ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 6825 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زەردار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-18 20:08

تېڭشۈن 15-چىسلا خەۋىرى .
ئالدىنقى ھەپتە 2016-يىللىق ياۋرۇپا لوڭقىسى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسى ئوينالدى ، ياۋرۇپادىكى كۈچلۈك دەپ سانىلىدىغان كۆپلىگەن دۆلەتلەر تويۇقسىز ئار-ئارقىدىن ئۇتتۇرۇپ قويۇپ مەستانىلىرىنىڭ كۆڭلىنى بەكمۇ يېرىم قىلدى .
دۇنياغا داڭلىق پۇتبول تاراتقۇسى " Goal " يېقىندا بۇ ھەپتىلىك ياۋرۇپا لوڭقىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىنى تىزىپ چىقتى .
ۋارتا : كالور (شىمالى ئېرلاندىيە )
ئىككى ئايلانما مۇسابىقىدە شىمالى ئېرلاندىيە كوماندىسى بىرمۇ توپ كەتكۈزمىدى ، بۇنى ۋارتا كالورنىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ .
مۇداپىئەچىلەر : ئوۋشې (ئېرلاندىيە ) ، چىيېلىنى (ئىتالىيە ) ، جاگېلكا (ئېنگىلاد )
گېرمانىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئېرلاندىيە توپچىسى ئوۋشې ھالقىلىق بىر كاللا توپ ئۇرۇپ نەتىنجىنى تەڭلەشتۈردى ، شۇنداق قىلىپ كۈچلۈك گېرمانىيەنىڭ قولىدىن 1نومۇرنى تارتىۋالدى .
ئىتالىيە بىلەن ئەزەربەيجان مۇسابىقىسدە چىيېلىنى 2توپ ئۇرۇپ كوماندىنىڭ مۇتلەق يېڭىشىغا تۆھپە قوشتى .
ئېنگىلاد مۇداپىئەچىسى جاگېلكا مۇستەھكەم قورغان قۇرۇپ ئېنگىلادنىڭ يېقىنقى مۇسابىقىلەردە تولۇق يېڭىشىگە ئاساس سالدى .
ئوتتۇرا مەيدان توپچىلىرى : سىگورتىسون ( ئىسلاندىيە ) ، خامۇشىك ( سىلوۋاكىيە ) ، رونالدو ( پورتىگالىيە ) ، دوكار (چېخ)
سىگورتىسون گوللاندىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە 2 توپ ئۇرۇپ گوللاندىيەنى مەغلۇبىيەتكە يۈزلەندۈردى .
خامۇشىك بىلۇرىسيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە 2توپ ئۇرۇپ سىلوۋاكىيەنى غەلبىگە ئېرىشتۈردى .
رونالدو ئەڭ ئاخىرقى پەيىتكىچە بوشاشماي ، ۋاقىت قوشۇپ بىرىلگەن ۋاقىتتا دانىيە كوماندىسىنى ئېچىنىشلىق ھالدا بوغۇزلاپ تاشلىدى .
چېخ كوماندىسىنىڭ 2مەيدان تولۇق يېڭىشىدە دوكارنىڭ ئوتتۇرا مەيدان كونتىروللىغىدىن ھەرگىز ئايرىلالمايدۇ .
ھۇجۇمچىلار : دىمالى ( ئىسرائىلىيە ) ، روبى.كېن ( ئېرلاندىيە ) ، لافېرتې ( شىمالى ئېرلاندىيە )
ئىسرائىلىيە ئىككى مەيدان ئۇدا غەلبە قىلدى ، ئەلۋەتتە دىمالىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ ، ئۇ ئىككى مەيداندا 4 توپ ئۇردى ، بىرسى تېخى قالپاق .
بۇ يىل 34 ياشقا كىرگەن روبى.كېن بۇ ھەپتىدىكى مۇسابىقىدە 17 مىنۇت ئىچىدىلا 3توپ ئۇرۇپ قالپاق كىيدى .
لافېرتې بولسا ياۋرۇپا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسىدىكى تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەن بولۇپ ، جەمئى 21توپ كىرگۈزگەن ، ئۇنىڭ توپ كىرگۈزىشى تېخى توختاپ قالمىدى .
|
|