akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2170|ئىنكاس: 40

يەنە شۇ سىنېيدىر!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-10-19 14:02:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
گالاتا ساراي 1:2 فەنەر باغچە


    بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى ئەتتىگەن سائەت 0:00 دە تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى 6-ئايلانما مۇسابىقىسى بىر بۈلىكىدە گالاتاساراي كوماندىسى ئالۋاستى مەيدانىدا فەنەر باغچە كۇلۇبىنى كۈتىۋالدى. مۇسابىقە باشتىن-ئاخىرى دىرىبى تۈسىدە شىددەتلىك ئېلىپ بېرىلدى. مۇسابىقە جەريانىدا سابىق ئېنتىر مىلان توپچىسى سىنېيدىر دونياۋى سەۋىيىلىك 2 توپ ئۇرۇپ گالاتا ساراينىڭ غەلبە قىلىشىغا كۈچ قوشتى. نۆۋەتتە گالاتا ساراي 6 مەيدان بىرلەشمىدە 4 ئۇتۇپ، 1 تەڭلىشىپ، 1 ئۇتتۇرۇپ 13 نۇمۇر بىلەن 1-ئۇرۇندا تۇرىۋاتىدۇ. 2-ئۇرۇندىكى بىشىكتاش كۇلۇبى 1 مەيدان كەم ئوينىغان ئەھۋال ئاستىدا 3 ئۇتۇق، 2 تەڭلىشىش، 11 نۇمۇر بىلەن بىرلەشمىدە 2-ئۇرۇندا تۇرىۋاتىدۇ. بۈگۈن كەچ بىشىكتاش كۇلۇبى ساۋا تەنتەربىيەسى كۇلۇبى بىلەن تۇتىشىدۇ.

   فىلەش:




سىنېيدىرنىڭ 2 تۇپى ئاجايىپ يۇقىرى سەۋىيىدە، يەنە كىلىپ شۇنداق جىددى شارائىتتا تۇلىمۇ تەمكىنلىك بىلەن ئۇرۇپ كىرگۈزۈلۈپتۇ. مۇنبەرداشلارنى ھۇزۇرلانسۇن دەپ ئاز بولسىمۇ يوللىشىم. توغرا چۈشىنەرسىلەر!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-19 15:16:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمما مۇسابىقە بۇلا بۇنىڭدەك قىززىمىاس سىنىيدىرمۇ 40-50مىڭ تاماشىبننىڭ ۋاقىت توشقىچە بۆرىدەك ھۇۋلاپ تۇرغان مەدىتىدىن ئەزەلدىن كەممىىگەن پۇتبول سەزگۈ ھىسياتى قوزغىلىپ كىتىپ توختىمايلا ئۇرۇپ ساپتۇ.....
بۇلارنىڭ مۇسابىقىسىنى قايناق بازارغا ئوخشاتساق جۇڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسنىڭ مۇسابقىسىنى كىتاپخانا دەپ تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولغۇدەك.

ئىسىل مۇسابىقە !دەرىجىدىن تاشقىرى دېربى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +150 يىغىش سەۋەبى
بەگزادە + 50 ئوغول بالىدەك گەپ !
بوغدا + 100 راستىنلا قىززىپتۇ!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-19 15:03:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-19 14:09:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بايرېن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-19 14:11  

ئاجايىپ قىزىپتۇ ما مۇسابىقە ، زادى مۇشۇ ئىككى كوماندىنىڭ مۇسابىقىسى خىلى قىزىيدۇ ، سىنەيدىر ھەجەپ ئۇرۇپتا ئىككى توپنى ... ھازىر كۆرۈپ فىلىمىنى تىخى مۇنبەرگە يوللاي دەپ تۇرغان ... گالاتا ساراينىڭ ئۇزغۇنلۇقدىكى ئىپادىسى تازا دىگەندەك ياخشى ئەمەس ، بۇدا ئەمدى دورتمۇند بىلەن ئوينايدۇ بۇلار ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-19 23:05:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىملار تېخى بىزگە تونۇش ھەم يېقىن، گەپ - سۆزلەر تېخى... كىيىملەرنىڭ كەينىگە ئۈلكەر، ئالدىغا خۇۋاېي دەپ يېزىلىپتۇ، كىشىگە خۇددى ئۈرۈمچى دۆڭكۆرۈكتىكى ئىمپورت يېمەكلىك ساتىدىغان دۇكاننىڭ ئالدىدىكى تېلېفون بازىرىدا تۇرىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدىكەن...

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +5 يىغىش سەۋەبى
جاغىستاي120 + 5

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-19 15:01:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلبارىس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-19 15:03  

ئەگەر بۇرۇنۇ ئالۋىس قىزىل كارتا يەۋالمىغان بولسا... فەنەرباغچە ئىزچىل بېسىپ ئوينىغانىدى... قىزىل كارتىدىن كېيىن فەنەرباغچىنىڭ ئوتتۇرا مەيدانى قالايمىقانلىشىپ كەتتى... سىنىيدىر كاساپەت گالاتاسارايلىقلارنىڭ ئېسىدىن چىقمىغۇدەك دەقىقىلەرنى قالدۇرۇپتۇ مانا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-19 14:10:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-19 14:12:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فەنەر باغچىنىڭ ئۇرغان توپى مەيدان سېتىغا چىقىپ كىتىپ بولغان توپكەنغۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-19 14:14:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ  ئاداش  مەھمەت توپالغۇ  دەيمەن  بىر  دانە  قىزىل  كارتا  يەۋەلدى  بولمىسا  فەنەر باغچە  ئۇنداق  بوزەك بولمايتى

لىكىن  ۋولقان  دېمرىلغا ئېچىم  ئاغرىپ قالدى  نىمەنچە  مىسكىن ئۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-19 14:28:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن قالتىس ئۇرىۋېتىپتۇ ، مەيداننىڭ كەيپىياتىمۇ ئىنتايىن كەسكىن .
فەنەر باغچىمۇ بوش كەلمەپتىكەن ، بىر ئادىمى يوق شارائىتتا كىرىپ كىتىپتۇ توپلارمۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-19 14:31:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇسابىقە  بولا  مۇشۇنداق  بولا...........دەششەت  قىززىپتىغۇ  بۇ  تۈرۈكلەرنىڭ  مۇسابىقىسى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-19 14:32:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇشخۇي يوللىغان ۋاقتى  2014-10-19 14:12
فەنەر باغچىنىڭ ئۇرغان توپى مەيدان سېتىغا چىقىپ كىتىپ ب ...

شۇنداق ئىكەنغۇ؟؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-19 14:47:07 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دورتىمنىدنىڭ بىرلەشمىدىكى ھالتى شۇ بولسا گالاتا ساراي سەپ كەتكۈدەك.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-19 14:47:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەھشەت قىززىپتۇ ما مۇسابىقە      مۇسابىقە مۇنداق قىززىسا ئان ئىدەمنىڭ كۆرگىسى كىلىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-19 14:51:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇسابىقە بەك كەسكىن بۇلۇپتۇ، سىنېيدىرمۇ ئككى توپنى قالتىس ئۇرۇپتۇ.ئالۋاستى مەيدان
ھەرئككى كوماندا ئۈلكەر
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 22:20

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش