ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 3737 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تانكىچاق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-27 13:24
مورىنىئو چىلسىنى بەك چىرايلىق رەتلىۋاپتۇ ، مورىنىئونىڭ كوماندىسى بىر توپ ئۇرىۋالغاندىن كېيىنلا نەتىجىنىڭ تەڭلىشىشىدىن 2:0 بۇلۇپ قېلىشى جىقراق كۆرىلىدۇ ، بۇرۇن مورىنىئونىڭ كوماندىسى بىر توپ ئۇرىۋالغاندىن كېيىن ئاپتۇبۇسنى توختۇتۇپ قۇيۇپ ، پۇرسەت چىققاندا يەنە بىرنى ئوغىرلىۋالاتتى ، بىراق ئاخشامقى مۇسابىقىدە ئاپتۇبۇس توختىغاندەك قىلغان بىلەن توپ كونتىرول قىلىشى تۆۋەن ئەمەس ، ئوتتۇرا مەيدانچىلار بىلەن بىرلىشىپ پاسلىشىپ تۇرۇپ بىزنىڭ ھۇجۇمچىلارنى خېلى بوزەك قىلىۋالدى ...
ئاخشامقى مۇسابىقىدە تاكتىكىدا مورىنىئو ئۇتتى دەپ قارايمەن ، ئاخىرقى بىر مىنۇتتا ۋەن پىرىس گۇناھىنى يۇيىۋالدى ( بىر يەكمۇ يەك توپنى ئۇرالمىغاننى ئاز دەپ ، كەتكۈزۈپ قويغان توپتىمۇ ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتى بار ، توپ كىرگەن كۈرۈنۈشنى چىڭ كۆرسەڭلار بىلىسلەر ) . ۋانجال ھەي ۋانجال نىمىنى ئويلاۋاتقانسەن ، ئادەم ئالماشتۇرۇشۇڭنى پەقەتلا چۈشەنگىلى بولمايۋاتىدۇ ئادەم ...
بىزنىڭ مۇداپىئەدە مەسلە بەك كۆپ ، لۇك شاۋ غا ئامراق بوپ قالدىم ، دىمارىيا ئەكىلىمەي ئوبدان ئويناپ شاۋ ئىككىسى ماسلىشالىغان بولسا ئىۋانغا بوزەك بولمايتتى . ئىۋانمۇ بەك ئالدىراڭغۇلۇق قىلدى باشتىن ئاخىر كەيپىياتى بەك تۇراقسىز ، چاتاق چىقىردىغان بولدى دەپ ئويلىغانتىم ئۇنى ...
تېررى + كاخىل ، ئىسىت ئېنگلانىد كوماندىسىدا كۆرەلىگەن بولساق بەك ياخشى بۇلاتتى . دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋەر ئوتتۇرا بېك گۇرۇپپىسى دىسىمۇ ئارتۇق كەتمىگۈدەك 
كارىك ساقايدى ، ئېللېلا ساقايدى ، فىلاينى ئېچىلىپ كەتتى ، ئارقا بەلنى قانداق ئۇرۇنلاشتۇرۇش كېرەك ؟
لىكىن مۇسابىقىدىن پەقەت رازى بولمدىم ... |
|