ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 718 |
تۆھپىسى: سەر |
|
لېۋىرپۇل كۇلۇبى بۇ يىل يازدا سۇئارىزنى سايقاندىن كىيىن ئۇنىڭ ئورنىنى تولۇقلاش ئۈچۈن 16 مىليون فونىستېرلىڭ سەرپ قىلىپ مىلەن كۇلۇبىدىكى ھوجۇمچى بالوتتىلىنى قوشۇۋالغان، لىكىن بالوتتىلى لېۋىرپۇلغا قوشۇلغاندىن بىرى ئىپادىسى ناچار بولۇپ توپ ئۇرۇش ئۈنىمىمۇ ناھايىتى تۆۋەن بولغان، ئۇ لېۋىرپۇلغا قوشۇلغاندىن كىيىن 10 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 1 توپ ئۇرغان، مادرىدقا 3-0 ئۇتتۇرغان مۇسابىقىدە ئىپادىسى ناھايىتى ناچار بولغان، ھەتتا يىرىم مەيدان ئاخىرلاشقاندىن كىيىن پى پى بىلەن كىيىم ئالماشتۇرغان، ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى تىرىنىر روجىرىس ھەم مەستانىلەرنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان، تىرىنىر روجىرىس ئۇنى قاتتىق جازالايدىغانلىقىنى ئېيتقان، ئۇندىن باشقا روجىرىس يەنە ئەگەر بالوتتىلىنىڭ ئىپادىسىدە ياخشىلىنىش بولمىسا 1- ئايدىكى قىشلىق يۆتكىلىش بازىرىدا ئۇنى سىتىۋىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئەنگىلىيە ‹ كۈندىلىك تىز خەۋىرى ›، ‹ مىترو خەۋىرى ›، ‹ ئەينەك خەۋىرى › نىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا؛ ئەگەر لېۋىرپۇل كۇلۇبى قىشلىق بازاردا بالوتتىلىنى سىتىۋىتىپ قالسا ئۇنىڭ ئورنىغا ناپولى كۇلۇبىدىكى ئارگىنتىنالىق توپچى ھىگۇئايىننى سىتىۋالماقچى ئىكەن. لېۋىرپۇل ھىگۇئايىن ئۈچۈن 31 مىليون فونىستېرلىڭ تەييارلىغان. ھىگۇئايىن بۇ يىل 26 ياشقا كىرگەن بولۇپ 2007-يىلى مادرىدقا قوشۇلغان، ئۇ مادرىدقا ۋاكالىتەن 264 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 122 توپ ئۇرۇپ 56 ياردەمچى پاس بەرگەن، ئۆتكەن يىلى ناپولى كۇلۇبىغا قوشۇلغان، ناپولىغا قوشۇلغان تۇنجى پەسىل 46 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 24 توپ ئۇرۇپ 12 ياردەمچى پاس بەرگەن. بۇ پەسىل باشلانغاندىن بۇيان 11 مەيدان مۇسابىقىدە 3 توپ ئۇرۇپ 3 ياردەمچى پاس بەرگەن. ھازىر ناپولى كۇلۇبىنىڭ ئىقتىسادى ياخشى ئەمەس بولۇپ لېۋىرپۇل مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ 31 مىليون فونىستېرلىڭ باھا بىلەن ھىگۇئايىننى قوشۇۋالماقچى. ئەگەر ئۇنى قوشىۋالسا ئالدى بىلەن بالوتتىلىنى كوماندىدىن تازلىماقچى. |
-
|