akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1575|ئىنكاس: 20

مانچېستېر بىرلەشمىسى قىشلىق بازاردا قوشۇۋالماقچى بولغان توپچى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-10-27 15:03:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
مانچېستېر بىرلەشمىسى چىلسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە 1-1 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ 1 نومۇرغا ئېرىشتى، قىزىل ئالۋاستىنىڭ ئېرىشكىنى يالغۇز بىر نومۇر ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئېرىشكىنى 1-ئايدىكى قىشلىق يۆتكىلىش بازىرىدا 1- بولۇپ قوشۇۋالماقچى بولغان توپچى.

بۇ توپچىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئارتۇقچە سۆزلەپ يۈرۈشنىڭ ئورنى يوق، ئۇ توپچى دەل بارسىلونا كوماندىسىنىڭ ئىلگىرىكى ۋارتاسى ۋالدىس. چىلسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ۋالدىس كۆرۈش سۇپىسىدا ئولتۇرۇپ مۇسابىقە كۆرگەن، ئۇنىڭ يىنىدىكىسى دەل قىزىل ئالۋاستىنىڭ كاپىتانى رۇنىي. ۋالدىس مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ توپچىلىرى بىلەن بىللە مۇسابىقە كۆرۈپ، بىرلىكتە مۇسابىقىنى تەھلىل قىلىپ، بىرلىكتە مۇسابىقە ئەھۋالىنى كۈزىتىپ، بىرلىكتە كوماندىغا مەدەت بىرىپ ئالدىنئالا ئۆزىنىڭ قىزىل ئالۋاستىنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. رۇنىي قاتارلىق كوماندىداشلىرىمۇ ئۇنى كوماندىنىڭ بىر ئەزاسى دەپ قارىغان.

بۇ يىل 32 ياشقا كىرگەن ۋالدىسنىڭ بارسىلونا كۇلۇبى بىلەن بولغان توختامى 6-ئايدا توشقان بولۇپ، ھازىر بىر ئەركىن توپچى. ئۇ بۇ يىل 3-ئايدا يارلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە داۋالىنىپ كەلگەن، موناكو كۇلۇبىمۇ ئۇنىڭ بىلەن توختام ئېمزالىمىغان.

‹ كۈندىلىك پوچتا گىزىتى › نىڭ ئاشكارلىشىچە؛ ۋالدىس ھازىر مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە مەشىقنى باشلىغان بولۇپ، مانچېستېر بىرلەشمىسى ۋالدىسنىڭ ئەھۋالىنى كۈزىتىۋىتىپتۇ، ئۇلار يەنە قىشلىق بازاردا ۋالدىسنى قوشىۋىلىش ئۈچۈن بىر پارچە توختام تەييارلىغان، پەيشەنبە كۈنى ۋالدىسنىڭ ۋاكالەتچىسى بىلەن مانچېستېر بىرلەشمىسى سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

‹ كۈندىلىك پوچتا گىزىتى › نىڭ ئاشكارلىشىچە؛ ۋالدىسنىڭ ۋاكالەتچىسى گىناس-كارباخار مانچېستېر بىرلەشمىسىگە بىر جەدىۋەل تاپشۇرغان بولۇپ، مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر تامغا بىسىپ بولغان، تېرىنىر ۋانگال ئىككى ھەپتە ئىچىدە تامغىسىنى بىسىپ مۇقۇملاشتۇرۋەتسىلا ۋالدىس قىزىل ئالۋاستىنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلىنىدىكەن.

‹ كۈندىلىك پوچتا گىزىتى › نىڭ ئاشكارلىشىچە ۋالدىسنى لېۋىرپۇل كۇلۇبى قوشىۋالماقچى بولغان بولۇپ، لىكىن مۇشۇ ھەپتە لېۋىرپۇل كوماندىسىنىڭ تېرىنىرى روجىرىس بۇ سودىدىن ۋاز كەچكەن. بۇنىڭ سەۋەبى بولسا لېۋىرپۇل كۇلۇبى ۋالدىس بىلەن توختام تۈزۈشتىن ئىلگىرى ۋالدىسنى چاقىرىپ كوماندا ئەزالىرى بىلەن تۆت كۈنلۈك سىناق مەشىقىگە قاتناشتۇرۇپ ئۇنىڭ ئىپادىسىنى كۆرۈپ باقماقچى بولغان، لىكىن ۋالدىس ئۇلارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان.
untitled.bmp
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-27 17:30:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخشام ۋارتاردا ۋالدىس تۇرغان بولسا نەتىجە باشقىچە بوپ قالاتتى ، بۇ كەلسە زاپاس بولار تايىنلىق.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-27 17:45:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىلان بۇ سودىغا قىزىق ماپتىما ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-27 17:48:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xahyar يوللىغان ۋاقتى  2014-10-27 17:45
مىلان بۇ سودىغا قىزىق ماپتىما ....

مىلاندا كاشىلىياسنى زاپاس قىلىۋەتكەن بىرسى بارغۇ ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-27 17:50:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
exaniq يوللىغان ۋاقتى  2014-10-27 17:48
مىلاندا كاشىلىياسنى زاپاس قىلىۋەتكەن بىرسى بارغۇ ؟

باكالىق بولغان دىكىن دەيمىنا ئەمدى ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-27 18:26:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لېۋىرپۇل كۇلۇبى ۋالدىس بىلەن توختام تۈزۈشتىن ئىلگىرى ۋالدىسنى چاقىرىپ كوماندا ئەزالىرى بىلەن تۆت كۈنلۈك سىناق مەشىقىگە قاتناشتۇرۇپ ئۇنىڭ ئىپادىسىنى كۆرۈپ باقماقچى بولغان، لىكىن ۋالدىس ئۇلارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان.

ئۇنىڭ قىلغىنى توغرا بوپتۇ، ۋالدىس تۈنۈگۈنكى ياكى بۈگۈنكى توپچى بولمىسا، دۇنيا توپ مەستانىلىرى ئېتىراپ قىلغان داڭلىق توپچىنى «مەشىقنى كۆرۈپ باقايلى»دېسە قانداق بولغىنى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-27 18:32:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېھيانىڭ ھازىرقى ئىپادىسى بىلەن بۇ بارسىمۇ ، ئاخشامقىدەك مۇسابىقە كۇرسە بولدىغان كۇنگە قالامدىن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-27 18:39:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
rahman123 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-27 18:26
لېۋىرپۇل كۇلۇبى ۋالدىس بىلەن توختام تۈزۈشتىن ئىلگىرى  ...

لىكىن ئۇزۇن مۇددەت يارىدار بولغان توپچى بۇ  ، ‹‹  قانداقراق ئەسلىگە كەلدى ، بۇرۇنقى ئىپادىسى بارمۇ يوق ›› دەپ كۈرۈپ باقماقچى بولغاندۇ ،  مىنىڭچە مانچىستىر بىرلەشمىسىگە قۇشۇلسىمۇ دېھياغا بىرەر كىلىشمەسلىك كەلمىسىلا زاپاس بۇلۇپ كىتىدىغاندەك قىلىدۇ بۇ ۋالدېس  ، لىكىن بەزى دېربىدا قىززىق نوقتا بۇلىدىغان قاپقىچىتى بۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-27 18:47:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇمشۇق يوللىغان ۋاقتى  2014-10-27 18:39
لىكىن ئۇزۇن مۇددەت يارىدار بولغان توپچى بۇ  ، ‹‹  قاند ...

بۇ دىگىنىڭىزمۇ توغرا، بۇ خىل ئېھتىماللىقنىمۇ يوق دىگىلى بولمايدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-27 19:14:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-27 20:09:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋالدىس ھازىر   مانچىستىر بىرلەشمىسىدە ئەسلىگە كىلىش مەشىقىنى قىلۋاتىدۇ .  ئۇ ساقايغىچىلىك مۇشۇ يەردە مەشىق قىلماقچى .  

  ناۋاندا مەن ئۇ يەردە قۇرلۇش ئىشچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان بولساممۇ  ئاخشامقىدەك ئىككى كۈچلۈكنىڭ مۇسابىقىسىنى ئامال قىلىپ چوقۇم كۆرەتتىم .  ئۇنىڭغا قارىغاندا    ھازىر مانچىستىردا تۇرۋاتقان  ئۇنىڭ ئاخشامقى  مۇسابىقىنى كۆرۈشى ئىنتايىن تەبىي .  

ئەمدى بۇ گۇينىڭ ئالمىغان شەرىپىمۇ يوق دىيەرلىك  كوماندا بىلەن بىللە .   بۇرۇنقىدەك   مۇسابىقىگە ئوتتەك قىزغىنلىقى  تۈگەپ   قۇلاق تىنىچ    ئارامخۇدا مۇئاشىنى ئىلىپ   ياشىغۇسى كەلگەن بولسا  قانداقكىنتاڭ ؟بولمىسا دىھىيانىڭ ئاۋۇ ئۆمچۈكتەك ئىپادىسىدە  كەلسىمۇ    مادىرىتتىكى دۇدىكتەك بولىدۇ ئوخشاش .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-27 20:56:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمدا قىرىغاندا ھالىغا باقماي بۇ›كۈندىن —كۈنگە ئوخشىمايۋاتسا توپچىلىنىڭ ئىپادىسى،بۇ قىلغىنى قاملاشماپتۇ،  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-9 12:49

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش