akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1654|ئىنكاس: 17

ۋانگال مورىنىئو ‹ ئۇستاز شاگىرت مۇھەببىتى ›

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-10-27 12:42:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئاخشام ئوينالغان ئېنگلاند بىرلەشمىسى 9-ئايلانمىدا مانچېستېر بىرلەشمىسى ئۆز مەيدانى كونا تىرانفوردتا چىلسى كوماندىسىنى كۈتىۋالدى. مۇسابىقە جەريانىدا چىلسى كوماندىسىنىڭ تېرىنىرى مورىنىئو ئۈچ قىتىم ئاكتىپلىق بىلەن ۋاگالنىڭ ئالدىغا بىرىپ ئۇنىڭ بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى، ئۇستاز شاگىرت ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەت نۇرغۇنلىغان مەستانىلەرنى تەسىرلەندۈردى.

مۇسابىقە باشلىنىشتىن ئىلگىرى، كونا تىرانفورد مەيدانىنىڭ تەنھەركەتچىلەر ئۆتۈشمە يولىدا، كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدىن چىققان مورىنىئو ئاكتىپلىق بىلەن ئۆزىنىڭ ئۇستازىنى ئېزدەپ تىپىپ ئۇنى چىڭ قۇچاقلاپ ۋانگالدىن ھال سورىغان، مو تەلۋە ئۆزىنى تۇتالماي بىر قولىدا ۋانگالنىڭ بوينىغا ئىسلىپ يەنە بىر قولىدا ئۇنىڭ مۈرىسىنى چىڭ تۇتىۋالغان،
ۋانگالمۇ مورىنىئونى قۇچاقلاپ ئۇنىڭ دۈمبىسىگە يىنىك ئۇرۇپ قويۇپ ئۇنىڭدىن ئەھۋال سورىغان.

ئىككىنچى قىتىمدا، ۋانگال ئۆتۈشمە يولدىن چىقىپ مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ تېرىنىرلار سەھنىسىگە كەلگەندە، مورىنىئو چىلسى كوماندىسىنىڭ تېرىنىرلار سەھنىسىدىن مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ تېرىنىرلار سەھنىسىگە كىلىپ، ۋانگالنىڭ كەينىدىن ئۇنىڭ مۈرىسىگە يىنىك ئۇرۇپ قويغان، ۋانگال چۈچۈپ كەينىگە قاراپ مورىنىئونى كۆرۈپ ئۇنىڭغا كۈلۈمسىرەپ قارىغان، بۇ قىتىم ئىككەيلەن يەنە چىڭ قۇچاقلىشىپ ئەھۋال سوراشقان. ئۇستازىدىن ئەھۋال سوراپ بولۇپ مورىنىئو ئۆز كوماندىسىنىڭ تېرىنىرلا ئورنىغا كىتىپ قالغان.

پۈتۈن مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كىيىن مورىنىئو ئادىتى بويىچە كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە قاراپ ماڭماي ئۇدۇل ۋانگال تەرەپكە قاراپ مىڭىپ ۋانگالنىڭ يىنىغا كىلىپ ئۇنى قۇچاقلىۋالغان، بۇ قىتىم ئۇ ۋانگالنىڭ يۈزىنى سىلاپ، ئۇنىڭ قۇلىقىغا بىر نىمىلەرنى دەپ كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە كىتىپ قالغان. بۇ قىتىمقى مۇسابىقىدە مورىنىئو ئۆزىگە ئوخشىماي قالغان، ئېنگىلاند بىرلەشمىسىدە ساناقلىقلا بىر قانچە ئادەم مورىنىئونىڭ قىزغىن مۇئامىلىسىگە ئېرىشكەن. شۇنىمۇ بىلىشىمىز كىرەككى مورىنىئو ئارسىنال تېرىنىرى ۋىنگىرنى مەغلۇپ بولغان تېرىنىر، مانچېستېر شەھرىنىڭ تېرىنىرى پىلگەيرىنى ئالدامچى دەپ ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇپ كەتكەن. پەقەت ۋانگاللا مورىنىئونىڭ ھۆرمىتىگە ۋە قىزغىن مۇئامىلىسىگە ئېرىشكەن.
ئەمىلىيەتتە مۇسابىقىدىن ئىلگىرىلا مورىنىئو ۋانگالغا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلەشكە باشلىغان. مورىنىئو ‹ ۋانگال ناھايىتى موھىم، ئۇ ماڭا پۇرسەت بەرگەن، ئەگەر كەسپى ھاياتىمدىكى ئەڭ موھىم ئادەمنى تاللاپ چىق دىيىلسە ۋانگال دەل ئاشۇ ئادەملەرنىڭ بىرى › دىگەن. ۋانگالمۇ  ‹ مورىنىئو دائىم مەن بىلەن روبسون ( ۋىللىيام روبسون ئەنگىلىيە تارىخىدىكى ئەڭ ئۇتۇق قازانغان تېرىنىرلارنىڭ بىرى ) نىڭ ئۇنىڭغا بولغان تەسىرى توغرۇلۇق سۆزلىشىدۇ، مەن بۇنىڭدىن بەك تەسىرلىنىمەن، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا مورىنىئو ئۆزىگە تايىنىدۇ، مەن ئۇنىڭ بۇ تەرىپىنى ياقتۇرىمەن. ماڭا نىسبەتەن ئۇ ماڭا ناھايىتى ئالاھىدە › دىگەن.

1997-يىلدىن 2000- يىلىغىچە ۋانگال بىلەن مورىنىئو بارسىلونا كۇلۇبىنىڭ تېرىنىرلار گورۇپپىسىدا تۇرغان، شۇ مەزگىللەردە ۋانگال مورىنىئوغا كۆپ ياردەم قىلىپ ئۇنى تەربىيلەپ چىققان، مورىنىئومۇ بىر قەدەم بىر قەدەمدىن ھازىرقى ھالىتىگە يىتىپ تېرىنىرلىق ھاياتىنى باشلىغان،بۈگۈنگە كەلگەندە مورىنىئو ئۇتۇق قازىنىش نەتىجىسىنى ۋانگالدىن ئايرىپ قارىيالمايدۇ، ۋانگالغا بولغان ھۆرمىتىنى، رەھمىتىنى ئاخشام قۇچاقلاپ ئىپادىلىدى.
U10014P6T12D7385331F44DT20141027065929.jpg

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللا +10 يىغىش سەۋەبى
shemsherwaz + 10

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-27 12:49:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مورىنىھو ئۆز ئۇستازىنى بەكلا ھۆرمەتلەيدىكەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-27 12:51:14 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخشام مەنمۇ شۇ مىنۇتلارنى كۆرۇپ تەسىرلەنگەن ئىدىم . ئۇستاز شاگىرت مۇناسىۋىتى بەك تەسىرلەندۇردى . ئالغا مورىنھۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-27 12:59:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ مۇسابىقە تۈگىگەندە مۇرنھۇنىڭ ئۇددۇل قايتىپ كەتمەي ئاتايىن ۋانگالنىڭ قىشىغا چىقىپ كۆرۈشىكىنىگە ھەيران قالغانتىم     ئەمما تۈنۈگۈنكى مۇسابىقە ئوت قىززىدى ھە ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-27 13:01:51 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر ئىنگىلاند بىرلەشمىسىدىكى ئارسىنال بىلەن چىلىسىنىڭ نۇمۇر پەرقى قانچىدۇ؟  ئاخشام دىروگبامۇ قالتىس ئوينىدى ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلاردا قىزىل ئالۋاستىلارغا تەلەي كۈلۈپ باقتى...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-27 13:25:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەلۋىنى ئاچچىقىدا ئۇدۇلللا كىرىپ كىتىدىغان بولدى دىسەم ئاتايىن كۇرۇشكىلى باردى، ئاخشام چېلسىنىڭ مانچىستىرنى قىرغىن قىلغىنىنى كۇرگۇم بارتى . ئەپسۇس .....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-27 13:44:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخشامقى  ۋانپىرسىنىڭ توپى چېلسى مەستانىلىرىنىڭ يۇرۇگىنى غەش قىلدى، غەلبە قولغا كىلىپ بولغان ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-27 13:48:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستاز شاگىت كۆرۈشكەن دەقىقىلىرى نىمدىگەن تەسىرلىك.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-27 13:53:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۈنەر،  قىلساڭ گۇل ئۈنەر. قىلمىساڭ، كاساڭغا  يانتاق ئۈنەر دەپ  ئۇستازىنىڭ  دۇئاسىنى  ئالغان  چاۋاشكەن بۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-27 14:59:01 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىل بقلەنمۇ ئۆتكەن پەسىل قۇچاقلىشقپ كۆرشىپ كەتكەن بۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-27 16:25:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەجەپ تەسىرلەندىم. مورىنھونى بۇنداق قىلار دەپ ئويلىماپتىكەنمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-27 16:41:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇرىنھۇ ئىسىل تېرنىر جۇمۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-9 11:41

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش