akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2352|ئىنكاس: 49

پۇتبولچىلار چېكىنگەندىن كېيىن (3)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-10-27 12:49:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shevchenko تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-29 17:20  

ئالدىنقى بۆلىمىنى كۆرۈش
  

3. سىياسىيون بولۇش.

سىياسىي ساھە دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر ئىنسان دىققەت قىلىدىغان، ھەم يىرگىنىدىغان ھەم ئىنتايىن قىزىقىدىغان مۇھىم ساھەدۇر.
  پۇتبولچىلارنىڭ سىياسىي ساھەگە قەدەم قويۇشى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرىدىغان «ئۆزگۈرۈشلەر» نىڭ بىرى. چۈنكى، پۇتبولدىن ئىبارەت سىياسىيدىن خالىي، دەپ قارىلىدىغان مۇھىم تەنھەرىكەت تۈرىگە قەدەم قويغان تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى سەۋىيە، كۈچلۈك بېسىم، قۇۋلۇق – شۇملۇق تەلەپ قىلىدىغان بۇ ساھەگە كىرىشى كىشىلەرگە تولىمۇ ئۆزگىچە تۇيۇلىدۇ.
  تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ پۇتبول ساھەسىدىن سىياسىي ساھەگە قەدەم قويۇشىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى مىلان ياراتقان دېيىشكە بولىدۇ. ئىشەنمەسىز؟ ئەمىسە، تۆۋەندىكى سىياسىيون پۇتبولچىلارغا قاراڭ:
    كالادزې.
   كالادزې گىرۇزىيەنىڭ پەخرى، ھازىر گىرۇزىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، قوشۇمچە تەرەققىيات ۋە ئۇل ئەسلىھەلەر مىنىستىرى.

04.jpg

ئۇ 2001 – يىلى 23 يېشىدا 18 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا كېيىف دىنام كۇلۇبىدىن مىلانغا قېتىلغان بولۇپ، 2010 – يىلىغىچە جەمئىي 10 يىل مىلاندا توپ ئوينىغان ۋە مىلاننىڭ مۇشۇ دەۋىردىكى شانلىق تارىخىغا شاھىد بولغان. ئۇ سول بېك ۋە ئوتتۇرا بېك ۋەزىپىلىرىنىڭ ھۆددىسىن ناھايىتى ياخشى چىققان بولۇپ، 10 يىل جەريانىدا نېستا ۋە مالدىنىدىن قالسا مىلاندا ئەڭ ئۇزۇن مەيدانغا چىققان بېك ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ھەتتا، 2005/2006 مۇسابىقە پەسلىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق مىلان دېربىيسىدا پۈتكۈل مەيداندىكى بىردىنبىر توپنى كىرگۈزۈپ، مىلاننىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. 5 قېتىم گىرۇزىيە پۇتبول ئەپەندىسى بولغان. 2010 – يىلى 8 – ئايدا گىنويا كۇلۇبىغا قېتىلغان ۋە 2012 – يىلى يازدا پۇتبول ساھەسىدىن چېكىنگەن.
ئۇ پۇتبول ئايىغىنى بۇياقتىن سېلىپلا ئۇياقتىن سىياسىي توننى كىيگەن. گىرۇزىيەنىڭ بىرىنچى بېيى ئىۋاننىشۋېيلىنىڭ «گىرۇزىيە غايىسى» پارتىيەسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن، بۇ پارتىيە 2012 – يىلى 10 – ئايدىكى چوڭ سايلامدا غەلىبە قىلغان. شۇنىڭ بىلەن زۇڭلى ئىۋاننىشىۋېيلى كالادزېنى مۇئاۋىن زۇڭلى، قوشۇمچە تەرەققىيات ۋە ئۇل ئەسلىھەلەر مىنىستىرى قىلىپ تەيىنلىگەن.
ئۇ تارىختىكى ئەمەل دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى پۇتبولچىدۇر.
كالادزې يالغۇز زۇڭلىلا ئەمەس، ئۇ 2006 – يىلى ئىتالىيە زۇڭلىسىنىڭ كۈيئوغلى بولۇشقىمۇ ئازلا قالغان. يەنى، كالادزې شۇ ۋاقىتتىكى ئىتالىيە زۇڭلىسى، مىلان خوجايىنى بېرلۇسكونىنىڭ ئەتىۋارلىق قىزى، مىلاننىڭ ھازىرقى خوجايىنى بارابارا بىلەن مۇھەببەتلىشىپ، جامائەتچىلىكنى ھەيران قالدۇرغان. كالادزېنىڭ سىياسىي ھۈجەيرىلىرىنى بەلكىم كاندىدات «قېيىنئاتىسى» قوزغاتقان بولۇشى مۇمكىن.
گىرۇزىيە شەرقىي ياۋروپادىكى مۇھىم دۆلەتلەرنىڭ بىرى، سىتالىننىڭ ئانا دۆلىتى. زېمىنى 70 مىڭ كىۋادىرات كىلومېتىر، نوپۇسى 5 مىليون، پايتەختى دىبىلىس.


جورجى ۋىئا. لىبىرىيەنىڭ كۈچلۈك زۇڭتۇڭ نامزاتى
  ۋىئا ئافرىقا تارىخىدىكى ئەڭ نادىر، ئەڭ قالتىس تەنھەرىكەتچىدۇر. ئۇ ئىلگىرى موناكو، پارىژ سان – ژىرمان كۇلۇبلىرىدا توپ ئوينىغان ۋە 1995 – يىلى مىلانغا يۆتكىلىپ، شۇ يىلى دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى، ياۋروپا پۇتبول ئەپەندىسى ۋە ئافرىقا پۇتبول ئەپەندىسى بولغان (ئۈچ قېتىم ئافرىقا پۇتبول ئەپەندىسى بولغان). ئۇنىڭدىن كېيىن چېلسى، مانچېستىر شەھىرى ۋە مارسېل قاتارلىق كۇلۇبلاردا توپ ئوينىغان.

01.jpg

   ۋىئا غەربىي ئافرىقىدىكى نامرات دۆلەت لىبىرىيەدىن بولۇپ، ئۇنى بۇ دۆلەت تارىخىدىكى ئەڭ داڭلىق، خەلقئاراغا ئەڭ تونۇشلۇق شەخس، دېيىشكە بولىدۇ. ئۇ 2001 – يىلى چېكىنگەندىن كېيىن، پۈتۈن زېھنىنى ۋە بايلىقىنى 14 يىلغا سوزۇلغان ئىچكى ئۇرۇشتا ۋەيران بولغان لىبىرىيەنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئاتاپ، زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. 2005 – يىلىدىكى چوڭ سايلامدا ئازغىنە پەرق بىلەن، ئافرىقا قىتئەسى تارىخىدىكى تۇنجى ئايال زۇڭتۇڭ، ئافرىقىنىڭ ساچىر خانىمى، ئاياللار ئازادلىقى ھەرىكىتىنىڭ داھىيسى ئەيلۇن جونسون خانىمغا يېڭىلىپ قېلىپ، پۇتبولچى زۇڭتۇڭ بولۇشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويغان. لېكىن، ئۇنىڭ لىبىرىيەگە قوشقان تۆھپىسىگە سايلامدىكى رەقىبى جونسون خانىممۇ يۇقىرى باھا بەرگەن.

   رىۋېرا.
     ئىتالىيەدىن چىققان تۇنجى ياۋروپا پۇتبول ئەپەندىسى، ئىتالىيەنىڭ ئالتۇن ئۆسمۈرى، ئىتالىيەنىڭ مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، پارلامېنت ئەزاسى.

02.jpg

   رىۋېرا مىلان شۇنداقلا ئىتالىيە تارىخىدىكى ئەڭ قالتىس 10 – نومۇرنىڭ بىرى. ئۇ مىلاننى يېتەكلەپ ئىككى قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشكەن، 1968 – يىلى ئىتالىيە تەركىبىدە ياۋروپا لوڭقىسىغا ئېرىشكەن. 1969 – يىلى ياۋروپا پۇتبول ئەپەندىسى بولۇپ باھالانغان. 1979 – يىلى چېكىنگەندىن كېيىن 1986 – يىلىغىچە مىلاننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.
   ئۇ كېيىن سىياسىي ساھەگە قەدەم قويۇپ، 1995 – يىلى پىرودى ھاكىمىيىتىدە مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋە پارلامېنت ئەزاسى بولغان.


شېۋىچىنكو.
شېۋىچىنكو ئۇكرائىنانىڭ پەخرى، پۇتبول مەيدانىدىكى يادرو ئوقبېشى، ياۋروپا پۇتبول ئەپەندىسى.

03.jpg

  شېۋىچىنكو مىلاننىڭ يېڭى ئەسىردىكى بايراقدارلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا مىلان تارىخىدىكى ئىنتايىن ئاز ساندىكى چەت ئەللىك كاپىتانلارنىڭ بىرى. ئۇ مىلان تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن پۇتبولچىلارنىڭ ئىككىنچىسى بولۇپ، مىلانغا ۋاكالىتەن جەمئىي 175 توپ كىرگۈزگەن. 2004 – يىلى ياۋروپا پۇتبول ئەپەندىسى بولغان.
2012 – چېكىنگەندىن كېيىن، ئۇكرائىنادىكى يېڭى سىياسىي كۈچ بولغان ئۇكرائىنا ئالغا پارتىيەسىگە كىرگەن ۋە بۇ پارتىيەنىڭ ئىككىنچى رەھبىرى بولغان. ئەپسۇس، بۇ پارتىيە شۇ يىلدىكى چوڭ سايلامدا پارلامېنتتىن ئورۇن ئالالمىغان. شېۋىچىنكو 2012 – يىلى 11 – ئايدا ئۇكرائىنا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ دۆلەت كوماندىسىغا تىرېنېر بولۇش تەكلىپىنى رەت قىلغان. 2012 – يىلى 12 - ئايدا ئۇكرائىنا دۆلەتلىك ياشانغاندا كۈتۈنۈش فوندىنىڭ رەئىسلكىگە تەيىنلەنگەن.
.


رومارىئو.
بىرازىلىيە تارىخىدىكى ئەڭ قالتىس ھۇجۇمچىلارنىڭ بىرى، تەنھا بۆرە، 1994 – يىللىق دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى.

05.jpg

رومارىئو بىرازىلىيە شۇنداقلا بارسېلونا تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچىلارنىڭ بىرى، بىرازىلىيەنى يېتەكلەپ 1994 – يىللىق دۇنيا لوڭقىسىغا ئېرىشكەن. كەسپىي ھاياتىدا ئۇرغان توپى 1000 دىن ئاشقان. 2008 – يىلى چېكىنگەن. 2010 – يىلى بىرازىلىيە جەمئىيەت پارتىيەسىگە كىرگەن، 2010 – يىلى 10 - ئايدا رىئودى – ژانېيرو شىتاتىنىڭ تۆۋەن پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان.



ئالدىنقى بۆلەكتىكى تەنتەربىيە مىنىستىرى بولغان پېلى، شۇنداقلا فىرانسىيە زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىشنى جاكارلىغان، ئەمما رايون نامزاتىغىمۇ سايلىنالمىغان كانتوننا بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلمىدى.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +100 يىغىش سەۋەبى
بوغدا + 100 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-10-27 12:57:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-27 13:00  

مىلانچىلار مەيدىمىزنى تىك تۇتۇپ شۇنى دېيەلەيمىزكى: سىياسىئونلار، قابىللار بىزدىن تولىمۇ كۆپ چىققان، كۇلۇب رەئىسىدىن تارتىپ بېك، ھۇجۇمچىلارغىچە سىياسىينىڭ قاتتىق سىناقلىرىدا تاۋلانغان...
  پاكىت بىلەن رەددىيە بەرگۈچىلەر قارشى ئېلىنىدۇ!!!

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +100 يىغىش سەۋەبى
shevchenko + 100 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-27 12:57:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر نادىر تېما ۋۇجۇتقا چىقىپتۇ ...  قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن !!!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-10-27 12:57:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-27 12:59  

بۇ تىزىملىككە ئۆمرىدە پۇتبول تېپىپ باقمىغان، لېكىن 5 قېتىم ئۇزغۇنلۇققا ئېرىشكەن، نۇرغۇن توپچىلارنى دۇنياۋىي مەشھۇر چولپان قىلغان بېرلۇسكونى زۇڭلىنىڭ مۇبارەك نامىنى كىرگۈزمىدىم، ئۇ توغرۇلۇق چوڭ تىپتىكى تېما يازماقچىمەن...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-27 13:05:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل تېما ناھايتىي پايدىلنىش قىممىتى يۇقۇرى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-27 13:24:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى چىقىپتۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-27 13:35:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل تېما بوپتۇ، يەنە باشقا كۇلۇپلاردا توپ تەپكەن داڭدارلارنىڭ ئىش-ئىزلىر توغۇرلۇقمۇ ئىزدىنىپ باقسىڭىز بولاركەن.
رومارىئو مەن پۇتبولغا مەستانە بولغاندا ئەڭ ياقتۇردىغان پۇتبولچى ئىدى، ھازىر ئۇششاق بولسىمۇ سىياسىئون بولۇپ قاپتۇدە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-27 13:36:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رومارىئو ئەجەپ كۆپ توپ ئۇرۇپتىكەن پىلىغا ئوخشاش.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-27 13:41:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىلەندىن  داڭلىقلار ئۇزلۇپ قالغان كۇلۇپ ئەمەسكەن جىمۇ  . داۋامىنى  ساقلايمىز  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-10-27 13:45:31 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېرنابۇ يوللىغان ۋاقتى  2014-10-27 13:35
ئېسىل تېما بوپتۇ، يەنە باشقا كۇلۇپلاردا توپ تەپكەن داڭ ...

مەن ئىزدەنمىدىم ئەمەس، چوڭ سىياسىيونلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مىلانغا يىغىلىپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەقسەت تەنھەرىكەتچى تونۇشتۇرۇش ئەمەس، پۇتبولچىلارنىڭ چېكىنگەندىن كېيىنكى ھاياتىغا نەزەر سېلىش.
  بىرىنچى بۆلەكنى ئوقۇسىڭىز تولۇق چۈشىنەتتىڭىز... مىلان تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ چېكىنگەندىن كېيىنكى ھاياتى تولىمۇ سەرخىل ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزۈممۇ پىششىق بىلىدىغان، ماتېرىياللىرى تولۇقى مىلان تەنھەرىكەتچىلىرى ئىكەن.
   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-27 13:48:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقىلارنىۇ بىلىۋالساق بولاتتى ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-27 13:50:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىلاندىن  چىققان  بىر  قاتېلمۇ  بولدىغان  ئادەم  ئۆلتۇرۇپ  قويغان  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 06:50

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش