ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 715 |
تۆھپىسى: سەر |
|
يىقىنقى ئىككى يىلدىن بىرى ياۋرۇپادىكى زەردار كۇلۇبلاردىن پارىژ سانت ژىرمان، رىئال مادرىد، مانچېستېر بىرلەشمىسى، چىلسى قاتارلىق زەردار كۇلۇبلار يۇۋىنتۇس كۇلۇبىدىكى فىرانسىيەلىك توپچى پوگبانى قوشۇۋىلىش تەكلىپى ئەۋەتكەن لىكىن يۇۋىنتۇس كۇلۇبى بۇلارنىڭ ھەممىنى رەت قىلغان. پوگبانىڭ يۇۋىنتۇس بىلەن بولغان توختامى 2016-يىلى يازدا توشىدىغان بولۇپ، يۇۋىنتۇس كۇلۇبى توختام ئۇزارتىشقا تىز تۇتۇش قىلغان.
ئاسمان تەنتەربىيە تېلۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا؛ شۇ يەر ۋاقتى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى يۇۋىنتۇس كۇلۇبى غەلبىلىك ھالدا پوگبا بىلەن توختام ئۇزارتقان.
‹ مىلەن تەنتەربىيە خەۋىرى › نىڭ خەۋىرىدە دىيلىشىچە يىڭى توختامنىڭ ۋاقتى 2019-يىلى توشىدىغان بولۇپ ( ئەسلى توختام 2018-يىلى توشىدىغان بولۇپ، يەنە بىر يىل تاللاشقا قويۇلغان ) پوگبانىڭ ھازىرقى 3 مىليون 500 مىڭ ياۋرۇلۇق يىللىق مۇئاشى باجدىن كىيىن 4 مىليون ياۋرۇغا ئۆستۈرۈلگەن، مۇكاپات ئۇنىڭ سىرتىدا ئىكەن، ئەگەر مۇكاپاتنى قوشسا ئۇنىڭ يىللىق مۇئاشى 4 مىليون 500 مىڭ ياۋرۇ بولىدىكەن.
كوماندىنىڭ كاپىتانى بۇففىن ‹ كۇلۇبنىڭ پوگبا بىلەن توختام ئۇزارتقىنى بەك ياخشى بولدى، پوگبا دۇنيادىكى قالتىس توپچىلارنىڭ بىرى، ئۇنىڭ كۇلۇب بىلەن توختام ئۇزاتقىنىدىن بەكلا خۇشال بولدۇم، بىز بىرلىكتە كۆرەش قىلىپ يۇۋىنتۇس كوماندىسىنى ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتۈرۈشكە تىرىشىمىز › دىگەن. |
-
|