akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2193|ئىنكاس: 56

پۇتبولچىلار چېكىنگەندىن كېيىن (1)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-10-24 23:14:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shevchenko تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-25 19:37  

   پۇتبول ياش تەنھەرىكەت. بۇ نېمە دېگەن گەپ؟ ئۇ چېلىشىش، يۈگۈرەش، سۇ ئۈزۈش قاتارلىق تۈرلەرگە قارىغاندا ناھايىتى كېيىن پەيدا بولغان «بالا تەنھەرىكەت» تۈرى. ئەڭ مۇھىمى، ئۇ نەۋقىران ياشلار ئوينايدىغان تۈر. تەنھەرىكەتچىنىڭ يېشى مەلۇم باسقۇچقا كەلگەندە، ئادەتتە 35 ياشلار ئەتراپىدا چىملىق بىلەن خوشلىشىدۇ.
  دېمەك، تەنھەرىكەتچىلەر ھاياتىنىڭ تېخى يېرىمىنى ياشاپ بولمايلا، «ياشلا» ئىشسىز قالىدۇ. ئەمىسە، ئۇلار چېكىنگەندىن كېيىن زادى نېمە ئىش قىلىدۇ؟ تاپقان پۇللىرىنى يەپ ياتامدۇ؟ پۇتبولغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلەر بىلەن شۇغۇللىنامدۇ؟
پۇتبولچىلارنىڭ ئىچىدە تىرېنېر بولغانلار، ۋاسىتىچى، كوماندا يېتەكچىسى، پۇتبول ئەمەلدارى ۋە سىياسىيون بولغانلار بار.
   مەن بۈگۈن پۇتبولدىن چېكىنگەندىن كېيىن ھەرخىل كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللانغان تەنھەرىكەتچىلەرنى تونۇشتۇرىمەن. ئۆزۈم پىششىق بىلىدىغان، پاكىتلىرىم ۋە ماتېرىيالى تولۇق بولغان تەنھەرىكەتچىلەرنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاساسەن دېگۈدەك مىلان بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەنھەرىكەتچىلەرنى مىسال قىلدىم. يەنە كېلىپ مىلاننىڭ تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ سەرگۈزەشتىسى ياۋروپادىكى ھەرقانداق بىر كۇلۇبنىڭكىدىن نوچى. بۇنى تۆۋەندىكى مىسالدىن بىلىسىلەر.



  1 .تىرېنېر بولۇش.

  تىرېنېرلىق پۇتبولچىلارنىڭ چېكىنگەندىن كېيىنكى تاللايدىغان ئەڭ مۇھىم، شۇنداقلا ئەڭ كۆپ تاللايدىغان خىزمەتلەرنىڭ بىرىنچىسى.
بىر كەسپىي پۇتبولچى، بولۇپمۇ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى مۇسابىقىنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە ئوينىغان تەنھەرىكەتچى ئۈچۈن، ئۆزىنى بېغىشلىغان پۇتبول مەيدانىدا داۋاملىق قېلىش ھەقىقىي ياخشى تاللاش.
كىرۇيىفتىن مارادوناغىچە، بېككىنپوۋېلدىن زوفقىچە، گۇئاردىئولادىن ئىنزاگىغىچە بولغان بىر تۈركۈم داڭدارلار ئەڭ داڭلىق تەنھەرىكەتچىدىن تىرېنېرغا ئايلىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۈلگىسىنى ياراتقان.
90 – يىللاردىن ھازىرغىچە بولغان مىلان تەنھەرىكەتچىلىرىگە قاراپ باقايلى:



  ۋان باستېن: 2002  – يىلىدىن باشلاپ ئاياكىسنى، 2004 – يىلىدىن 2008 – يىلىغىچە گوللاندىيەنى يېتەكلىگەن، ھازىر گوللاندىيە زەردارى ئاركىمار كۇلۇبىنىڭ تىرېنېرى.

02.jpg

گۇللېت: 1996 – يىلى چېلسىنىڭ ھەم تەنھەرىكەتچىسى ھەم تىرېنېرى بولغان.

01.jpg

رېجكارد: 2000 – يىلى گوللاندىيەنىڭ، 2003 – يىلى بارسېلونانىڭ تىرېنېرى بولغان.

04.jpg

ئەنچېلوتى: 1993 – يىلىدىن تارتىپ تىرېنېرلىق ھاياتىنى باشلاپ، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ، رېيجىنا، پارما، يۇۋېنتۇس، مىلان، چېلسى، پارىژ ۋە رېئال مادىردنىڭ تىرېنېرى بولغان.

05.jpg

دونادونى: ھازىرغا قەدەر لىۋونو، گىنويا، ناپلېس ۋە پارما قاتارلىق كۇلۇبلارنى ۋە 2008 – يىلى ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسى يېتەكلىگەن.

03.jpg

تاسودى: 2001 – يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە مىلاننىڭ ياردەمچى تىرېنېرى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.

07.jpg

كوستاكۇتا: 2008 – يىلى ئىتالىيە ب دەرىجىلىكتىكى مەنتوۋا كۇلۇبىغا تىرېنېر بولۇپ، تىرېنېرلىق ھاياتىنى باشلىغان.

08.jpg

سىدورىف: 2014 – يىلى 1 – ئاينىڭ 16 – كۈنى چېكىنىپ، 1 – ئاينىڭ 17 – كۈنى مىلاننىڭ تىرېنېرىغا ئايلانغان.

06.jpg

ئىنزاگى: 2012 – يىلى يازادا چېكىنىپ، ئىككى يىل مىلان ياشلار كۇلۇبىنىڭ تىرېنېرى بولغان، 2014 – يىلى 7 – ئايدىن باشلاپ مىلاننىڭ تىرېنېرى بولۇپ كەلمەكتە.

09.jpg

يەنە تېخى مىلاندا 14 يىل توپ تەپكەن مەشھۇر تىرېنېر تىراپاتونى، مىلاندا داڭق قازانغان ۋە كېيىن مىلاننى غەلىبىگە يېتەكلىگەن كاپېلو قاتارلىقلارمۇ بار.
   كولۇمبۇ، گالى، بىروجى قاتارلىق يەنە نۇرغۇن كىشىلەر قىسقارتىلدى.


كىيىنكى بۆلۈمى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +80 يىغىش سەۋەبى
turgunjan + 50 نادىر تىما !
داۋىس + 30 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-24 23:24:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   جاغىستاي120 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-24 23:44  

ياخشى تېما بۇپتۇ ، ئەجرىڭىزگە رەخمەت .
توپچىلار ئىچىدە ، چېكىنگەندىن كېيىن رېپىر بۇلغانلارمۇ بارمىدۇ ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-24 23:25:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2-3-سى يوقما
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-24 23:25:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تىخى تاپقان پۇلى كىيىنكى ئۆمرىگە يىتىدىغان بولغاندىكىن ھىچ ئىش قىلمامدىكىن دەپتىكەنمەن ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-10-24 23:26:57 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرلاشتۇرغۇچى يوللىغان ۋاقتى  2014-10-24 23:25
2-3-سى يوقما

ئاۋۋال ماۋۇنى ئوقۇپ يادلىسىلا جۇمۇ قارىم...3.،4. سىمۇ بار تېخى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-24 23:31:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلەتجان  ئۇكام  بىزنىڭ  دىماتىيۇچۇ  .ئۇنىڭغا  پىكىرىڭىز  بار  ئوخشىمامدا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-24 23:32:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablatjan يوللىغان ۋاقتى  2014-10-24 23:26
ئاۋۋال ماۋۇنى ئوقۇپ يادلىسىلا جۇمۇ قارىم...3.،4. سىمۇ با ...

يادلايدىغان ئىش باما تېخى ،ئۇندا بولسا مەن سەل نېرى تۇراي
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-24 23:32:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھمۇدىيە يوللىغان ۋاقتى  2014-10-24 23:31
ئابلەتجان  ئۇكام  بىزنىڭ  دىماتىيۇچۇ  .ئۇنىڭغا  پىكىرىڭ ...

سىلەرنىڭ قاچان دىماتىيۇ دەپ ئادىمىڭلار بار
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-24 23:35:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي ھەمىسى مىلان خاندانلىقى تۆھپەكارلىرىكەنغۇ ،  ۋان باستېن ،گۇللېت، رېجكارد گارت ئۈچ گوللاندىيەلىك چولپان مىلان تۆھپەكارى ، مۇشۇلاربەكەرەك بىلىدىكەنمەن ، چىكىنگندىن كىيىن نىمش قىلغىنى بىلىپ كەتميتىم بىلدۇق.مانا . گاتتۇسو ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى بىركۇلۇپقا تېرىنىر بولغانتى قايسى كۇلۇپتى.

بۇلارنىڭ ھەمىسى چىكىنگەندىن كىيىن تېرىنىر بۇلۇپتۇ، يەنە باشقلار......  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-24 23:36:20 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنزاگىنىڭ خىلى تالانتى باردەك كۆردۈم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-10-24 23:36:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھمۇدىيە يوللىغان ۋاقتى  2014-10-24 23:31
ئابلەتجان  ئۇكام  بىزنىڭ  دىماتىيۇچۇ  .ئۇنىڭغا  پىكىرىڭ ...

ئاساسەن مىلاننى ئاساس قىلدىم، تاللاش ھوقۇقۇمغۇ باردۇ؟؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-24 23:36:53 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنزاگىنىڭ خىلى تالانتى باردەك كۆردۈم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 04:04

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش