akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1387|ئىنكاس: 29

ئىگىز بىنادىن ئۆي ئىجارە ئېلىپ مۇسابىقە كۆرۈش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-10-20 23:50:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ۋاڭيى تورى
  مانچىستېر شەھىرى مىھمان مەيداندا موسكۋا قۇرۇقلۇق ئارمىيە كوماندىسى بىلەن ئوينىلدىغان ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدا ئىككى تەرەپ مەستانىلىرىنىڭ كىرىشىنى چەكلىگەن . لېكىن 16 نەپەر  مانچىستېر شەھىرى مەستانىسى 5000 فونىستىرلىڭ پۇل يىغىش قىلىپ شۇ مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلدىغان مەيداننىڭ يېنىدىكى ئىگىز قەۋەت  بىنانىڭ ئۈستى قىسمىدىكى بىر ئۆينى ئىجارىغا ئېلىپ مۇسابىقىنى يىراقتىن كۆرمەكچى بولغان .
2014101909380602162_550.jpg
   كېلەر ھەپتىنىڭ ئوتتۇرسىدا ئۆتكۈزۈلدىغان ئۇزغۇنلۇق كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە  موسكۋا قۇرۇقلۇق ئارمىيە كوماندىسى  بىلەن مانچېستىر شەھىرى ئوتتۇرسىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى . ياۋرۇپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى  بۇ ئىككى كوماندىنىڭ مەستانىلىرىنى كىرگۈزمەسلىك بەلگىلىمىسىنى چىقارغان .  چۈنكى موسكۋا قۇرۇقلۇق ئارمىيە كوماندىسى رىم بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ھېرقى كەمسىتىش ئېلىپ بارغاچقا ، ياۋرۇپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى موسكۋا كوماندىسىنىڭ ئۇزغۇنلۇقتىكى 3 مەيدان  ساھىبخان مۇسابىقىسىنى ئاممىغا كۆرسۈتۈشنى چەكلىگەن . مۇشۇ ئىش سەۋەبىدىن قۇرۇقلۇق ئارمىيە  كوماندىسمۇ شۇ كۈنلۈك كىرىمدىن خېلى زىيان تارتىدىكەن . مىھمان كوماندىنىڭ مەستانىلىرىمۇ مۇشۇ ئىش تۈپەيلىدىن مۇسابىقىگە كىرەلمەيدىكەن . كېلەر ھەپتىنىڭ ئىككىسى مانچىستېر شەھىرى كوماندىسى مىھمان مەيداندا موسكۋا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى بىلەن بىر مەيدان كەسكىن جەڭ قىلماقچى بۇلۇپ ، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئۇلار چۇقۇم ئۇتىشى كېرەك ، بولمىسا كىچىك گۇرۇپپىدىن چىقىشى تەسكەن .
    مۇسابىقىگە مەستانىلەرنى چەكلىگەن بىلەن ئۇلارنىڭ مۇسابىقە كۆرۈش نىيىتىنى چەكلىيەلمىگەچكە ، 16 نەپەر مانچېستىر شەھىرى كوماندىسىنىڭ مەستانىلىرى 5000 فونىستىرلىڭ پۇل يىغىش قىلىپ شىمكى تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ يېنىدىكى ئىگىز قەۋەتلىك بىنادىن بىر يۈرۈش ئۆيىنى ئىجارىگە ئېلىپ مۇسابىقە كۆرمەكچى ئىكەن .
  ‹‹ يەكشەنبە ئەينەك گېزىتى ›› نىڭ خەۋەر قىلىنىشىچە ، بۇ مەستانىلەر چەك تارتىش ئاخىرلاشقان ھامانلا مۇسكۋاغا بارىدىغان ئايرۇپىلان بېلىتىنى ئالدىن زاكاس قىلىپ قويغان ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرەيلەن 500 فۇنىستېرلىڭ پۇل خەجلەپ ئۇچىدىغان ھەم ياتىدىغان بارلىق چىقىملارنى تەييارلاپ قويغان ئىكەن . لېكىن ياۋرۇپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىنى بىكىنمىچىلىك ھالەتتە ئۆتكۈزۈلدىغانلىق بەلگىلىمىسىنى چىقارغاندىن كېيىن ، ئۇلارنىڭ پىلانىنى پۈتۈنلەي يوق قىلغان . ئۆز كوماندىسغا قان مەستانە بولغان بۇ تاماشىبىنلار بۇنىڭلىق بىلەن بولدى قىلماي ئەسلى پىلان بىلەن يولغا چىقىشنى پىلانلىغان .
   بۇ مەستانىلەر ئەسلىدە موسكۋانىڭ بىر مەيخانسىغا كىرىپ مۇسابىقىنى نەق مەيداندىن تارقاتقانى كۆرۈشنى ئويلىغان ، لېكىن بۇرۇن بايرىن مىيۇنخىن مەستانىلىرىنىڭ مۇسابىقە مەيدانىنىڭ يېنىدىكى بىنادىن ئۆي ئىجارىگە  ئېلىپ  موسكۋا قۇرۇقلۇق ئارمىيە كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقە كۆرگەنلىكنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇلارمۇ 5000 فۇنىستېرلىڭ پۇل خەجلەپ شۇ يەرگە يېقىن بىر بىنادىن ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ ئۆز كوماندىسنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرۈشنى بىكىتكەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-20 23:56:00 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆردىن ئورۇن تىگىپتۇ ماڭا

         يا ئاللا    بۇمۇ بولىدىغان ئىشكەن...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-21 00:00:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-21 00:01:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خاتېرجەم  ئوينۇسۇن  رىمنى  بىر  بىر  تەرەپ  قىلمىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-21 00:08:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايرىن توپخۇمارلىرىمۇ شۇنداق قىلىپتىكەن .

بايرىن رىم نى ئۇتالمايدىغاندەك تۇيغۇ بار .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-21 00:16:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقى قان مەستانىلەر ،ئاپىرىن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-21 00:25:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا دەيمەن قىلمايدىغان ئىشى يوك ئىكەن، قاپاق تېرەككە چىقىپ كىنو كۆرگەندەك ئىش ئىكەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-21 00:44:15 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا  مالار   ھەقىقىي  قان مەستانىكەن!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-21 01:35:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەببى ھەۋاسكارلا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-21 01:45:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېپىق ھالەت  تاماشىبىن يوق مۇسابىقە بولامدۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-21 02:23:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىلى پەمى بارمەستانىلەركەنغۇبۇ، مەيدان سىرتىدىن مۇسابىقە كۆرەلەيدىغان.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-21 04:23:26 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاينى قېنىق دەملەپ ئويدە كۆرگەنگە يەتمەيدۇ.  چۇقۇم بىرەر يەرنىڭ ئېلانىغا تەييارلىق قىلىپ بولدى بولدى بۇ كاپىتالىستلار.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 19:56

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش