ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1057 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا isyanqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-27 00:03
بۈگۈن كېچە ئېلىپ بېرىلدىغان گېرمانىيە بىرلەشمىسى 9-ئايلانمىسىنىڭ بىر مەيدان مۇسابىقىسىدە گېرمانىيە زەردارى بايرىن مىيۇنخىن مېھمان مەيداندا مىنشىنگىلادباغ بىلەن تۇتىشىدۇ. بۇ مەيدان مۇسابىقە ئىككى تەرەپنىڭ گېرمانىيە بىرلەشمىسى تارىخىدىكى 4-قېتىملىق بىرىنچىلىك ۋە ئىككىنچىلىك ئورننى تالىشش مۇسابىقىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ بۇ خىل ھالىتى 40 يىل بۇرۇن ئۇچۇرغان. ئەينى يىللاردا مىنشىنگىلادباغ رەسمى روناق تاپقان مەزگىللەر بولۇپ، بۇ بايرىنغا نىسبەتەن ئانچە ياخشى خەۋەر بولماسلىقى مۇمكىن. بايرىن مىيۇنخىن ئەزەلدىن ئۇدا 4 مەيدان غەلبە قىلىپ مىنشىنگىلادباغنىڭ مۇسابىقىسىدىن ئۆتۈپ باقمىغان.
بايرىن مىيۇنخىن بولسا بىرلەشمىدە مۇداپىئەسى ئەڭ ياخشى كوماندا، پەقەت 2 توپ كەتكۈزدى. مىنشىنگىلادباغمۇ مۇداپىئەسى 2-ياخشى كوماندا، پەقەت 4 توپ كەتكۈزدى. ئىككى تەرەپنىڭ قاپقىچىسىمۇ بىرلەشمىدىكى ئەڭ ياخشى قاپقىچى بولۇپ، نويىرنىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارى %86.7 گە، مىنشىنگىلادباغنىڭ قاپقىچىسى ساممىرنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇردىغان ئىپادىسى بىلەن %88.6 گە يەتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئىككى تەرەپنىڭ ھۇجۇم سېپىمۇ كۈچلۈك بولۇپ، گوتىزى 6 توپ كىرگۈزۈپ نۆۋەتتە بىرلەشمىدە مەرگەنلىك ئورنىدا تۇرۋاتىدۇ. مىنشىنگىلادباغدىن كىلوز 5 توپ ئۇرۇپ گوتىزىنىڭ كەينىدىلا تۇرۋاتىدۇ.
مۇسابىقىگىمۇ ئازلا ۋاقىت قالدى. نەتىجىسىگە قىزقىدىغانلار كۆرۈشنى ئۇنۇتماڭلار!
مۇسابىقە كۆرۈش ئادرېسى:
http://sports.qq.com/kbsweb/foot ... mp;competitionId=22 |
|