ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 4767 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئاخشامقى مۇسابىقە ئىسپان دېربىيسىدىن بەكرەك قىززىدى .
مانچىستىرنىڭ ئاخشامقىدەك ئوينىيالىشىغا ئانچە كۈزۈم يەتمىگەن مۇداپىيەگە قايتىشمۇ ناھايىتى ياخشى بولدى ئوتتۇرا مەيدانمۇ ئالدىنقى مۇسابىقىلەردىن ياخشى بولدى .
ئاخشام يانۇزاي بىلەن دېھيا پېچەت ئويناپ قويدى مانچىستىر كەتكۈزگەن توپتا دېھيانىڭ سەۋەنلىكى يوق ۋانپىرىس توپنىڭ يۆلىنىشىنى ئۆزگەرتىۋەتمىگەن بولسا دېھيا ئىنكاس قايتۇرۇپ ئۇ توپنى چىقىرىۋىتەلىشى مۇمكىن ئىدى شۇنداق قىلىپ ۋانپىرىس ئىككى توپ ئۇرۇپ بۇ مۇسابىقىدىكى قەھرىمان بولدى . فىلەينىمۇ ھۇجۇم مۇداپىيەدە ئوتتۇرا مەيداننى خېلى رەتلىك تەڭشەپ بەردى . دىمارىيا دىگەندەك ئوينىيالمىدى ناۋادا ئاشۇ مايمۇنەك يانۇزايچىلىك ياخشى ئويناپ بەرگەن بولسا ئاخشام نەتىجە تامامەن باشقىچە بولغان بۇلاتتى .
مانچىستىرنىڭ ھۇجۇم مۇداپىيە مۇشۇنداقلا بولسا شەلىكلەر بىلەن بولغان مۇسابىقىدىن ئانچە ئەنسىرەپ كەتمىگدەكمىز . لىكىن مانچىستىرنىڭ بىر چاتاق يىرى ئىككى تەرەپتىن بوراندەك ھۇجۇم قىلىپ قارشى تەرەپ چەكلەنگەن رايۇنغا كەلگەندە سۈرئەت ئاستىلاپ قالدى. بۇرۇنقىدەك پاسلىشىپ تىز سۈرئەتتە ياندىن تاشلايدىغان توپ يوق شاۋ شۇنداق ئالدىغا بېسىپ چىقىپ بەرسىمۇ توپنى ئاستىلىتىپ ئارقىغا قايتۇرۇپ سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ قويدى . شاۋ دىگەن بالا ئەينى ۋاقىتتا سېرنىڭ قۇلىدا بولغان بولسا سول مۇداپىيەدىن گۈل كەلتۈرگۈزىۋىتەركەن . بۇنىڭ ئىستىقبالى پارلاق ئىنگىلاندنىڭ كىيىنكى ئاشىلىكولسى بۇلالىغىدەك .
ئىشقىلىپ نەتىجىدە تەڭلەشكەن بىلەن جەرياندا چېلسىنى يەڭدۇق دەپ ئويلايمەن ۋانجال قېرى تىزراق ھۇجۇم مۇداپىيەنى تەڭپۇڭلاشتۇرىۋالسا بۇلاتتى . كىيىنكى ئۇچىرىشتا شەھەرچىلىكلەرنىڭ مەيدانىغا بارغىچە رونىمقڭ جازاسى تۈگىسە فالكاۋمۇ تىزراق ساقايسا يەنە بىر مەيدان قىززىغان مۇسابىقە كۆرسەك بۇلاتتى .
|
|