akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1884|ئىنكاس: 28

ۋېنگىرنى ئارماندا قويغان 11 توپ چولپىنى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-10-18 19:08:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
  
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !!!

         
01.jpg

  ئارىسنال باش مەشقاۋۇلى ۋېنگىر ، يۆتكىلىش بازىرىدىكى توپچىلارنى قېزىپ ، ئاكتىپلىق بىلەن سېتىۋىلىپ ئىشلىتىپ كېلۋاتقان ، ئالدىن كۆرەر تېرىنىرلارنىڭ بىرسى .
لېكىن ئۇنىڭمۇ كۆزى تورلىشىپ ، توپچىلارغا توغرا  باھا بىرەلمەي ، سېتىۋىلىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويغان چاغلىرىمۇ ، ئۇنى ئارماندا قويغان داڭلىق توپ چولپانلارمۇ ئاز ئەمەس ، س. رونالدو ، مېسسى ، ئىبرايىمۇۋىچ ، دىرۇگبا... قاتارلىق داڭلىق چولپانلارمۇ دەل شۇ توپچىلارنىڭ ئىچىدە . مېسسى 15 ياش ۋاقتىدا ، ئارسىنالغا .ئۇنى يۆتكەپ  ئەپ
كېلىش پۇرسىتى كەلگەنىدى ، لېكىن ئۇ مېسسىنىڭ  تەمىنات ۋە باشقا تەرەپلىرىدە بارسېلونا بىلەن بىرلىككە كېلەلمەي ، بۇ سودىدىن ۋاز كەچكەن .
   يېقىندا ‹‹ كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتى ›› ، ئارىسنالنىڭ ئېرىشەلمىگەن 11 توپچىدىن ئىنتايىن كۈچلۈك ھە قورقۇنۇشلۇق بىر سەپ شەكلى تۈزۈپ چىققان .
     
02.jpg
  

                       
قاپقىچى         :        بوففىن
                     
مۇداپىئە         :        كارلوس  ،             پېك  ،               كومپانىي   ،               رېچاردىس        
                    
  ئوتتۇرا مەيدان :      مېسسى   ،      ئالۇنسو     ،              يايا-تورى   ،               كىرىستىيانو . رونالدو
                  
  ھۇجۇم            :     ئىبرايىمۇۋىچ       ،   دېروگبا   

   
   بوففىن . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان  ئىتالىيە كۇماندىسىنىڭ قاپقىچىسى بوففىن ئىزچىل ئۆزىنىڭ ناھايىتى ياخشى بولغان تۇراقلىق ئىپادىسى يۇقىرى سەۋيىسىنى ساقلاپ ، جارى قىلدۇرۇپ كېلۋاتقان مۇنەۋۋە قاپقىچى . ئارسنال ھازىر دەل مۇشۇنداق يۇقىرى سەۋىيىلىك بىر قاپقىچىغا ئىنتايىن ئىھىياجلىق ، 2004 يىلى ، بوففىن ئىپادە بىلدۈرۈپ ،
ئەگەر يۇۋېنتىس قوشۇلسا ئۆزىنىڭ ئارىسنالغا قوشۇلۇشنى ئۆمۈت قىلىدىغانلىقىنى ئېيىتقان ، لېكىن ئۇنىڭغا قىزىقمىغان ۋېنگىر بۇ سودىنى قىلىشنى خالىمىغان .

         
03.jpg


كارلوس . 2007-يىلى ، بىرازىلىيىلىك ئىستىقباللىق مۇداپىئەچى كارلوس ، رېئال مادىرىت بىلەن توختام ئىمزالىدى ، لېكىن  ئۇ  توختام ئىمزالاشتىن بۇرۇن ۋېنگىر يىتەكچىلىكىدىكى  ئارىسنالنى تاللىغانىدى ،  ئەمما ۋېنگىر بۇنىڭغا ھىشقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى ، ئەكسىچە ، بىرازىليىنىڭ يەنە بىر مۇداپىئەچىسى سانتوسنى قوشىۋالدى ،  كارلوس ھازىر ئۆزىنىڭ ياراملىق توپچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى .
                  
