elan ornielan orni
كۆرۈش: 1210|ئىنكاس: 24

خوندانىڭ تۇيۇقسىز پارتلىشىدىكى بەش تۈپكى سەۋەب

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-10-21 21:38:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
خوندانىڭ بۇ پەسىلدىكى ئىلغار ئىپادىسى يالغۇز مىلان توپ مەستانىلىرىنىلا ئەمەس بەلكى بارلىق دۇنيا توپ مەستانىلىرىنى ھەيران قالدۇردى، ھازىر ئۇ جەمئىي ئالتە توپ كىرگۈزۈپ يۇۋېنتۇسدىكى تېۋېز ھەم ناپولىدىكى كاللېجونلار بىلەن بىللە بۇ پەسىللىك ئىتالىيە بىرلەشمىسى مەرگەنلەر قاتارىدا 1-ئورۇندا تۇرماقتا.
داڭلىق تەنتەربىيە تاراتقۇسى(bleacherreport) نىڭ سەھىپە يازغۇچىسى خوندانىڭ بۇ پەسىلدە پارتىلىشىدىكى بەش نېگىزلىك سەۋەبنى تەھلىل قىلدى:
1.ئىنزاگى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى
ئىنزاگىنىڭ بۇ پەسىلدە خونداغا مەيداندىكى تولۇق ئەركىنلىكنى بېرىشى ئۇنىڭ ئېچىلىشىدىكى مۇھىم بىر سەۋەب، مەيلى يان كىراي ئورنىدا بولسۇن ۋە ياكى ئالدى بەل ئورنىدا بولسۇن، خوندا مەيداندىكى ئەھۋالغا قارىتا ئۆزنىڭ ئورنىنى ۋە ۋەزىپىسىنى ئۆزگەرتىشتەك ئەركىن ئادەم ئىمتىيازىغا ئىگە بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىپادىسىدىمۇ ئالاھىدە يۇقىرلاش بولغان.
2.شەخسىي تۇرمۇش جەھەتتىكى ئۆزگىرىش
ئالدىنقى پەسىلدە مىلانغا يېڭى قوشۇلغاندا خوندا مېھمانسارايدا تۇراتتى، تۈزۈك دوسىتتىمۇ يوقتى، ئىتالىيە تىلىنى سۆزلەشنىمۇ بىلمەيىتتى. لېكىن ھازىر ئۇنىڭ مىلان شەھىرىنىڭ مەركىزى ئاۋات رايونىدا ئۆيى بار بولدى. بەلكىم باشقىلارنىڭ نەزىرىدە بۇنىڭ ئانچە چوڭ تۈرىتكىلىك رولى بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن خونداغا نىسبەتەن ئۇنداق ئەمەس، ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىدىن بەھرىمان بولغان خوندانىڭ كۈندىلىك مەشىقلەردىكى ئىپادىسى كۈندىن-كۈنگە ياخشى بولۇشقا باشلىدى، ئۇ يەنە بېكھامنىڭ مىلان كوماندىسىدا توپ تېپىۋاتقان ۋاقتىدىكى شەخسىي شوپۇرىنى ئۆزىگە تەكلىپ قىلدى، شۇنداقلا ياپونىيىدىن ئۆزى ئىشىنىدىغان فىزىكىلىق داۋالاش مۇتەخخەسىسىنى تەكلىپ قىلىپ ئۆزىنىڭ تېخىمۇ ساغلام ھالدا مىلانغا ئەڭ چوڭ ئۈنۈم يارىتىشىغا ئاساس سالدى.
3.ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى ھۇجۇمى ئەڭ كۈچلۈك كوماندا مىلان
يېڭى پەسىللىك ئىتالىيە بىرلەشمىسى باشلانغاندىن بۇيان مىلان جەمئىي 16 توپ كىرگۈزدى، ئىككىنچى ئورۇندىكى رىم بىلەن يۇۋېنتۇس بولسا ئوخشاش 14 توپ كىرگۈزدى، ئەلۋەتتە، ئىنزاگىدەك توپچىلىق ھاياتىدا پۈتۈن ياۋروپا پۇتبول ساھەسىنى لەرزىگە سالىدىغان ئالدى ھۇجۇمچىنى كوماندىنىڭ تېرېنېرى قىلىپ بېكىتكەندىن كېيىن بۇنىڭ ھېچقانداق ھەيران قالارلىق يېرى يوق ئىدى.
بالوتېلى كوماندىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئىختىيارىي توپ ئۇرۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن خوندا يېڭى پەسىلدە ئۆزىنىڭ بۇ ئارتۇقچىلىقىنى تولۇق نامايەن قىلدى، ئۇنىڭدىن سىرىت كوماندىدىكى توررېس ۋە شاراۋېي قاتارلىق توپچىلار بىلەن بولغان ماسلىشىشچانلىقىمۇ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ باردى.
4.ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ تېخنىك-تاكتىكىلىرىغا كۆنۈشى
روسسىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى بىلەن ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ مۇسابىقىلىشىش مۇھىتىدا خېلى چوڭ پەرق بار، ئىتالىيە بىرلەشمىسى ئەزەلدىن ياۋروپادىكى مۇسابىقە تاكتىكىسىغا ئەڭ ئەھمىيەت بېرىدىغان بىرلەشمە دەپ قارىلىپ كەلگەن بولۇپ، دۇنيادىكى قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بىرلەشمە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، 1957-يىلىدى باشلاپ، ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ تاق پەسىلىدە كىرگۈزگەن توپ سانى 30دىن ئاشىدىغان توپچى پەقەتلا بىر لۇكا-تونى. لېكىن ھازىرقى توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمىدىن قارىغاندا مۇشۇ روژدېستىۋا بايرىمىدىن بۇرۇنلا خوندانىڭ كىرگۈزگەن توپ سانى ئىككى خانىلىق سانغا يېتىشى مۇمكىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ساپ ئالدى ھۇجۇمچى ھېسابلانمىغان ئوڭ يان كىراي ئورنىدا بۇنداق نەتىجىگە ئېرىشمەك ھەقىقەتەن ئاسانغا توختىمايدۇ.
5.ئارام ئېلىش ۋاقتىنىڭ يېتەرلىك بولۇشى
بۇ يىل يانۋاردا مىلانغا قوشۇلۇشتىن بۇرۇن خوندا موسكىۋا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى كوماندىسىغا ۋاكالىتەن بىر پەسىللىك مۇسابىقىگە قاتناشقان ئىدى، ھېسابتا ئۇنى بىر پەسىللىك مۇسابىقىنى تۈگىتىپ ئارام ئالمايلا يەنە يېرىم پەسىللىك مۇسابىقىنى باشلىۋەتتى دېيىشكە بولاتتى. شۇ سەۋەبلىك يېڭى كوماندىغا قوشۇلغاندا ئۇنىڭ ئىپادىسى تازا ياخشى بولمىدى، تاراتقۇلارمۇ مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مىلاننىڭ خوندانى قوشۇۋېلىشى پەقەتلا ئاسىيا بازىرىنى ئېچىش ئۈچۈن دېگەندەك خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىشقا باشلىدى. لېكىن بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىلىرىنى تۈگىتىپ تولۇق ئارام ئېلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان خوندا يېڭى پەسىلدە ئۆزگىچە يېڭى قىياپىتى بىلەن بارلىق كىشلەرنىڭ گۇمانىنى بىتىچىت قىلدى، ئۇ ھازىر مىلان كوماندىسى ئىچىدىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشىدىغان توپچىغا ئايلاندى
20141021034236320.jpg ]                                                                                                                                                
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-21 21:45:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭ تۇيۇقسىز پارتىلىشىغا خىروسما تاقىم ئارلىغا تاشلانغان ئاتوم بومبىسى سەۋەپلىك
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-10-21 22:17:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-10-21 21:47:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-10-21 21:48:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تەھلىل بۇپتۇ ،  خۇندا مىلەننىڭ 10 -نۇمۇرنىڭ ھۆددىسىدىن  تولۇق چىقالامدۇ ؟ ئۇنىڭغا يەنىلا ۋاقىت  كېرەك .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-10-21 21:48:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رىۋايەتلىك 10-نۇمۇرغا لايىق ئويناۋاتىدۇ، ياپۇن ماتۇرى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-10-21 21:50:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى باشلىنىش  مىلاننىڭ  ئەسلىنى تىپىشىنى ئۈمىد قىلىمەن بىزگە يەنە ئوزغۇنلۇقتا مىلاندەك رەقىپ بولمىسا بولمايدۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-10-21 21:51:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاڭنۇر يوللىغان ۋاقتى  2014-10-21 21:45
بۇنىڭ تۇيۇقسىز پارتىلىشىغا خىروسما تاقىم ئارلىغا تاشل ...

مىنڭچە ناگاساكىغا تاشلىغان ئاتوم بومبىسى سەۋەپلىك
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-10-21 21:51:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاڭنۇر يوللىغان ۋاقتى  2014-10-21 21:45
بۇنىڭ تۇيۇقسىز پارتىلىشىغا خىروسما تاقىم ئارلىغا تاشل ...

بىئولوگىيەلىك ئاساسى:
ئاتۇم بومىبىسى خىروشىماغا چۈشكەندىن كىيىن خوندانىڭ ئەجداتلىرىنىڭ تەن ھۈجەيرىسىدا گىنلارنىڭ تۇساتتىن ئۆزگىرىشى ئەمەلگە ئېشىپ  ھەمدە خونداغا ئېرسىيەت قالغان ھەمدە ئادەتتىن تاشقىرى ئىقتىدارغا ئايلانغان.............

ئادەتتىن تاشقىرى ئىقتىدارغا كاتالىزاتورلۇق قىلغۇچى بولسا تىما ئىگىسى تىلغا ئالغان 5 خىل سەۋەپ..........
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-10-21 21:59:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەۋەبلەر ئورۇنلۇق، پاكىتلار تولۇق...
يانداشما: 1. تەنھەرىكەتچىنىڭ ئەۆزىدە ئەسلىندىنلا بار بولغان پىشقان تېخنىكا ئاساسى.
               2. ياپون مىللىتىگە خاس بولغان ئىنتىزامچانلقى.
چاقچاق يانداشما: يېقىندىن بۇيان خەلقئارادا نېفىت ۋە بېنزىن باھاسى چۈشۈپ، خوندا قاتارلىق ماشىنىلار تېخىمۇ كۆپ، راۋان ماڭىدىغان بولدى، دەپ ئاڭلىدىم...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-10-21 22:08:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پولىدىن گاتتوسونىڭ ،شاراۋىدىن شۇفىچىنكونىڭ ،ئاببىياتىدىن دىدانىڭ ئەكسىنى كۆرگەندەك بولدۇم.سىنى كىمگە ئوخشاتسام بۇلار سېرىق،بولدى ئوخشۇتۇپمۇ يۈرمەي مىلەندە ئۈزۈڭگە خاس ئۇسلۇب ياراتقىن . مىلەندە كاكا ،مالدىنى ،نىستا،سىلۋالار بولمىسىمۇ بۇلۇدىكەن،لېكىن گاتتوسسو بولمىسا بولمايدىكەن،نەچچە مەيدان مۇسابىقىدە شۇنداق ھىس قىلدىم ،پولى سەنمۇ غەيرەت قىل!!مونتىلوۋ دىگەن يارىماس شۇنداق ئۇزۇن دەم ئېلىپ كەتتى دىسە ،مادرىت بىلەن چېلىسىنىڭ ئەخلەتلىرىنى تىزدىن تازلاپ ،ئۇ ئىككىسىگە بىرىدىغان مۇئاشنى قەدىريەگە بەرسە ،ئاندىن مۇشۇ سەپ شەكلى بىلەن ياۋرۇپاغا قايتىپ كەلسەك،‹‹مىلەن››دىسە ئىنرىك،بىلەن ئەنچىلوتتىنىڭ يۈرىكى192000Hzسوقسا....خىيال دىگەننى سۈرۈپ قويدۇققۇ. ھە راست،دىماتو توررىس دىگەننى شارك06گە ئەكەتمەكچىكەن،بولسا مادسرىتتىن ئەكەلگەن قاپقىچىنىمۇ ئەكەتسە ،تىما يېزىپ ئۇزۇتۇپ قۇياتتىم.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-10-21 22:11:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىرى مىلەن ھازىرغىچە ئۇرغان 16توپتىن 8نى مۇشۇ سېرىق ئۇردى،ئۇرغان توپلىرىنىڭ ئىچىدە نوختا توپ يوق،لېكىن ئىتالىيە بىرلەشمىسى مەرگەنلىرىنىڭ ئىچىدكى ئالدىنقى 3دىن تىۋىزنىڭ 2نوختا توپى بار،كالخوننىڭ 1،بۇ جەھەتتە بىزنىڭ ياگېر مۇتلەق ئۈستۈن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-10-21 22:16:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھىمى بۇنىڭ ھەركەت دائىرسى چوڭايتىلىپتۇ، قايسى كۈنى مىلاننىڭ مۇسابقىسىنى كۆرگەنتىم، توررىس بىر ياندا قېلىپ ھۇجۇمچىنىڭ ئورنىدا يۈرۈيدۇ بۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-5-31 22:31

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش