشاش بولسا ئۆز-ئارا ئۇرغان توپقا قارايدۇ
4. ئۆز-ئارا ئۇرغان توپى ئوخشاش بولسا مىھمان مەيداندا ئۇرغان توپىغا قارايدۇ
5.مىھمان مەيداندا ئۇرغان توپى ئوخشاش بولسا گورۇپپىدىكى ساپ توپقا قارايدۇ
6. گورۇپپىدىكى ساپ توپى ئوخشاش بولسا  گورۇپپىدىكى ئومومىي ئۇرغان توپىغا قارايدۇ

شاللاش مۇسابىقىسى
16 كۈچلۈك كوماندا تاللاپ چىقىلغاندىن كىيىن ھەربىر كوماندا مىھمان ھەم ساھىبجان مەيدان بولۇپ ئىككى مەيدان مۇسابىقە ئويناپ 8 كوماندا تاللاپ چىقىلىدۇ، ئوخشاش بىرلەشمىدىن كەلگەن كوماندىلارنىڭ ئۆز-ئارا ئۇچۇرۇشۇپ قىلىشىنىڭ ئالدى ئىلىنىدۇ، 8 كوماندا تاللاپ چىقىلغاندىن كىيىن  ئوخشاشلامىھمان ھەم ساھىبجان مەيدان بولۇپ ئىككى مەيدان مۇسابىقە ئوينايدۇ، قالغان مۇسابىقىلەر مۇشۇ تەرتىپ بويىچە ئېلىپ بىرىلىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا چېمپىيون كوماندا بارلىققا كىلىدۇ.

4. مۇسابىقە لوڭقىسى
ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ لوڭقىسى يوغان قۇلاق دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ياۋرۇپا پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسىنىڭ قائىدىسىگە ئاساسەن چېمپىيون كوماندا كىلەر قىتىملىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىن ئىلگىرى لوڭقىنى  ياۋرۇپا پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسىگە تاپشۇرىدۇ، بىراق ئۇلار شۇنىڭغا ئوخشاش لوڭقىدىن بىرنى ياسىتىۋالسا بولدۇ، ياساتقان لوڭقا ئەسلى لوڭقىنىڭ بەشتىن تۆت قىسمىدىن چوڭ بولۇپ كەتمەسلىكى كىرەك. بەش قىتىم چېمپىيون بولغان كوماندا ياكى ئۇدا ئۈچ نۆۋەت چېمپىيون بولغان كوماندا لوڭقىدىن بىرنى مەڭگۈلۈك ساقلاپ قالسا بولىدۇ.
1966-يىلى خانلىق مادرىد ئەسلى لوڭقىدىن بىرنى ساقلاپ قالغان، بەيرىن مىيۇنخىن كوماندىسى بىلەن ئاجاكىس كوماندىسى ئۇدا ئۈچ قىتىم چېمپىيون بولۇپ بىردىن لوڭقىنى ساقلاپ قالغان، AC مىلەن كوماندىسى 7 قىتىم چېمپىيون بولۇپ بىر لوڭقىنى ساقلاپ قالغان، لېۋىرپۇل كوماندىسىمۇ 5 قىتىم چېمپىيون بولۇپ بىر لوڭقىنى ساقلاپ قالغان، ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان لوڭقا بولسا 6-قىتىم ياسىتىلغان لوڭقا. 78310a55b319ebc45fa257d78226cffc1f1716a1.jpg

5. مۇسابىقىدىكى موھىم خەۋەرلەر
1. ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ئۇدا يىڭىلمەسلىك رىكورتىنى مانچېستېر بىرلەشمىسى ياراتقان، قىزىل ئالۋاستى قوشۇنى ئۇدا 25 مەيدان مەغلۇپ بولمىغان.

2. مانچېستېر بىرلەشمىسى 1996-1997-يىلى مۇسابىقە پەسلىدىن 2013-2014- يىللىق مۇسابىقە پەسلىگىچە ئۇدا 18 قىتىم ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىگە قاتنىشىپ خانلىق مادرىد 1955-1956-يىلى مۇسابىقە پەسلىدىن 1969-1970-يىللىق مۇسابىقە پەسلىگىچە ئۇدا 15 پەسىل ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىگە قاتنىشىش رىكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان.

3. ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى بىلىيالىيار كوماندىسى ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى كوماندىلار ئارىسىدا بىرلەشمىدە ئەڭ ناچار نەتىجىگە ئېرىشكەن كوماندا بولۇپ قالغان، بۇ كوماندا2011-2012-يىللىق ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىگە قاتناشقان بولۇپ لىكىن شۇ يىلى  بىرلەشمىدە 18-ئورۇنغا چۈشۈپ قىلىپ بىرلەشمىدە دەرىجە چۈشۈپ كەتكەن.

4. ئېنگلاند بىرلەشمىسىدىكى نوتتىڭھام ئورمان كوماندىسى ئىككى قىتىم  ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئېرىشكەن، بىراق ئېنگلاند بىرلەشمىسىدە پەقەت بىر قىتىم چېمپىيون بولغان، بۇ كوماندا  ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى تارىخىدىكى بىردىنبىر ئۆز بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا قارىغاندا  ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلىقىنى كۆپ ئالغان كوماندا.

5. مانچېستېر بىرلەشمىسى ئەڭ ئۇزۇن ساھىبخان مەيداندا مەغلۇپ بولمىغان كوماندا. ( ئۇدا 12 مەيدان ساھىبخان مەيداندا مەغلۇپ بولمىغان ) .

6. ھازىرغىچە 9 كوماندا بىر مەيدانمۇ مەغلۇپ بولماي چېمپىيون بولغان؛ ئۇلار AC مىلەن ( 1988-1989-يىللىق مۇسابىقە پەسلى، 1993-1994-يىللىق مۇسابىقە پەسلى )، خەلقئارا مىلەن ( 1963-1964-يىللىق مۇسابىقە پەسلى )، ئاجاكىس ( 1971-1972-يىللىق مۇسابىقە پەسلى، 1994-1995-يىللىق مۇسابىقە پەسلى )،
نوتتىڭھام ئورمان ( 1978-1979-يىللىق مۇسابىقە پەسلى )، لېۋىرپۇل ( 1980-1981-يىللىق مۇسابىقە پەسلى، 1983-1984-يىللىق مۇسابىقە پەسلى )،
مارسىل ( 1992-1993-يىللىق مۇسابىقە پەسلى )، بىلگىراد قىزىل يۇلتۇز ( 1990-1991-يىللىق مۇسابىقە پەسلى )، مانچېستېر بىرلەشمىسى ( 1998-1999-يىللىق مۇسابىقە پەسلى، 2007-2008-يىللىق مۇسابىقە پەسلى )، بارسىلونا ( 2005-2006-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ) .

7. پەقەت بەش كوماندا ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ بىردىن لوڭقىسىنى ساقلاپ قالغان. خانلىق مادرىد 10 قىتىم چېمپىيون بولۇپ، AC مىلەن 7 قىتىم چېمپىيون بولۇپ، لېۋىرپۇل 5 قىتىم چېمپىيون بولۇپ، بايرىن مىيۇنخىن بىلەن ئاجاكىس ئۇدا 3 قىتىم چېمپىيون بولۇپ بىردىن لوڭقىنى ساقلاپ قالغان.

8. ئارسىنال كوماندىسى 2005-2006- مۇسابىقە پەسلىدە ئۇدا 10 مەيدان توپ كەتكۈزمەي رىكورت ياراتتى.

9. لېۋىرپۇل بىلەن پورتو ئۇدا ئىككى يىل ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلىقىنى ھەم ياۋرۇپا بىرلەشمە لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئېرىشكەن.

10.  ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ تارىخىدا 5 قىتىم ئوخشاش بىرلەشمىدىن كەلگەن 3 كوماندا يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە بىرلىكتە كىرگەن.
1999-2000-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىن خانلىق مادرىد، بارسىلونا، ۋالۇنسىيە يىرىم ھەل قىلغۇچقا كىرگەن.
2002-2003-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىن يۇۋىنتۇس، خەلقئارا مىلەن، AC مىلەن  يىرىم ھەل قىلغۇچقا كىرگەن.
2006-2007-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە ئېنگلاند بىرلەشمىسىدىن لېۋىرپۇل، چىلسى، مانچېستېر بىرلەشمىسى  يىرىم ھەل قىلغۇچقا كىرگەن.
2007-2008-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە ئېنگلاند بىرلەشمىسىدىن لېۋىرپۇل، چىلسى، مانچېستېر بىرلەشمىسى  يىرىم ھەل قىلغۇچقا كىرگەن.
2008-2009-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە ئېنگلاند بىرلەشمىسىدىن ئارسىنال، چىلسى، مانچېستېر بىرلەشمىسى  يىرىم ھەل قىلغۇچقا كىرگەن.

11.  ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ تارىخىدا 5 قىتىم ئوخشاش بىرلەشمىدىن كەلگەن ئىككى كوماندا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئوينىغان.
1999-2000- يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىن خانلىق مادرىد بىلەن ۋالۇنسىيە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئوينىغان.
2002-2003-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىن يۇۋىنتۇس بىلەن AC مىلەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئوينىغان.
2007-2008-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە ئېنگلاند بىلەشمىسىدىن مانچېستېر بىرلەشمىسى بىلەن چىلسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئوينىغان.
2012-2013-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە گىرمانىيە بىرلەشمىسىدىن بايرىن مىيۇنخىن بىلەن دورتموند ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئوينىغان.
2013-2014-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىن خانلىق مادرىد بىلەن ئاتلىتكا مادرىد ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئوينىغان.

12. چېمپىيون كوماندىنىڭ گورۇپپىدىن چىقالماسلىق رىكورتىنى چىلسى 2013-2014-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە ياراتقان.

13. ئەڭ كۆپ ئىككىنچى بولغان كوماندىلار بايرىن مىيۇنخىن، بىنفىكا، يۇۋىنتۇس  ھەممىسى 5 قىتىم ئىككىنچى بولغان.

شەخىسلەر
1. خانلىق مادرىدنىڭ ئىلگىرىكى كاپىتانى گىنتو ئەڭ كۆپ ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئېرىشكەن. 1956-يىلدىن 1960-يىلغىچە،1966-يىلى بولۇپ 6 قىتىم چېمپىيونلىقىغا ئېرىشكەن.

2. خانلىق مادرىدنىڭ ئىلگىرىكى كاپىتانى گىنتو بىلەن AC مىلەننىڭ ئىلگىرىكى كاپىتانى مالدىنى ئەڭ كۆپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن توپچىلار. ئۇلار ئوخشاشلا 8 قىتىم ھەل قىلغۇچقا كىرگەن.

3. سىسار-مالدىنى بىلەن ئوغلى پاۋلو-مالدىنى بىردىنبىر  ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىگە قاتناشقان ئاتا-بالا ھىسابلىنىدۇ.

4. لېۋىرپۇلدىكى بوب- پەسلىي بىلەن ئەنچىلوتتى ئۈچ قىتىم كوماندىنى يىتەكلەپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشتۈرگەن تېرىنىر.

5. گوللاندىيەلىك سىدىروف بىردىنبىر ئۈچ كوماندىدا ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئېرىشكەن توپچى. 1995-يىلى ئاجاكىس كوماندىسىدا، 1998-يىلى خانلىق مادرىد كوماندىسىدا، 2003-يىلى، 2007-يىلى AC مىلەن كوماندىسىدا.


داۋامى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 14مۇنبەر پۇلى +800 تۆھپە +10 شۆھرەت +10 تەجرىبە +10 تىللا +10 يىغىش سەۋەبى
TORAM7 + 50
shemsherwaz + 10 قالتىس!
سەۋدا + 50 قالتىس!
ئابلەتجان + 50 نادىر
قورۇل + 50 قالتىس!
ھەمراھ + 50 قولىڭىزغا دەرد بەرمىگ.
جاغىستاي120 + 50 قالتىس!
بوغدا + 100 قالتىس!
زەردار + 100 قالتىس!
قازانچى + 50 قالتىس!
januzay + 50 ئەجىرلىك تېما
ئەلدوس + 50 قوللاش!
xabo + 50 قالتىس! ئاكا
shevchenko + 100 + 10 + 10 + 10 ياخشى تىما

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-29 18:32:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى تەپسىلى چۈشەندۈرۈش بوپتۇ، رەخمەت سىزگەبۇنى ئوقۇش ئارقىلىق ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسگە ئائىت نۇرغۇنلىغان بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم .تەشەكۈر !!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-29 18:45:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Putbolqak يوللىغان ۋاقتى  2014-10-29 18:35
يەنە چەكلىنىپ سەندە ساقام ئىز قوغلاپ تەكشۈرىدىغان  گۇ ...

شۇشۇ ئاكا مەنلام چۈپ قالىمەنكە بۇ قانۇننىڭ تۇرىغا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-10-29 18:24:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇشۇنچىلىك يوللىدىم، ئاخىرىنى ئاللا خالىسا ئەتە تاماملىۋىتىمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-29 18:24:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  تىمىڭىز  باشقۇرغۇچىلارنىڭ  باھالىشىدىن  ئۆتسە  تاپشۇرۇقنى  پاكىزە  ئېشلىگەن  بولسىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-10-29 18:25:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھمۇدىيە يوللىغان ۋاقتى  2014-10-29 18:24
بۇ  تىمىڭىز  باشقۇرغۇچىلارنىڭ  باھالىشىدىن  ئۆتسە  تاپش ...

قالغان قىسمىنى ئاللا خالىسا ئەتە تاماملىۋىتىمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-29 18:27:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھمۇدىيە يوللىغان ۋاقتى  2014-10-29 18:24
بۇ  تىمىڭىز  باشقۇرغۇچىلارنىڭ  باھالىشىدىن  ئۆتسە  تاپش ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاكا تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بۇپ قالدى مەن چەكلىنىپ كېتىپتىمەن ، نەچچىلىك ياتىمەن ئاكا بىر جاۋاپ بەرگەن بۇلساڭ ئەمدى چۇقۇم ئادەم بۇلۇپ كېتەتتىم ،  سەنسىز ئېنىڭ مەن شۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-29 18:28:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل تېمىدىن بىرسى كەپتۇ تۇلىمۇ ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقۇرى ، ئاقسىل كالتېسى ھەممىسى تۇلۇق تېما قالتىس
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-29 18:35:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xabo يوللىغان ۋاقتى  2014-10-29 18:27
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاكا تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بۇپ قالد ...


يەنە چەكلىنىپ سەندە ساقام ئىز قوغلاپ تەكشۈرىدىغان  گۇماندار بوپ قالسەندە سەن
نادىر تىما بوپتۇ قېرىندىشىم لۈكچەكلىككە ئۈسۈپ كىتىدىغان بولدىڭىز دە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-29 18:37:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xabo يوللىغان ۋاقتى  2014-10-29 18:27
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاكا تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بۇپ قالد ...

چاتاقچى يەنە نىم بولاپ چەكلىنىپ كەتتىڭ؟ بىرەر تىمىغا ئوت قويۋەتمىگەنسە...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-29 18:44:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xabo يوللىغان ۋاقتى  2014-10-29 18:27
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاكا تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بۇپ قالد ...

10  كۈن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-29 18:46:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

رەھمەت ئاكا سېنىڭ مۇشۇنداق كەڭ قۇرساقلىقىڭنى دىمىسەم    

مەن تېخى خىيالىمدا كەتتىم بۇلدى 2 يىل 6 ئاي دەپ يۇرۇپتىمەن مۇنبەر پارتىيسىگە رەھمەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 15:36

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش