ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 93 |
تۆھپىسى: سەر |
|
تارىخقا نەزەر سالساق، 1927 – يىلى ماي ئېيىنىڭ بېشىدا، ئەنگلىيە، شىۋېتسىيەنىڭ ئەينى چاغدىكى قەشقەردىكى كونسۇلخانىلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن، ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئۈستۈنئاتۇش يېزىسى ئىكىساق كەنتى دېھقانلار پۇتبول كوماندىسى قەشقەر شەھىرىگە كېلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ كونسۇلخانا خادىملىرىدىن تەشكىللەنگەن كوماندا بىلەن مۇسابىقىلىشىپ، ئەنگلىيە كونسۇلخانا كوماندىسىنى 2:1 نەتىجە بىلەن، شىۋېتسىيە كونسۇلخانا كوماندىسىنى 7:0 نەتىجە بىلەن ئۇتقان. بۇ، جۇڭگو پۇتبولچىلىقىدا ئابىدە خاراكتېرلىك نەتىجە بولۇپ قالغان.
جۇڭگو پۇتبولچىلىقى كەسىپلىشىش يولىغا ماڭغان 20 يىلدىن بۇيان، پۇتبولچىلىققا ھۆكۈمەت مەبلىغى ۋە ئەلئارا مەبلەغ كۆپلەپ سېلىنىپ، جايلاردا ئارقا – ئارقىدىن پۇتبول كۇلۇبلىرى ۋە كوماندىلىرى قۇرۇلۇپ، نۇرغۇن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، ھازىرغىچە جۇڭگو پۇتبولچىلىقىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش بولمىدى. ئېلىمىزدە پۇتبولچىلىقنى كەسىپلەشتۈرۈش ھەققىدە كەسكىن بەس – مۇنازىرە بولۇۋاتقاندا، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ نوپۇزلۇق مۇخبىرى شۈ جىرېن: بىر دۆلەتنىڭ پۇتبولچىلىق سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەن بولۇشىدىكى ئەڭ تۈپكى ئامىل شۇ دۆلەتتىكى پۇتبولغا قىزىقىدىغان ئاھالىنىڭ ئاز – كۆپلۈكىدە، دېگەنىدى. بۇ، پۇتبولنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكى ماھارەت تەنتەربىيە تۈرلىرى بىلەن بولغان ئەڭ زور پەرقىدۇر. پۇتبولنى ھەرگىزمۇ گىمناستىكا، سۇغا سەكرەش، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش، چېلىشىش قاتارلىق ئېلىمىزنىڭ خەلقئارالىق مۇسابىقىلەردىكى ئۈستۈنلۈككە ئىگە تۈرلىرى بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ، بۇ تۈرلەر ماھارەت خاراكتېرلىك شەخسلەر تۈرى بولۇپ، كەڭ ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە بولمىسىمۇ، ئۆزىمىزدىكى تىرىشچانلىققا تايىنىپ، دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرۇۋاتىمىز. پۇتبول ھەرىكىتىدىكى ئۈستۈنلۈك تامامەن كەڭ ئاممىۋى ئاساس ئاساسىدا جارى قىلدۇرۇلىدىغان بولۇپ، دۇنيادىكى پۇتبولچىلىق راۋاجلانغان ھەرقانداق دۆلەتتە پۇتبول شۇ دۆلەتتىكى ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئەڭ قىزىقىدىغان تەنتەربىيە تۈرى ھېسابلىنىدۇ.
بۈگۈنگە نەزەر سالساق، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېقىنقى ئىككى – ئۈچ يىلدا ياشلار، ئۆسمۈرلەر پۇتبولچىلىقىدا قولغا كەلتۈرگەن ئادەمنى پەخىرلەندۈرىدىغان نەتىجىلىرى جۇڭگو پۇتبولچىلىقىدىكى يارقىن نۇقتا بولۇپ قالدى. پۇتبول مەستانىلىرى بۇ يىلقى جۇڭگو A دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭدىكى مۇسابىقە مەيدانىدا ‹‹جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنىڭ ئۈمىدى شىنجاڭدا›› دېگەن لوزۇنكىنى ئېگىز كۆتۈردى.
شىنجاڭدا پۇتبولچىلىق كەڭ ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە، پۇتبولغا ئالاھىدە قىزىقىدىغان ھەم تالانتى بار ئۆسمۈرلەر كۆپ. ئۇنداقتا، شىنجاڭ ئېلىمىز پۇتبولچىلىقىنىڭ ئۈمىدى بولالامدۇ؟
2012 – يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 – باشلانغۇچ مەكتەپ ئۆسمۈرلەر پۇتبول كوماندىسى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋېيفاڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹ئۈمىد لوڭقىسى›› خەلقئارا ياشلار، ئۆسمۈرلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى، شۇنىڭدەك يەنە مەملىكەتلىك مەكتەپ پۇتبول كوماندىلىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپلەر گۇرۇپپىسى بويىچە چېمپىيون بولدى.
2013 – يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 – باشلانغۇچ مەكتەپ ئۆسمۈرلەر پۇتبول كوماندىسى ۋېيفاڭ ‹‹ئۈمىد لوڭقىسى›› خەلقئارا ياشلار، ئۆسمۈرلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى ۋە مەملىكەتلىك مەكتەپ پۇتبول كوماندىلىرىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە يەنە چېمپىيون بولدى، شۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 – باشلانغۇچ مەكتەپ ئۆسمۈرلەر پۇتبول كوماندىسى كورېيە فۇشەن ئۆسمۈرلەر كوماندىسىنى 7:0 نەتىجە بىلەن ئۇتتى.
2014 – يىلى 5 – ئايدا شىخەنزە شەھەرلىك 11 – باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبول كوماندىسى شىۋېتسىيە SKF (جۇڭگو) چەكلىك شىركىتى ياردەم بەرگەن ياشلار، ئۆسمۈرلەر تەكلىپ مۇسابىقىسىدە ئالتە مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھەممىسىدە ئۇتۇپ، چېمپىيون بولدى ھەم شىۋېتسىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ‹‹گۇتبۇرگ لوڭقىسى›› ياشلار، ئۆسمۈرلەر پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.
2014 – يىلى 7 – ئايدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 – باشلانغۇچ مەكتەپ ئۆسمۈرلەر پۇتبول كوماندىسى ‹‹ئۈمىد لوڭقىسى›› خەلقئارا ياشلار، ئۆسمۈرلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى، قەشقەر شەھەرلىك 14 – ئوتتۇرا مەكتەپ باشلانغۇچ مەكتەپ بۆلۈمى كوماندىسى مەملىكەتلىك مەكتەپ پۇتبول كوماندىلىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپلەر گۇرۇپپىسى بويىچە چېمپىيون بولدى، شىنجاڭ تەنتەربىيە كەسىپ – تېخنىكا ئىنستىتۇتى پۇتبول كوماندىسى 2014 – يىللىق مەملىكەتلىك 15 ياشلىق ئوغۇللار پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى. يېقىنقى ئۈچ يىلدا، شىنجاڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەر پۇتبول كوماندىلىرى مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ياشلار، ئۆسمۈرلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىدە ئاساسەن دېگۈدەك چېمپىيونلۇقنى قولدىن بەرمىدى.
بۇ نەتىجىلەر شىنجاڭنىڭ مۇنبەت پۇتبولچىلىق تۇپرىقىدىن ئېلىنغان ‹‹مول ھوسۇل››دۇر، ئاپتونوم رايونىمىز قولغا كەلتۈرگەن بۇ نەتىجىلەرگە ئىچكىرىدىكى ئۆلكە، شەھەرلەر ھەۋەس قىلماقتا، دېدى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ پۇتبول تەنھەرىكىتىگە مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ يى.
دەرۋەقە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قويۇق پۇتبولچىلىق كەيپىياتىنىڭ ئېلىمىزدە مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان سۆز تېمىسىغا ئايلانغانلىقى ھەممەيلەنگە ئايان.
‹‹قاراڭلار، شىنجاڭلىق بالىلارنىڭ روھىي ھالىتىگە، چىرايى ئاپتاپتا كۆيۈپ قارىدىغان، كۆزىدىن ئوت چاقناپ تۇرىدۇ، مانا بۇلار ھەقىقىي <پۇتبول مايسىلىرى>دۇر›› بۇ، ئېلىمىزنىڭ پۇتبولچىلىق ساھەسىدىكى ئەربابلارنىڭ شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىغا بەرگەن باھاسى. شىنجاڭلىق ياشلار، ئۆسمۈرلەر پۇتبولغا قىزىققاندىن سىرت، ئۇلارنىڭ تېزلىك، بەدەن ئىقتىدارى، كۈچ – قۇۋۋەت جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكى گەۋدىلىك بولۇپ، مەيداندىكى تىركىشىشتە ھەمىشە رەقىبلىرىگە پۇرسەت بەرمەيۋاتىدۇ. قويۇق پۇتبول كەيپىياتى، بەدەن ساپاسى جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈك شىنجاڭنىڭ ياشلار، ئۆسمۈر پۇتبولچىلىرىنى مەملىكەت ئىچى – سىرتىدىكى پۇتبول مۇسابىقىلىرىدە ئارقا – ئارقىدىن ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتۈردى.
2009 – يىلى ئېلىمىزدە مەكتەپ پۇتبول تۈرى يولغا قويۇلدى، شۇنىڭدىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن پۇتبول تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچى ئىلگىرىكى 30 مىڭدىن 100 مىڭغا يەتتى؛ ئاپتونوم رايونلۇق، ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك، ناھىيەلىك، يېزا – بازارلىق پۇتبول مۇسابىقىلىرىگە قاتناشقان ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىلگىرىكى 2000دىن ئون مىڭغا يەتتى؛ ئاپتونوم رايون بويىچە مەكتەپ پۇتبول كوماندىلىرى ئىلگىرىكى 200دىن 1000غا يەتتى؛ ياشلار، ئۆسمۈرلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىلىرى ۋە مەكتەپ پۇتبول پائالىيەتلىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 1000غا يېقىن ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپتە قانات يايدۇرۇلۇپ، سان ۋە سۈپەت جەھەتتە مەملىكەتنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇردى.
ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ پۇتبول تەنھەرىكىتىگە مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ يى مەكتەپ پۇتبول تەنتەربىيەسى ھەققىدە توختالغاندا خۇرسىنغان ھالدا مۇنداق دېدى: شۇنچە كۆپ پۇتبول ئىزباسارلىرى پۇتبولغا قىزىقسىمۇ، ئۆرلەپ ئوقۇش بېسىمى، ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، يەنە كېلىپ ئۇزاق مۇددەت سىستېمىلىق تەربىيەلىنەلمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ تالانتى كۆمۈلۈپ قېلىۋاتىدۇ.
دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى ياشلار، ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيەسى مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: پۇتبولغا قىزىقىدىغان شىنجاڭلىق بالىلارنىڭ ئاساسىي ماھارىتى ۋە تاكتىكىسى يۇقىرى ئىكەن، مەيداندىكى ماسلىشىشىمۇ شۇنچە ئەپچىل ئىكەن. ماھارەت تەنتەربىيەسى ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشتە، سىستېمىلىق، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەربىيە ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك تىرېنېر بىر سىستېما بولۇپ، ئۇلاردىن بىرى كەم بولسا، يېتىشتۈرۈلۈۋاتقان ئۈمىدلىك مايسا ياخشى ئۆسەلمەسلىكى مۇمكىن. شۇڭا ئەمدىكى قىلىدىغان زۆرۈر ئىشىمىز تۈزۈلمە، مېخانىزم جەھەتتە ھەم ئىش تەقسىماتى ئېنىق، ھەم ئۆزئارا زىچ ماسلىشىدىغان سىستېمىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئۆزئارا مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، كۈچنى ئەلالاشتۇرۇپ بىرىكتۈرۈشتىن ئىبارەت.
2014 – يىللىق مەكتەپلەر پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ھارپىسىدا، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى ياشلار، ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيەسى مەھكىمىسى، مائارىپ مىنىستىرلىقى تەنتەربىيە – سەھىيە – سەنئەت مەھكىمىسى، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى قاتارلىق تارماقلارنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى شىنجاڭغا كېلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەر پۇتبولچىلىقىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ھەققىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى ‹‹شىنجاڭنى پۇتبولچىلىقنى ئىسلاھ قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ تەجرىبە رايونى قىلىش ھەققىدىكى دەسلەپكى تەسەۋۋۇر ۋە تەكلىپ››نى ئوتتۇرىغا قويدى.
‹‹تەكلىپ››تە، شىنجاڭنىڭ مەكتەپ پۇتبولچىلىقىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى دوكلات قىلىنىش بىلەن بىللە، شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىدا يولۇققان مەسىلىلەر كۆپرەك ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، پۇتبولچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئېلىمىزنى تەنتەربىيەدە چوڭ دۆلەتتىن تەنتەربىيەدە كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلاندۇرۇشنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى، جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشنىڭ تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىملىقى، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا مۇھىم رولغا ئىگە ئىكەنلىكى، بولۇپمۇ پۇتبولنىڭ شىنجاڭدا قەلبلەرنى مايىل قىلىش، جاسارەتنى ئۇرغۇتۇش، ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، مەدەنىيەت بازىسىنى ئىگىلەش جەھەتتىكى ئەھمىيىتىنىڭ زورلۇقى تەكىتلەندى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يىل شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە: شىنجاڭنىڭ ناھىيە، يېزا، كەنتلىرىدە تەنتەربىيە – مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرغاندا، دىن ئەسەبىيلىكى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى تۈگەتكىلى بولىدۇ. شۇڭا، شىنجاڭغا شەرەپ كەلتۈرۈشتە، دۆلەتكە تۆھپە قوشۇشتا شىنجاڭ تەنتەربىيە ساھەسىدىكىلەرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان تارىخىي مەسئۇلىيىتى ۋە شەرەپلىك بۇرچى بار، دېدى.
ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى ۋە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە ياردىمىدە، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، شىنجاڭدا دۆلەت دەرىجىلىك ياشلار، ئۆسمۈرلەر پۇتبول مەشىق بازىسى قۇرۇش تەكلىپىنى، شۇنىڭدەك شىنجاڭدا دۆلەت پۇتبول كوماندىسىنىڭ شىنجاڭ گۇرۇپپىسىنى تەشكىللەش تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ناۋادا شىنجاڭدا دۆلەت پۇتبول كوماندىسىنىڭ شىنجاڭ گۇرۇپپىسى قۇرۇلسا، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى ۋە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ بىۋاسىتە رەھبەرلىكى ۋە ياردىمىدە، خەلقئارادىكى ئەڭ ئىلغار پۇتبول تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە باشقۇرۇش تەجرىبىسى بويىچە، شىنجاڭدا پۇتبول ئىزباسارلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ تاللاپ، 13 ياشلىق، 14 ياشلىق، 15 ياشلىق ئوغۇللار ۋە قىزلار پۇتبول كوماندىلىرىنى تەشكىللەشكە بولىدۇ. بۇ جەھەتتە گېرمانىيەنى مىسالغا ئېلىشقا بولىدۇ، 2014 – يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە گېرمانىيە چېمپىيون بولدى، ئەمما، بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئون نەچچە يىلدا گېرمانىيە پۇتبولچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى ئانچە ياخشى بولمىغانىدى. ئۇلار پۇتبولچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە قايتا ئويلىنىپ، گېرمانىيە پۇتبولچىلىقىنى گۈللەندۈرۈش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭىدىن 366 پۇتبول مەشىق بازىسى قۇرغان، مەشىق بازىلىرىغا 11 ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان ئۈمىدلىك ئۆسمۈرلەرنى تاللاپ، گېرمانىيە پۇتبولچىلىقىنىڭ ئۈمىدىنى شۇلارغا باغلىغان. شۇنىڭدىن كېيىنكى ئون يىلدا، گېرمانىيەنىڭ A ۋە B دەرىجىلىك ياشلار، ئۆسمۈرلەر پۇتبول كوماندىلىرىنى مەشىقلەندۈرۈشكە خەجلىگەن پۇلى 930 مىليون ياۋروغا يەتكەن. بۈگۈنكى كۈندە، گېرمانىيە پۇتبولچىلىقى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالدى. پۇتبول ساھەسىدىكى كۆپلىگەن ئەربابلار شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە ئاساسەن، گېرمانىيەنىڭ پۇتبول ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش پىلانىنى ئۆرنەك قىلىپ، شىنجاڭنى دۆلەتنىڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەر پۇتبولچىلىقىنىڭ تەجرىبە رايونىغا ئايلاندۇرۇپ، ئۆسمۈر پۇتبول ئىختىساسلىقلىرىنى يىغىپ، ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق يېتەكلەش ۋە تەربىيەلەشنى ئۈمىد قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ تەسەۋۋۇرى ۋە تەكلىپى دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى رەھبەرلىرىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى. جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ دېڭفېڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنى دۆلەتنىڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەر پۇتبولچىلىقىنىڭ تەجرىبە رايونىغا ئايلاندۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا، شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلىنىدۇ.
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى. |
|