04.jpg


  پېك . ئىسپانىيە ئوتتۇرا مۇداپىئەچىسى پېك ئىلگىرى  ناھايىتى ئىقتىدارلىق مۇداپىئەچى ئىدى ، گەرچە ئۇ مانچېستىر بىرلەشمىسىگە قوشۇلغان بۇلسىمۇ ، ئارسنالنىڭ ئۇنى قوشىۋىلىش پۇرسىتى بار ئىدى ،  بۇ ئىشمۇ مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ئەمەلگە ئاشمىغان ، ۋېنگىر ئۇنىڭ ئورنىغا شىۋىتسىيىلىك سېندىروسنى كۇماندىغا يۆتكەپ كەلگەن ،لىېكىن بىر قانچە غەلبىسىز مۇسابىقە پەسىلىنى ئۆتكۈزگەندىن  ، بۇ توپچى كۇماندىدىن كېتىپ قالغان ،  بىراق پېك ياخشى ئىپادىسى بىلەن كۇلۇبقا كۈچ قوشۇپ ،ياۋروپا كۇلۇبلار لوڭقىسى ، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى ۋە بىر نەچچە قېتىملىق بىرلەشمە چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى قاتارلىق چوڭ لوڭقىلارغا ئېرىشتى .
                     
05.jpg


    كومپانى  . ئۇ ھازىر مانچېستىر شەھىرىنىڭ ئاساسلىق مۇداپىئەچىلىرىنىڭ بىرسى ، ئۇمۇ ئەينى چاغدا ئارىسنالغا قوشۇلۇشقا ئاز قالغان ، لىكىن ۋېنگىر كۆز ئالدىدىكى 5 مىليۇن فۇنىستېرلىڭ يۆتكىلىش ھەققىنى ئويلاپ قىممەت كۆرگەن ، ئۇنىڭ ئورنىغا جولو نى سېتىۋالغان ، لىكىن بۇ توپچى تۇراقسىز ئىپادىسى بىلەن ئارىسنال مۇداپىئەسىنى
قانائەتلەندۈرەلمىگەن ، ئاخىرى ۋېنگىر بۇ توپچىنى كۇماندىدىن تازلىۋەتكەن ، كومپانى بۇلسا  ئىزچىل تۇراقلىق ئىپادىسى بىلەن كۇماندىدا چاقناپ كەتتى .

               
06.jpg


   رېچاردىس  . سانىيانىڭ كۇماندىدىن ئايرىلىشى ، دېبوسنىڭ ئېغىر يارلىنىشى ئارسىنال ئوڭ مۇداپىئە ئورنىنى بوش قېلىشتەك پاسسىپ ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان مۇشۇنداق قېيىن شارائىتتا   ۋېنگىرنىڭ رېچاردېسنى سېتىۋىلىش پۇرسىتى بۇلسىمۇ ، بىر نەچچە قېتىم يۈز كۆرۈشكەن ھالەتتىمۇ ۋېنگىر ئۇنىڭغا قول سېلىش پۇرسىتىنى ئۆتكۈزۋەتكەن .
            
07.jpg


    مېسسى .  مېسسى بارىسلونا بىرىنچى سەپ كۇماندىسىغا ۋاكالەتەن مەيدانغا چىقىپ ھازىرغىچە بولغان 10 يىل ئىچىدە ، تۆت قېتىم ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى ، بارىسېلوناغا ھەمدەم بۇلۇپ  ئۈچ قېتىم ياۋروپا ئۇزغونى بۇلدى ، شەخسى شان شەرەپلىرى ھېساپسىز ، مۇشۇنداق دەرىجىدىن تاشقىرى چۇلپاننىمۇ 15 ياش ۋاقتىدا ۋېنگىر قولدىن بىرىۋەتكەن ، ۋېنگىر ھازىر پۇشايمان قىلامدىغاندۇ ؟ ؟؟؟
                        
08.jpg


   خاۋېي . ئالونسو  .  ئۇ لېۋىرپول ئۈچۈن توپ تېپىۋاتقان چاغدا ، ئېنگىلاند بىرلەشمىسىدىكى مۇنەۋۋەر ئارقا بەل توپچىسى  ئىدى ، بىر مەزگىل ئىچىدە ، بېنتىس ئالۇنسونىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇشنى ئويلاشقان ، ئەينى ۋاقىتتا ئالونسۇ ۋېنگىرنى ئىزدەپ بارغان ، 15 مىليۇن فۇنىستېرلىڭ يۆتكۈلۈش ھەققى بىلەن ئارسنالغا يۆتكىلىشنى ئۈمۈت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى ، ۋېنگىر بۇ سودىنى قىلىشنى خالىماي ، ئالۇنسونى نائۈمۈتدە قويغان ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئالۇنسو رېئال مادىرىتقا قوشۇلغان ، دونياغا داڭلىق ئوتتۇرا مەيدان ماھىرى بولۇپ يېتىشىپ چىقتى .
                             
09.jpg


  يايا-تورى .  2003-يىلى ۋېنگىر يايا-تورىنى يۆتكەپ كېلىشنى قارار قىلغان ، لىكىن ئۇنىڭ يۆتكۈلۈش رەسىميەتلىرىنى بېجىرىش ناھايىتى ئاۋارچىلىق بۇلۇپ ، ۋېنگىر بۇ ئاۋارچىلىقتىن قېچىپ ئۇ كوتىدىۋارلىقتىن ۋاز كەچكەن ، ھازىرقى يايا-تورى ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى نامى چىققان ،غۇللۇق ماھىرغا ئايلاندى ، ئالدىنقى پەسىل ئۇ بىرلەشمىدە 20 توپلۇق ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ كەتتى ، ئەلۋەتتە ئۇ ئارىسنال سەپ شەكلىدە ئۆز ئىختىدارىنى جارى قىلدۇرالايتتى .
                     
010.jpg


    كىرىستىيانو . رونالدو . ئەينى ۋاقىتتا رونالدو تېخى پورتىگالىيە لېسبۇن رىقابەت كۇماندىسىدا  ئىدى ، لوندۇنغا كېلىشتىن بۇرۇن ، ئارسنال رونالدۇغا ئۆزىنىڭ ئىسمى بېسىلغان ئارىسنال كۇماندىسىنىڭ كىيىمنى بەرگەن ، ئارىسنال 4 مىليۇنلۇق يۆتكۈلۈش ھەققى بىلەن ، لىسبۇن رىقابات كۇماندىسى بىلەن دەسلەپكى بىرلىككە كېلىپ بۇلغاندى ، لىسبۇن رىقابەت بىلەن مانچېستىر بىرلەشمىسىنىڭ مۇسابىقىسى تۈگۈگەندىن كېيىن  توختام تۈزۈشكە كېلىشكەن ، بىراق شۇ مۇسابىقىدە س. رونالدونىڭ ئىپادىسى قالتىس بۇلۇپ ، فۇرگۇسۇننىڭ كۇماندىسىنى مەغلۇب قىلغان ، شۇنىڭ بىلەن فۇ بۇۋاي ئالدىن قول سېلىپ ، ئارىسنالنىڭ ئىشى ئەمەلگە ئاشمىغان .
              
011.jpg


  ئىبرايىمۇۋىچ  .  ئۇنىڭ ھېكايىسىنىمۇ بۇرۇندىن باشلاشقا تۇغرا كېلىدۇ ، 19 ياش ۋاقتىدا ئۇ ، شىۋىتسىيە بىرلەشمىسىدىكى  مارمو كۇلۇبىدا توپ ئوينايىتتى ، ۋېنگىرنىڭ ئۇنىڭغا كۆزى چۈشكەن ، 3مىليۇن فۇنىستېرلىڭلىق يۆتكۈلۈش ھەققى بىلەن ئارسنالغا يۆتكەشنى ئۆمۈت قىلغانىدى ، ۋېنگىر ئىبرايىمۇۋىچتىن ، توختام تۈزۈشدىن بۇرۇن  بىر قېتىملىق مەشىق مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشنى تەلەپ قىلغان ، لىكىن ئىبرايىمۇۋىچ  : ‹‹  مەن ئەزەلدىن بۇنداق مۇسابىقىلەرگە قاتناشمايمەن . ››  دەپ چۇڭ سۆزلىگەن ، بۇنىڭدىن ئۆمۈتسىزلەنگەن ۋېنگىر بۇ تۆگىدىن ۋاز كەچكەن .
         
12.jpg


   دىروگبا . ئۇ كەسپى ھاياتىدا ، ئارىسنال سەپ شەكىلگە قوشۇلۇش ئۆمۈدى بار ئىدى ، ۋېنگرمۇ بۇ توپچىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ قويغاندى ، ماڭلو كۇماندىسىدا توپ تىپىۋاتقان دىروگبانىڭ باھاسى ئاران 100 مىڭ فۇنىستېرلىڭ بۇلۇپ ، بۇ باھا  ئارسنال ئۈچۈن بەك ئەرزان ھېساپلىناتتى ، ۋېنگىر ئۇنىڭ بىر قانچە مەيدان مۇسابىقىسىنى كۆرۈپ ئىپادىسىدىن گۇمانلانغان ، ئۇنى ئارسىنالدىن ئىبارەت بۇ زەردار كۇلۇبقا ماس كەلمەيدۇ دەپ ئويلاپ سېتىۋىلىشتىن ۋاز كەچكەن ،  چېلسى يۆتكەلگەن دىروگبا ۋېنگىرنى ھەسرەتتە قالدۇرۇپ ناھايىتى ئېچىلىپ كەتكەن .
        
13.jpg



  

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
turgunjan + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-18 19:33:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   قېرىندىشىم، تىما يېزىش قىزغىنلىقىڭىزغا ئاپىرىن. بىراق تىنىش بەلگىلىرىگە ئالاھىدە دىققەت قىلسىڭىز. پەشنىڭ ئالدىدا بوشلۇق قالدۇرۇلمايدۇ، چىكىتنىڭ ئالدىدىمۇ  بوشلۇق قالدۇرۇلمايدۇ. چىكىتتىن كىيىن بوشلۇق قالدۇرۇلۇپ كىيىنكى جۈملە باشلىنىدۇ. بىر جۈملە ئىچىدىكى ئىككى سۆز ئارلىقىدا پەقەت بىرلا بوشلۇق قالدۇرىلىدۇ.

  يەنە بىرى تەرجىمە تىمىلاردا تىمىنىڭ ئەسلى مەزمۇنىنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بەرسىڭىز. تىمىدا مىسسىنى قېتىۋالماسلىقىدىكى سەۋەپ ياتاق بىلەن تەمىنلەشنى خالىماسلىق دەپ ئېلىنغان.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-18 19:33:38 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئازىغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-18 19:35  

ھەي  ۋىنگىر   ھەي  جاھىل
ئا  باشتىكى رەسىم نىمدا……ھى ھى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-18 19:39:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پۇتبۇلچىلار ھازىر ئارسىنالدا بولغان بولسا دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك كوماندا بوپ قالاتتىكەن ئەپسۇس بولغان تەغدىردىمۇ ۋىنگىر بۇلارنى ئۇزۇن تۇتۇپ قالالمايتى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-18 19:44:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇغدا يوللىغان ۋاقتى  2014-10-18 19:33
قېرىندىشىم، تىما يېزىش قىزغىنلىقىڭىزغا ئاپىرىن. بىر ...

ئازدۇر-كۆپتۇر مۇشۇنداق پىكىرلەرنىڭ بولۇپ تۇرغىنى ياخشى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-18 19:46:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ، مۇشۇ توپچىلارنى قوشۇۋالغان بولسا ھە؟ بولۇپمۇ رونالدۇ، مېسسى، ئىبراھىملارنى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-18 19:47:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشەككە بىلىپ مۈڭگۈز بەرمىگەن ، ۋىنگىر بۇلارغىلا ئەمەس ، يەنە نۇرغۇن توپچىلارغا قول ئۇزىتىپ باققانغۇ دەيمەن ؟  پەقەت مۇشۇلار داڭلىق بولۇپ قالغاچقا چىققان گەپ ھەقىچان !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-18 19:48:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەنجەر يوللىغان ۋاقتى  2014-10-18 19:47
ئىشەككە بىلىپ مۈڭگۈز بەرمىگەن ، ۋىنگىر بۇلارغىلا ئەمە ...

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-18 19:49:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رونالدو بىلەن مېسسىنىڭ بۇ ھالىتىنى كەلگۈسىدە كۆرەلەمىزمۇ-ھە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-18 20:19:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلارغۇ ئارسىنالغا كەلمەي تۇرۇپ ئارماندا قۇيۇپتۇ ، ئارسىنالغا كىلىپ چاقناپ كىتىپ ئاندىن ئارماندا قۇيۇپ تاشلاپ قۇيۇپ كەتكەنلەرمۇ باغۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-18 22:18:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رونالدو بىلەن مېسسىنى
ما سەپ شەكلىنى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-18 22:22:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما، ئەمدى ئەدەبىيات مۇئەللىمنىڭ دەرىسىنى ياخشى ئاڭلاڭلار
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-9 10:37

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش