ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 898 |
تۆھپىسى: سەر |
|
10-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كىيىن، خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى كوماندىلارنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۇنيادىكى رەت تەرتىپىنى ئېلان قىلدى. رەت تەرتىپنىڭ ئالدىنقى 3 ىدە ئۆزگىرىش يۈز بەرمىگەن بۇلۇپ، تەرتىپ ھالدا گېرمانىيە كوماندىسى، ئارگىنتىنا كوماندىسى، كولۇمبىيە كوماندىسى قاتارلىقلار، 4-ئورۇنغا بىلگىيە كوماندىسى چىققان بۇلۇپ، ئالدىنقى قېتىمقىدىن 1 دەرىجە ئۆرلىگەن، گوللاندىيە كوماندىسى 1 دەرىجە تۆۋەنلەپ 5-ئورۇنغا چۈشكەن، ئەنئەنىۋى كۈچلۈك كوماندا دەپ قارىلۋاتقان ئېنگىلاند كوماندىسى 2 دەرىجە تۆۋەنلەپ 20-ئورۇنغا چۈشكەن.
دۆلەت كوماندىمىز بىراقلا 9 دەرىجە ئۆرلەپ، رەت تەرتىپتە 88-دەرىجىگە كۆتۈرلۈپ، 21 ئايدىن بۇيانقى ئۆرلىگەن دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاسىيادا 3 دەرىجە ئۆرلەپ 10 نىڭ ئىچىگە كىرگەن بۇلۇپ، دەرىجىسى 9-ئورۇندا.
بېلگىيە كوماندىسى، ئالجىرىيە كوماندىسى قاتارلىق بىر قانچە دۆلەت كوماندىلىرى ئۆز كوماندىلىرىنىڭ تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رەت تەرتىپنى ياراتتى، شۇنداقلا ئاۋىستىرالىيە، تايلاند قاتارلىق كوماندىلار ئۆز كوماندىلىرىنىڭ تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن رەت تەرتىپىنى ياراتتى.
ئەپسۇسنارلىق يېرى شۇكى، بۇ قېتىملىق رەت تەرتىپتە، ئاسىيا كوماندىلىرىدىن بىرمۇ كوماندا دۇنيادىكى رەت تەرتىپنىڭ 50 نىڭ ئىچىگە كىرەلمىگەن.
تۆۋەندىكىسى FIFA نىڭ ئەڭ يېڭى ئىلان قىلغان ئالدىنقى 20 دۆلەت كوماندىسىنىڭ رەت تەرتىپى:
تەتىپى دۆلەت كوماندىسى نومۇرى ئالدىنقى قىتىمقى نومۇرى
1 گېرمانىيە 1669 1
2 ئارگېنتىنا 1565 2
3 كولۇمبىيە 1420 3
4 بىلگىيە 1338 5
5 گوللاندىيە 1375 4
6 بىرازىلىيە 1307 6
7 فىرانسىيە 1191 9
8 ئۇراگۋاي 1184 7
9 پورتىگالىيە 1175 11
10 ئىسپانىيە 1119 8
11 ئىتالىيە 1064 13
12 شىۋېتسارىيە 1063 10
13 چىلى 1060 12
14 كىرودىيە 1005 19
15 ئالجىرىيە 989 20
16 كوستارىكا 974 15
17 مىكسىكا 954 16
18 گىرىتسىيە 946 14
19 ئۇكرانىيە 920 24
20 ئىگىلاند 919 18
88 جۇڭگو 369 97 |
|