بۇ يازمىنى ئاخىرىدا جاغىستاي120 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-18 01:52
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !!! ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە كۇلۇب ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلىپ ، تىرىشىپ نەتىجە يارىتىپ ، ئۇنتۇلغىسىز تۆھپىلەرنى قوشۇپ كېلۋاتقان
كۆپلىگەن داڭلىق ،مۇنەۋۋەر تېرىنىرلار بار ، ئەلۋەتتە ئۇلارمۇ بۇرۇن يېشىل چىملىقتىكى ھارماس ‹جەڭچى›لەردىن ئىدى ، بۇ تېرىنىرلار توپچىلىق كەسپى ھاياتىدا
ئوخشاش بۇلمىغان ئىسسىق- سۇغۇقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ ، بەزىلىرى كەسپى ھاياتىدا نۇرغۇنلىغان شان-شەرەپ ،نەتىجە- ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەن بۇلسا ، يەنە
بەزىلىرى ، كەسپى ھاياتىنى كۈچلۈك بوران-چاپقۇن ، ئېغىر سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي ، بالدۇرلا يېشىل چىملىقتىن خوشلاشقان . ئۇلارنىڭ پۇتبولچىلىق ھايا-
تىدىكى شۇ ئېگىز-پەس نەتىجىلىرى بىلەن ، ھازىرقى تېرىنىرلىق ھاياتىغا باھا بېرىشكە بولمايدۇ ئەلۋەتتە . يېقىندا ، ئېنگىلاند ئاخبارات ۋاستىلىرى ، ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى 20 تېرىنىرنىڭ توپچىلىق كەسپى ھاياتىنى قىسقىچە تۇنۇشتۇرغان .
1. مورىنىئو ( چېلسى )
ئۇ 1963-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى پورتىگالىيىنىڭ سەيتۇباردا تۇۈۇلغان ، بوي ئېگىزلىكى 174 سانتىمېتىر ، مەيداندىكى ئورنى : مۇداپىئە .
مورىنىئو 17 يېشىدا رەسمى كەسپى پۇتبولچىلىق ھاياتىنى باشلىغان ، 20 تېرىنىر ئىچىدە ئۇنىڭ كەسپى ھاياتىنى قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئۆتكەن دېيىشكە بۇلىدۇ ،
ئۇ بىر مەغلۇبىيەتچى مۇداپىئەچى ، توپچى ۋاقتىدا ، بىر قانچە تۈۋەن دەرىجىلىك كۇلۇبلاردا توپ تەپكەن ، بۇ جەرياندا ئۇنىڭ كۇلۇبدىكى ئىشلىرى تازا ئوڭۇشلۇق
بۇلمىغان ، كېيىن ئۇ سۇدا-سانائەت كەسپى بىلەن شۇغۇللۇندىغانلار بىلەن قۇيۇق باردى كەلدى قىلىشىپ ، كەسىپ ئۆزگەرتىشنى ئويلاپ ، 24 يېشىدا توپ تېپىشدىن
ۋاز كەچكەن . كېيىن مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن تېرىنىر بولۇشقا بەل باغلىغان . بارىسېلوناغا كېلىپ ، روبۇسېن ۋە ۋانجالنىڭ يېتەكلىشى ئارقىسىدا تىرىشىپ ، بىر
مەغلۇبىيەتچى مۇداپىئەچىدىن ھازىرقىدەك دۇنياغا داڭلىق ، مۇنەۋۋەر تېرىنىر بۇلۇپ يېتىشىپ چىققان . 2013-يىلى چېلسىغا ئىككىنچى قېتىم تېرىنىر بۇلدى ، ( بىرىنچى قېتىملىقى 2004-2007 ) . ئۇنىڭ تەلۋە تېرىنىر دىگەن نامى بار ، بۇمۇ ئۇنىڭ ئالاھىدە بىر تەرىپى .
2.بېرىندان . رودگېرىس ( لېۋىرپول ) .
رودگېرىس 1973-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى ئېرلاندىيەدە تۇغۇلغان ئۇنىڭ توپچىلىق كەسپى ھاياتى مورىنىئونىڭكىدىنمۇ قىسقا ، ئۇمۇ بىر مۇداپىيەچى ماھىر ئىدى ،
نېئوبۇل ۋە خۇيىستېن كۇلۇبلىرىدا توپ تەپكەن ، 20 ياش ۋاقتىدىكى بىر قېتىملىق مۇسابىقىدە ئېغىر يارلانغانلىقتىن ، كەسپى ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىز قېلىپ
چېكىنگەن ، كېيىن گۇۋاھنامە ئېلىپ تېرىنىر بۇلغان . 2012-يىلى 6-ئايدا لېۋىرپولنىڭ تېرىنىرلىقىنى ئۈستىگە ئالغان .
3. ۋانجال ( مانچېستىر بىرەشمىسى )
ۋانجال 1951-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى گوللاندىيەنىڭ ئامىستېردامدا تۇغۇلغان ،بوي ئېگىزلىكى : 182 سانتىمېتىر ، ئېغىرلىقى : 88 كىلۇگىرام . ئۇ توپچى مەزگىلىدە ،مەيداندا ئۆزى بىلەن بىر ئورۇندا توپ ئوينايدىغان كۇلۇبداش رەقىبى تەرىپىدىن ئورۇندۇققا مىخلىنىپ قالغان ، تېرىنىرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلمىگەنلىكتىن ئەزەلدىن ئاجاكىس بىرىنچى سەپ كۇماندىسى ئۈچۈن بىر مەيدانمۇ مۇسابىقىگە چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ باقمىغان ، كۇلۇب ئالماشقاندىن كېيىن
ئەنتۇۋۇپ ۋە ئاركىمار قاتارلىق تۈۋەن دەرىجىلىك كۇلۇبلاردا قاتراپ يۈرۈشتىن باشقا ئامال بۇلمىغان ، ئۇڭۇشسىزلىق ئىچىدە كەسپى ھاياتىنى تېزلا ئاخىرلاشتۇرۇپ ، تېرىنىر بۇلغان . 2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىن كېيىن مانچېستىر بىرلەشمىسىگە تېرىنىر بۇلغان .
4.ۋېنگىر ( ئارىسنال )
ئۇ 1949-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى فىرانسىيەنىڭ سېتراسباۋدا تۇغۇلغان ، ئېگىزلىكى : 191 سانتىمېتىر ، مەيداندىكى ئورنى : مۇداپىئە . ۋېنگىرنى كەسپى ھاياتىدا پۈتۈنلەي مەغلۇپ بۇلغان توپچى دېيىشكىمۇ بۇلمايدۇ ، ئۇ كەسپى ھاياتىدا فىرانسىيىدىكى سېتىلاس كۇلۇبى بىلەن بىرلىكتە فىرانسىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى لوڭقىسىنى كۆتۈرۈپ باققان ، بىراق ئۇ شۇ پەسىللىك مۇسابىقىدە ئاران ئۈچ مەيدان مۇسابىقىدىلا مەيدانغا چىقالىغان ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا
تۈۋەن دەرىجىلىك بىرلەشمىدىكى مۇرخاۋىس قاتارلىق بىر قانچە كۇلۇبلاردا توپ تەپكەن ، كەسپى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىنكېيىن تېرىنىر بولغان ، 1996-يىلدىن
ھازىرغا قەدەر ئىزچىل ئارىسنالغا تېرىنىر بۇلۇپ كەلمەكتە .
5 . پىلەيگېرنى ( مانچېستىر شەھىرى )
پىلەيگېرنى 1953-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى چېلىنىڭ گۇۋەنتىياگو دا تۇغۇلغان ، بويىنىڭ ئېگىزلىكى : 186 سانتىمېتىر . ئۇ توپ تېپىۋاتقان مەزگىلدە ، ئۆز زامانىسىدىكى ياراملىق ئوتتۇرا مەيدان توپچىلىرنىڭ بىرى ئىدى ، لېكىن پەقەت چېلى ئۇنۋېرستىتى كۇلۇبىدىلا توپ تەپكەن ، چېلى دۆلەت
كۇماندىسى ئۈچۈن 28 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان . تېرىنىر بولغاندىن كېيىن كۆپلىگەن كۇلۇبلارنى يېتەكلەپ باققان ، 2013 -يىلى مانچېستىر شەھىرى كۇلۇبىغا تېرىنىر بۇلغان ، بۇ كۇلۇب ئۇنىڭ تېرىنىرلىق ھاياتىدىكى تۇتقان 10-كۇلۇبى . 6. مارسېلو . پوچتېنو ( توتىنھام رېس )
پوچتېنو 1972-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى ئارگېنتېنانىڭ موخىيدا تۇغۇلغان ، بوينىڭ ئېگىزلىكى : 182 سانتىمېتىر ، ئېغىرلىقى : 80 كىلۇگىرام . ئۇ توپچى ۋاقتىدا ، مەيداندا مۇداپىيىچى ئىدى ، ئىلگىرى -كېيىن بولۇپ ، ئارگېنتېنانىڭ نىئۇۋېر قېرى يىگىتلەر كۇلۇبى ۋە ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى ئىسپانىيىلىكلەر
كۇلۇبلىرىدا توپ تەپكەن ، ئارگېنتېنا دۆلەت كۇماندىسى ئۈچۈن 20 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان ، 2002-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئارگېنتېنا
بىلەن ئېنگىلاند ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقىدە ، پوچتېنو چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدە قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ ئوۋىننى يىقىتۋەتكەن ، رېپىر بۇنىڭغا نوقتا توپ دەپ ھۆكۈم قىلغان ، داۋېد .بېكخام نوختا توپنى تېپىپ كىرگۈزۈپ ، ئارگېنتېنادىن كونا ئۆچىنى ئېلىۋالغان . بۇ ئىش پوچتېنو ئۈچۈن ناھايىتى ئەلەملىك بىر ئىش بولغان ، كەسپى
ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ناھايىتى تېزلا تېرىنىر بۇلغان ، 2014-يىلى توتېنھام كۇلۇبىنىڭ باش تېرىنىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان .
7. خاررى رېدىكناپ ( ئايال پادىشاھ باغچا )
ئۇ 1947-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى لوندۇندا تۇغۇلغان ، مەيداندىكى ئورنى : يان ھۇجۇم . رېدىكناپ توپچى مەزگىلىدە ، ئېنگىلاندنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى چولپانلىرىدىن بوبى-مور ۋە خىيىستې قاتارلىقلار بىلەن بىللە غەربى ھام كۇلۇبىدا توپ تەپكەن ، لېكىن
كەسپى ھاياتىدىكى دولقۇنلۇق چاغلىرى پۇتۇنلەي باشقىلارنىڭ توسقۇنلىقىغا ئۇچراپ كۆڭۈلسىزلىك ئىچىدە ئۆتكەن ، ئېنگىلانددىكى ئىشلىرى ياخشى بۇلمىغانلىقتىن
مور بىلەن بىللە ئامېركا بىرلەشمىلىرىگە بېرىپ توپ تەپكەن . كەسپى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن تېرىنىر بۇلغان ، 2012-يىلى ئايال پادىشاھ باغچا كۇلۇبىنى
قولغا ئېلىپ كۇماندىنى يېتەكلەپ كەلمەكتە .
8. روبوت . مارتېنىز ( ئېۋرتون )
مارتېنىز 1973-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى ئىسپانىيە بالاگېر دا تۇغۇلغان ، ئېگىزلىكى : 178 سانتىمېتىر ، ئېغىرلىقى : 75 كىلۇگىرام . ئۇ مەيداندا ھۇجۇمچى ئىدى ، ۋېگان ئېنگىلاند بىرلەشمىسىدە تېرىنىرلىق قىلۋاتقان مەزگىلدە ، مارتېنىز ۋە يەنە ئىككى ئىسپانىيىلىك توپچى بىلەن تۇختام ئىمزالاپ ئېنگىلاند بىرلەشمىسىگە ئېلىپ كەلگەن ، ۋېگان كۇلۇبدىن كەتكەندىن كېيىن مارتېنىزمۇ كۇلۇبدىن ئايرىلىپ ، ئىلگىرى-كېيىن بۇلۇپ ، سىۋانس ۋە چېسىت كۇلۇبلىرىغا
يۆتكەلگەن ، يەنە قىقا ۋاقىت ئىسپانىيەنىڭ سالاگېسا كۇماندىسى ئۈچۈنمۇ كۈچ قوشقان ، بۇ تېرىنىرنىڭمۇ پۇتبولچىلىق كەسپى ھاياتى ئانچە ئۇتۇقلۇق بۇلمىغان دېيىشكە بۇلىدۇ . 2013-يىلى ئېۋىرتونغا تېرىنىر بۇلغان . 9. بويىت ( ساندىلاند )
بويىت 1967-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۇرۇگۋايدا تۇغۇلغان ، ئېگىزلىكى : 185 سانتىمېتىر ، مەيداندىكى ئورنى : ئوتتۇرا مەيدان .
ئۇ ، سۇيارىزدىن بۇرۇنقى ئېنگىلاند بىرلەشمىسى تارىخىدىكى ئەڭ داڭلىق ئۇرۇگۋايلىق توپچى ھېساپلىنىدۇ ، 1997-يىلى ئىسپانىيىدىكى سالاگىسا كۇلۇبىدىن چېلسىغا يۆتكەلگەن ، ئۇ ناھايىتى كۆپ قىرلىق مۇنەۋۋەر ئوتتۇرا مەيدان ماھىرى ئىدى ، بويىت ۋېلسى بىلەن توتىنھامغا يەتتە يىل كۈچ قوشقان ، بۇ جەرياندا ، بىر قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى ۋە بىر قېتىم ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرلار لوڭقىسىنى كۆتۈرۈپ باققان ، بۇ تېرىنىرنىڭ توپچىلىق ھاياتى خېلى نەتىجىلىك بۇلدى دەپ قارىلىدۇ ، كەسپى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ تېرىنىر بۇلغان ، 2013-يىلى ساندىلاند كۇلۇبى بىلەن توختام ئىمزالاپ تېرىنىر بۇلغان .
10. ئالان . پاردىۋ ( نىيۇكاستىل بىرلەشمىسى )
پاردىۋ 1961-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى ئېنگىلاندنىڭ ۋېنبۇرېندا تۇغۇلغان ، ئېگىزلىكى : 180 سانتىمېتىر . ئۇ خىرىستال ئوردا كۇلۇبىغا كېلىپ ، 26 يېشىدا ئاران كەسپى ھاياتىدىكى تۇنجى توپىنى ئۇرغان ، 1990-يىلى ئېنگىلاند بىرلەشمە لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە بىر توپ ئۇرۇپ لېۋىرپولنى بۇغۇزلىۋەتكەن ، توپچىلىق كەسپى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ئۇ يەنە بانېت ۋە رېيدىن كۇلۇبلىرىدا توپ تەپكەن .
2010-يىلى نىيۇكاستىل بىرلەشمىسىنىڭ قامچىسىنى قولغا ئالغان .
11. مارىك . ھۇگېس ( سىتوك شەھىرى )
ھۇگېس 1963-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى ۋېلىشدا تۇغۇلغان ، ئەيداندىكى ئورنى : ھۇجۇم .
ئۇنىڭ توپچىلىق كەسپى ھاياتىنى ئىنتايىن ئۇتۇقلۇق بۇلغان دېسەك ھەرگىز ئارتۇق كەتمەيدۇ ، كەسپى ھاياتىدا ئىككى قېتىم قىزىل ئالۋاستىلار ئۈچۈن توپ ئوينىغان ،
ئۇ يەنە باسا ، چېلسى ۋە بايرىن قاتارلىق داڭلىق كۇلۇبلاردىمۇ ، كەسپى ھاياتىنىڭ ئېسىل پەيىتلىرىنى ئۆتكۈزگەن ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئېۋىرتون ۋە جەنۇبى ئامپېلتون
كۇلۇبلىرىغا يۆتكۈلۈپ توپ ئوينىغان ، ئۇ 25 يىللىق توپچىلىق كەسپى ھاياتىدا شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتقان مۇنەۋۋەر پۇتبولچى .
2013-يىلى سىتوك شەھىرى كۇماندىسىغا تېرىنىر بۇلغان .
12. سام . ئالدەيس ( غەربى ھام )
ئالدەيىس 1954-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى ئېنگىلاندنىڭ دورالىدا تۇغۇلغان . ئۇ توپچى ۋاقتىدا ھەيۋەتلىك ساقىلى بار ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى ئىدى . كەسپى ھاياتىدا ، ئېنگىلاند ، ئېرلاندىيە ۋە ئامېركىدىكى بۇلۇپ جەمئى 9 كۇماندىدا، 500 مەيدانغا يېقىن مۇسابىقىگە قاتناشقان ، ئېنگىلاند بىرلەشمىسىدە ئاساسلىقى ساندىلاند ۋە كېيىن ئۆزى تېرىنىرلىق قىلغان بوردۇن كۇماندىلىردا توپ تەپكەن ، ئۇ پۇتبولچىلىق كەسپى ھاياتىنى كېچىكىپ ئاخىرلاشتۇرغان تېرىنىرلارنىڭ بىرسى . 2011-يىلى غەربى ھام كۇلۇبىغا تېرىنىر بۇلغان . 13. باۋېل .لەمپارد ( ئاستۇن ۋېلا )
لەمپارد 1969-يىلى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى ئېنگلاندنىڭ گىراسگىدا تۇغۇلغان ، ئېگىزلىكى : 180 سانتىمېتىر ، مەيدان ئورنى : ئوتتۇرا مەيدان . ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى تېرىنىرلار ئىچىدە ، پەقەت ئىككىلا تېرىنىر توپچى مەزگىلىدە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى لوڭقىسىنى كۆتۈرۈپ باققان ،
لەمپارد دەل ئۇنىڭ بىرسى . 1997-يىلى ئۇ دورتمەند كۇلۇبىدا توپ تېپىۋاتقان مەزگىلدە ، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ، زىدانېنى مۇداپىئە
قىلىش ۋەزىپىسىنى مۇۋاپىقيەتلىك ئورۇنداپ ، كۇماندا بىلەن بىرلىكتە شۇ پەسىللىك لوڭقىنى كۆتۈرگەن ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئېنگىلانددىكى تۈۋەن دەرىجىلىك كۇلۇبلاردا توپ
ئويناپ كەسپى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان .
2012-يىلى ئاستون ۋېلاغا تېرىنىر بولغان . 14. سىتۇۋ . بىروس ( خۇل شەھىرى )
بىروس 1960-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى ئېنگىلاندنىڭ كىبلىچدا تۇغۇلغان ، مەيداندىكى ئورنى : ئۇتتۇرا مۇداپىئە .
ئۇ توققۇز يىل مانچېستىر بىرلەشمىسىدە توپ تەپكەن ، ئۇنىڭ ئېرىشكەن لوڭقىلىرى بىر قەدەر كۆپ ، ئۇ توپ تەپكەن ۋاقىت قىزىل ئالۋاستىلارنىڭ تازا گۈللەنگەن ۋاقىتلىرى
بۇلغاچقا ، كۇلۇب بىلەن بىللە سەككىز قېتىم لوڭقا كۆتۈرگەن ، بۇنىڭ ئىچىدە 1994-يىلى بىر يىلدا ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى لوڭقىسى ۋە ئېنگىلاند بىرلەشمە لوڭقىسىنى تەڭ كۆتۈرگەن ، لېكىن تەغدىرى كاج كېلىپ ، ئېنگىلاند دۆلەت كۇماندىسىغا قاتنىشالمىغان مۇنەۋۋەر توپچىغا ئايلىنىپ قالغان . 2012-يىلى خۇل شەھىرى كۇماندىسىغا تېرىنىر بولغان .
15. شاۋىن . دېكې ( بويىنلى )
1971-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى . ئېگزلىكى : 183 سانتىمېتىر ، ئېغىرلىقى : 87 كىلۇگىرام ، مەيدان ئورنى : ئوتتۇرا مۇداپىئە . دېكې توپچى ۋاقتىدا ، كېلاۋفون تېرىنىرلىق قىلۋاتقان نودىنھام ئورمىنى كۇلۇبىقا قۇشۇلغان ، لېكىن كېلاۋفۇن ئۇنى بىر قېتىممۇ مەيدانغا چىقارمىغان ، بۇ يەردە تۇرۇشقا
كۆزى يەتمىگەن دېكې كۇماندىدىن ئايرىلىپ ، ئىلگىرى -كېيىن بۇلۇپ ،لودۇن شەھىرى ، ۋوتفۇت ۋە چېسفىرىد كۇلۇبلىرىغا بېرىپ توپ تەپكەن ، ئۇ شۇ ۋاقىتتىكى مۇنەۋۋەر بىكلاردىن بولسىمۇ ، ئانچە ئالقىشقا ئېرىشەلمىگەن توپچى بۇلۇپ قالغان ، كەسپى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن تېرىنېر بولغان . 2012-يىلى بويىنلى كۇلۇبىنىڭ تېرىنىرلىقىنى ئۈستىگە ئالغان .
16. نېئىل . ۋورنىك ( خىرىستال ئوردا )
ۋۇرنىك 1948-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى ئېىنگىلاندنىڭ چېسىفىرت دا تۇغۇلغان . ئېگىزلىكى : 175 سانتىمېتىر ، ئېغىرلىقى : 76 كىلۇگىرام .
ئۇ توپچىلىق كەسپى ھاياتىدا ، چېسفىرىت ، خاتبور ، بايىنسېل ۋە نېئوك شەھىرى قاتارلىق ئېنگىلاند تۈۋەن دەرىجىلىك كۇلۇبلىرىدا توپ تەپكەن ، ئۇ مەيداندا توپ ئويناۋاتقاندا قارشى تەرەپ ماھىرى ئۇنىڭ پۇت ئوشۇق سۇڭىكىنى سۇندۇرۋىتىپ بەك ئېغىر يارلىنىدۇ ، ئەسلىگە كىلەلمىگەنلىكتىن كەسپى ھاياتىدىن بۇرۇنلا خوشلىشىدۇ . ئۇ 2007-يىلى 10-ئايدىن 2010-يىلى 1-ئايغىچە خىرۇستال ئوردا كۇلۇبىغا تېرىنىر بۇلغان .
17. گالى مونىك ( سىۋانس )
مۇنىك 1979-يىلى ئېنگىلاندنىڭ بېدىفۇدتا تۇغۇلغان . ئېگىزلىكى : 180 سانتىمېتىر ، ئېغىرلىقى : 80 كىلۇگىرام ، مەيدان ئورنى : مۇداپىئە . 2004-يىلى مونىك سىۋانس كۇلۇبىغا قېتىلدى ، ئۇ تۈۋەن دەرىجىلىك كۇماندىدا توپ تېپىپ ، كۇماندا بىلەن بىرلىكتە ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىگە ئۆرلەپ چىققان ، كۇلۇب تېرىنىرنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشەلمىگەنلىكتىن 34 يېشىدا كەسپى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ ، كېيىن ناھايىتى تېزلا تېرىنىرلار قوشۇنىغا قېتىلىدۇ . 2014-يىلى ئۆزى توپ ئوينىغان سىۋانس كۇلۇبىنىڭ تېرىنىرلىقىنى ئۈستىگە ئالدى .
18. ئالەن . ئېرۋىن ( غەربى بىرۇمۇۋىچ )
ئېرۋىن 1958-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى ئېنگىلاندنىڭ گىلاسگېدا تۇغۇلغان ، ئېگىزلىكى : 175 سانتىمېتىر ، ئېغىرلىقى : 71 كىلۇگرام ، ھۇجۇمچى . پۇت ئاستى تېخنىكىسى ناھايىتى ياخشى بۇلغان ،مەيداندا يان ھۇجۇم ئوينايدىغان ئوينايدىغان ئېرۋىن ئانا كۇماندىسى ، ئايال پادىشاھ باغچا كۇماندىسىدىن
ئېۋىرتۇنغا يۆتكىلىدۇ ، كېيىن ئۇ يەنە خىرۇستال ئوردا ، دىندى بىرلەشمىسى كۇلۇبلىرىدا توپ تېپىدۇ ، ئەڭ ئاخىردا بولەيىك كۇماندىسىغا قوشۇلىدۇ ، مەلۇم سەۋەبلەر
تۈپەيلىدىن رەسمى كەسپى پۇتبولچى بولۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ ، ئۇمۇ ئاخىرى تېرىنىرلىقنى تاللايدۇ .
2014-يىلى غەربى بىرۇمۇۋىچ كۇلۇبىغا تېرىنىر بۇلدى .
19- پېلزىن ( لەيچېستىر شەھىرى )
پېلزىن 1963-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى ئېنگىلانددا تۇغۇلغان . پېلزىن ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى بۇلۇپ ، ئۇ تۈۋەن دەرىجىدىكى كۇلۇبلاردا توپ تەپكەن بۇلسىمۇ ، بىرلەشمىدىكى توپچىلار ئىچىدە خېلى كۆزگە كۆرۈنگەن مۇنەۋۋەر ماھىرلاردىن ئىدى ، 1991-يىلى بىرلەشمە لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئۇ ، كاپىتان سالاھىتىدە مەيدانغا چىقىپ ، 1:0 نەتىجە بىلەن مانچېستىر بىرلەشمىسىنى يېڭىپ شۇ پەسىللىك بىرلەشمە لوڭقىسىغا ئېرىشىدۇ ، كەسپى ھاياتىدىن خوشلاشقاندىن كېيىن تېرىنىر بولدى . 2011-يىلى پېلزىن يەنە بىر قېتىم لەيچېستىر شەھەر كۇلۇبىغا تېرىنىر بولدى .
20 . رونالدو .كېمان ( جەنۇبى ئامپىلتون )
كېمان 1963-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى گوللاندىيەنىڭ سادامدا تۇغۇلغان . ئېنگىلاند بىرلەشمىسىدىكى تېرىنىرلارنىڭ ئىچىدە كېماننىڭ كەسپى ھاياتىنى ئەڭ پارلاق دېيىشكە بۇلىدۇ ، ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بۇلۇپ ، ئەيىنخوۋېر ، ئاجاكىس ، بارىسېلونا ۋە گۇللاندىيە دۆلەت كۇماندىلىرىدا زۇر ئۇتۇق ۋە شان-شەرەپلەرگە ئېرىشتى ، پەقەت دۇنيا لوڭقىسىنىڭ شەرىپىلا سىرتىدا قالدى ، 1988-يىلى گوللاندىيە كۇماندىسى بىلەن بىرلىكتە ياۋروپا لوڭقىسىغا ئېرىشتى ، 1992-يىلى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە بىر ئىختىيارى توپ بىلەن رەقىبىنى بوغۇزلاپ ، بارىسلوناغا ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى ئېلىپ بەردى . ئۇ 90-94-يڭللاردىكى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ، 80-90-يىللاردىكى مۇنەۋۋەر توپچىلارنىڭ تىپىك ۋەكىلى .
2014-يىلى جەنۇبى ئامپىلتون كۇلۇبىنىڭ باش تېرىنىرى بۇلدى .
ئەسكەرتىش :ئەسلىدە مەن بۇ تېرىنىرلارنىڭ توپچى ۋاقتىدىكى توپ ئوينىغان كۇماندىلىرىنى ۋە تېرىنىرلىق قىلۋاتقان ۋاقتىدىكى كۇماندىلىرىنى ، نەتىجە ئۇتۇقلىرىنى بىراقلا يېزىپ بۇ تېمىنى تاماملاي دېگەن ، لېكىن يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيانقى تور سۈرئىتىنىڭ ياخشى بۇلماسلىقى ھەم ۋاقتىمنىڭ ئالدىراشچىلىقى سەۋەبلىك ، ئەسلى مەنبەدىكى خۋەرنى تەرجىمە قىلغان ئاساستا مۇشۇنچىلىكلا كېڭەيتىپ يازالىدىم ، ئاتالغولارنى تەرجىمە قىلغاندا قىسمەن سەۋەنلىكلەرنىڭ پەيدا بۇلىشى ئېنىق، سەمىمى پۇزۇتسىيەدە بۇللىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن . |