akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2197|ئىنكاس: 47

ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى (3-ئايلانما).

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-10-22 05:47:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shevchenko تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-22 07:43  

ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم!

ئاخشام دىيارىمىز ۋاقتى كەس سائەت 22:00 دىن باشلاپ 2014/2015 يىللىق ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى ،گۇرپا مۇسابىقىسى 3-ئايلانمىسى ئىلىپ بىرىلدى:



مۇسكۇۋا قۇرۇقلۇق ئارمىيە VS  مانجىستىر شەھىرى

كەش سائەت 22:00 دە E گۇرپىدىكى: مۇسكۇۋا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى كۇماندىسى ئۆز مەيدانىدا ئىنگىلاند زەردارلىرىدىن بىرى بولغان  مانجىستىر  شەھىرى كوماندىسىنى كۈتىۋالدى،
مۇسابىقە باشلىنىپ قۇرۇقلۇق ئارمىيە كوماندىسى بىر قانچە ياخشى پۇرسەتلەرنى قولدىن بىرىپ قويدى.
29 مىنۇت بولغاندا داۋىد سىلۋانىڭ بەرگەن ئالتۇندەك پىسىنى دىزكو ئىلىپ ۋارتا بىلەن يەكمۇ يەك قالغاندا ، ئوڭ تەرەپتىكى ئاگۇيرۇغا پاس بەدى، بۇ توپنى ئاگۇيرۇ ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ قاتماللىقنى بۇزدى.
38مىنۇت بولغاندا مىرنا بىرتوپ ئۇرۇپ نۇمۇر پەرقىنى چوڭايتتى.
كىيىنكى يىرىم مەيدان باشلىنىپ 64 مىنۇت بولغاندا قۇرۇقلۇق ئارمىيە كوماندىسىدىكى 88-نۇمۇرلۇق ماھىر (ئىسمىنى بىلمىدىم)بىر توپ قايتۇرۋىلىپ ،ئۆز كوماندىسىغا قايتىدىن ئىشەنچ ئاتا قىلدى!
مۇسابىقىنىڭ 86-مىنۇتىدا قۇرۇقلۇق ئارمىيەگە بىر نۇقتا توپ تىپىش پۇرسىتى كىلىپ ئۇ توپنى 66-نۇمۇرلۇق ماھىر ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى.
شۇنداق قىلىپ مۇسابىقە ئاخىردا توپ كىرمەي ئىككىلى كوماندا بىر دىن نۇمۇر ئىلىپ قايتتى.




سائەت 00:45 ئۆتكەندىكى باشلىغان مۇسابىقىلەر :

بەيرىن مىيۇنخىن  VS   رىم
رىم ئۆزمەيدانىدا گىرمانىيە زەردارلىرىدىن بىرى بولغان بەيرىن مىيۇنخىن كوماندىسىنى كۈتىۋالدى:
بەيرىن مىيۇنخىن كوماندىسى ئىتالىيەنىڭ ھاۋاسى ياقتىمۇ مۇسابىقە باشلىنىپلا ئىچىلىپلا كەتتى:
مۇسابىقىنىڭ 8 مىنۇتىغا قەدەم قويغاندا روبىن بۆرىلەرنىڭ  دەرۋازىسىنى ئاچتى.
23 مىنۇتتا بەيرىننىڭ ئۈمۈد يۇلتۇزى گوتىز مۇ بىر
توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى ئۆزگەرتتى.
2 مىنۇتتىن كىيىن لەيۋەندوۋىسكى بىر توپ ئۇرۇپ نۇمۇر پەرقىنى زورايتتى.30 مىنۇت بولغاندا روبىن يەنە بىر توپ ئۇرۇپ  قوش گۈل قىستى!
36 مىنۇت بولغاندا مۇللىر نۇقتا توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 5-0 قىلىپ ئۆزگەرتتى.ئالدىنقى يىرىم مەيدان شۇنداق قىلىپ مىيۇنخىننىڭ قىرغىن قىلىشى بىلەن ئاياقلاشتى!
كىيىنكى  يىرىم مەيدان  باشلىنىپ 66 مىنۇت بولغاندا رىم بىر توپ قايتۇر ۋالغان بولسىمۇ ،مۇسابىقىنىڭ 78  ۋە 80 مىنۇتلىرىدا رىبىرى بىلەن شاچىرى بىردىن توپ ئۇرۇپ ، بەيرىن مىيۇنخىن  رىمنى ئۆز مەھەللىسىدە 7-1 يۇقۇرى نۇمۇر پەرقى بىلەن قىرغىن قىلىپ 3 نۇمۇر نى ئالدى.





پارىژ سانىت ژىرمان  VS   گىرىتسىيە ئاتلىتكا
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە  ئىككىلى تەرەپ مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىگە توپ ئۇرالمىدى،
مۇسابىقىمىڭ 87-مىنۇتتا كاۋانى بىردىن بىرتوپنى ئۇرۇپ گىرىتسىيە ئاتلىتكىنى بوغۇزلىدى.
شۇنداق قىلىپ ئۇلارمۇ قىممەتلىك 3 نۇمۇرنى ئالدى.





بارسىلونا   VS   ئاجاكىس
بارسىلونا  ساھىپخان مەيدانى  نوۋكەنپودا  گوللاندىيەنىڭ ئاجاكىس كوماندىسىنى كۈتىۋالدى:
مۇسابىقە باشلىنىپ 7 مىنۇت بولغاندا ،مىسسىنىڭ پاس بىرىشى بىلەن نىيمار بىر توپ ئۇرۇپ  ئاجاكىسنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچتى.24 مىنۇت بولغاندا ئىنىستا نىڭ پاس چىقىرىشى بىلەن مىسسى بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى  زورايتتى.
كىيىنكى يىرىم مەيدان باشلىنىپ   خىلى كۈشلۈك ھۇجۇملار بولغان بولسىمۇ خىلى چاغقىچە توپ كىرمىدى. مەشقاۋۇل ئىنرىك  «ئەسىر دىربىسى» غا  تەييارلىق قىلىپ يادرولۇق ئەزالاردىن مىسسى،نىيمار،ئىنىستا لارنى مەيداندىن چۈشۈرۋىلىپ ،ئورنىغا ياش ماھىرلاردىن ساندىرو ،مۇنىر قاتارلىقلارنى چۈشەردى .
مۇسابىقىنىڭ 88-مىنىۇتىدا ئاجاكىس بىر توپ قايتۇرۋالغان بولسىمۇ،94-مىنۇتتا   ئالمىشىپ چىققان ساندىرو بىر توپ ئۇرۇپ  نەتىجىنى 3-1 قىلىپ ئۆزگەرتىپ ،مۇسابىقە ئاياقلاشتى.بارسىلونا قىممەتلىك 3 نۇمۇرغا ئىرىشتى.






چىلسى  VS مارىبور
مۇسابىقە باشلىنىپ 13مىنۇت بولغاندا  رامىي بىر توپ ئۇردى. 23 مىنۇت بولغاندا بۇرۇنقى «دىۋە» دىروگبا بىر نۇقتا توپ ئۇرۇپ 2-0 قىلدى،31 مىنۇت بولغاندا تىررىي بىر توپ ئۇرۇپ نۇمۇر پەرقىنى زورايتتى.ئالدىنقى يىرىم مەيدان شۇنداق ئاياقلاشتى.
كىيىنكى يىرىم مەيدان باشلىنىپ 54-مىنۇتتا  مارىبور كوماندىسى ئۆزىگە بىر «خائىن» توپ ئۇرۇپ چىلسىنىڭ نۇمۇر پەرقىنى 4-0 قىلدى.
مۇسابىقىنىڭ 77 ۋە 90-مىنۇتلىرىدا  خازارد  ئىككى توپ(بىرى نۇقتا توپ) ئۇرۇپ  كۆك ئارمىيە 6-0 نەتىجە بىلەن  رەقىبىنى قىرغىن قىلدى.




شارىك 04    VS   لىسبون رىقابەت
بۇ مۇسابىقە ئىنتايىن قىززىغان بولۇپ ئىككىلى تەرەپ «سەندىن مەن قالامتىم» دەپ  بىر بىرىنى قوغلاپ  3-3 بولغاندا ، مۇسابىقىنىڭ  93-مىنۇتىغا كەلگەندە  شارىك 04 كوماندىسىغا بىر نۇقتا توپ كىلىپ  ، ھەم ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ ئاخىرى 4-3 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى يىڭىپ  قىممەتلىك بولغان 3 نۇمۇرنى قولغا كەلتۈردى.




دونىتسىك كان ئىشچىلىرى  VS   بورسۇف
بۇ مۇسابىقىدە  كان ئىشچىلىرى  بورسۇف كوماندىسىنى  7-0 نەتىجە بىلەن قىرغىن قىلدى.
تبكىتلەشكە تىگىشلىكى كان ئىشچىلار كوماندىسىدىكى (ئادىريانو) ئىسىملىك توپچى 5 توپ ئۇرۇپ مىسسىنىڭ ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدىكى بىر مەيداندا 5 توپ ئۇرۇش رىكورتى بىلەن تەڭلەشتى!




پورتۇ   VS   بىلباۋ ئاتلىتكا
ئىككىلى تەرەپ كۈچەپ ئوينىغان بولسىمۇ پورتو كوماندىسى ئاخىردا  پۇرسەرنى چىڭ تۇتۇپ  2-1 نەتىجە بىلەن  بىلباۋ ئاتلىتكىنى يىڭىپ  3 نۇمۇرنى ئالدى.

تۆۋەندىكىلەر  E .   F  .  G   .  H      گۇرپىلارنىڭ ھازىرقى نۇمۇر جەدىۋىلى:





مۇسابىقە  فىلىمىنىمۇ قىتىپ يوللاشنى ئولاشقان  لىكىن قارسام  مۇسابىقە جەۋھەرلىرى  چىقىپ بولالماپتۇ،
ئۇنىڭ ئۈستىگە تىما تىلفۇندا يىزىلغان قاتالماي قالدىم.
بولسا باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئىغىر كۆرمەي  فىلىمنى قىتىپ تەھرىرلەپ قويشىنى ئۈمۈد قىلىمەن!
(ماڭا ئوخشاش تىلفۇندا مۇنبەرگە چىقىدىغانلار ئۈچۈن مۇسابىقە ئەھۋالىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ قويدۇم)


قىسمەن خاتالىقلارنى توغرا چۈشىنەرسىلە .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-22 10:17:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇسابىقىلەرنىڭ ھەممىسى توپ ئۇرۇش مۇسابىقىسى بولۇپتۇ، بايرىن خۇددى گىرمان بىرازىلىيەنى قىرغىن قىلغاندەك رىمنى قىرغىن قىلىپتۇ، چىلسىمۇ ئالامەت ئويناپتۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-22 09:33:33 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەيرىن قالتىسقۇ   رىم  ئەمدى  قاتتىق  كۈچىمىسە ئەھۋالى  چاتاقكەن   پارىژ ئۇتۇپ  بارسىلوناغا  بېسىم  قىلىپ  قويۇپتۇ   شەھەرلىكلەر پۇرسەتنى چىڭ  تۇتىشى  كىرەككەن    ئەمدى  بىزنىڭ  مادرىتنىڭ  لىۋىرپولنى  ئۇتىشىنى  ھېچ بولمىغاندا تەڭلىشىشىنى  ئۈمىد قىلىمەن  قالغىنىنى  بوناۋۇدا  جايلايمىز   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-22 09:43:51 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چېلىسى ۋەشششىغۇ.  مو تەلۋا ئاجايىپ تەرتىپكە سېلىپ قويۇپتۇ چېلسىنى.  ئەنچىلوتىنىڭ چېلسىغا بارغۇم بار دېگىنى بىكار ئەمەسكەن.  ئاۋۇ رېمى دېگەن قارىۋاي كەلگۈسىدە "فىرانسىيەنىڭ ھېنرى "سى بوپ قالامدۇ نېمە؟ ئازارغۇ توپ ئۇراش ئالداپ ئۆتۈشلەر ھەممىلا يېرى كىرىستىيانونىڭ ئۆزىلا بوپتۇ.  ئوسكار دىگەن بالىىمۇ كۈندىن ـكۈنگە پىشىپ يېتىلىۋېتىپتۇ.  چېلىسى ماۋۇ پەيلىدە ھەممىسىنى سۈپۈرۈپ ماڭغۇدەك.  فىرانسىيەنىڭ ياشلىرىدا ئۈمۈد راسلا چوڭ. بېنزىما، ۋارانى،  پوگىپا، ...يەنە ئاۋۇ رېمى دىگەن قارىۋاي ...بۇلار كەلگۈسىدە بىرلا ئېغىز گەپ «ئىش تېرىغۇدەك »
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-22 09:43:58 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەھەر نىڭ  چاتاق ، بايرىن  بىلەن  رىم  چىكىتەرمىكى  ەگۇرۇپتىن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-10-22 09:47:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر مۇنچە رەسىم بار ئىدى  يوققۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-22 09:49:17 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈنكى مۇسابىقىدە توپ ئۇرغانلا ھارغۇچە ئۇرۇپ يىگەنلەر تويغۇچە يەپتىغۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-10-22 09:50:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىنى راست گەپ قىلسام ،بىرياقتىىن مۇسابىقەبكۆرگەچ ، يازغان ئىدىم   .
ئاخشاملا  تەستىقتىن سەل  تەستە ئۆتتىمۇ قانداق!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-22 09:50:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ چېلسى دا ئۆمىد زور بۇ يىل……
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-22 09:58:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇمكىن بولسا مۇشۇنداق مۇسابىقە خەۋەرلىرىنى يوللىغاندا ئەڭ ئالدىغا  چوڭ قىلىپ چىلسى 6-0مارىبور دىگەن شەكىلدە يېزىپ بۇلۇپ ئاندىن تەپسىلى چۈشەندۈرۈشىنى يازساق بوپتىكەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-10-22 10:04:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇمشۇق يوللىغان ۋاقتى  2014-10-22 09:58
مۇمكىن بولسا مۇشۇنداق مۇسابىقە خەۋەرلىرىنى يوللىغاند ...

شۇنداق قىلايمۇ دەپ،  مۇسابىقىنى كۆرمىگەنلەرگە  ، ئوقىغاندا ياخشى بولامدىكىن  دەپ  شۇنداق يوللاپ تىمەن.

ھەراس  فىلىم  بارمىكەن.رەسىمچۇ؟
تۈنۈگۈن يوللىغان چاغدا رەسىملەر  بار ئىدى؟
مىنىڭ كىدە چىقمىدى(تىلفۇندا).
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-22 10:07:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخشام بايرىن بىلەن رىمنىڭ مۇسابىقىسىنى يېرىم مەيدان كۆرمەي تۇرۇپلام مۇسابىقە كۈرۈش خوشياقمىدى. مۇسابىقىنىڭ ئانچە قىزىقى يوق. ( توپنى ئايىماي ئىستىمال قىلسا ) مۇسابىقە كۆرگىسىمۇ كەلمەيدىكەن.

مۇسابىقىنى بۈگۈن كۈرىمىز، مادىردچىلار.......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 18:12

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش