ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2304 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەنگىلىيە ‹ تىلگىراف خەۋىرى › گىزىتى مۇتەخەسىسلىرى ئېنگىلاند بىرلەشمىسى باشلانغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان 100 داڭلىق پۇتبۇلچىنى باھالاپ چىقتى. باھالاش ئارقىلىق مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ رىۋايەتلىك توپچىسى گىگىس بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلدى.
گىگىسنىڭ بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلىشىنىڭ سەۋەبى بولسا، گىگىس 1992-يىلدىن بۇيان قىزىل ئالۋاستى قوشۇنى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ ئېنگىلاند بىرلەشمىسىدە ئۆچمەس ئېز قالدۇردى، ئۇ قىزىل ئالۋاستىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلاندى، ئالدىنقى پەسىل پۇتبۇلچىلىقتىن چىكىنگەندىن كىيىنمۇ قىزىل ئالۋاستىلارنىڭ تېرىنىرلار سىپىگە قوشۇلدى.
ئۇ ئېنگىلاند بىرلەشمىسىدە 632 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 109 توپ ئۇرغان، مانچېستېر بىرلەشمىسى بىلەن 13 قىتىم ئېنگىلاند بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئېرىشكەن.
ئارسىنال شاھى ھىنرى ئىككىنچى ئورۇنغا تىزىلغان، ئۇ ئىنگىلاند بىرلەشمىسىدە 258 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 175 توپ ئۇرغان. كىرىستىيانو رونالدو ئالتىنچى ئورۇنغا، جىرراد 11-ئورۇنغا، رۇنىي 14-ئورۇنغا، دىروگبا 15-ئورۇنغا، سۇئارىز 18-ئورۇنغا، بىكخام 21-ئورۇنغا، بىل 31-ئورۇنغا تىزىلغان.
‹ تىلگىراف گىزىتى › باھالاپ چىققان ئېنگىلاند بىرلەشمىسىدىكى 100 چولپاننىڭ تىزىملىكى؛
1- گىگىس، 2- ھىنرى، 3- روي كەين، 4- ئالەن شېر، 5- پاۋۇل سىكولىس، 6- كىرىستىيانو رونالدو، 7- پاچۈرىك ۋىرا، 8- كانتونا، 9- دەننىس بىركەمپ، 10- لامپارد،
11- جىرراد، 12- تىررىي، 13-كاسپىر شىمىچىر، 14-رۇنىي، 15- دىروگبا، 16-ئاشلى-كول، 17- فىرنەندىس، 18- سۇئارىز، 19- يايا-تورى، 20- تونى ئادامىس،
21- بىكخام، 22- گەرى نىۋىللا، 23- ئەندى-كول، 24- كومپانىي، 25-پىرىس، 26- فوۋلىر، 27- ۋان-پىرىس، 28- ۋىدىچ، 29- گىرەي سىپىد، 30- جاپ سىتام،
31- بىل، 32- داۋىد سىمەن، 33- ماتىلى دىشىر، 34- ئاگۈيرۇ، 35- ئىئان رايت، 36-فابرىگاس، 37-شىرىڭخام، 38- ۋان دىستىلرۇي، 39- كاراگىر، 40- ماكىلىلى،
41- ئوۋىن، 42- خاۋى-ئالۇنسۇ، 43- ۋان دىر سان، 44-يورك، 45- ئىرۋىن، 46-داۋىد-سىلۋا، 47- چامبىل، 48- پىتىت، 49- لەسلى فىردىنەند، 50- مارك خۇگىس
51- تورىس، 52- زابالىتا، 53- خەيپىيا، 54- ئىۋرا، 55- لەيدلى كىڭ، 56- كىلىنسىمان، 57- مارسىل دىسەيلى، 58- لى-دىكسون، 59- ئىۋانوۋىچ، 60- پالىستىر
61-چىخ، 62- جىنولا، 63- سولىسكىيا، 64- تىۋىز، 65- بۇلۇس، 66- ئوۋىرمارس، 67- مودرىچ، 68- بات، 69- بىرباتوۋ، 70- ئانىلكا
71- ماك مانانام، 72- پىت-بادىلىس، 73- تىم كاخىل، 74- رىچارت كارۋالو، 75-داۋىد باتتى، 76- كاررىك، 77- لۇكاس رادىبى، 78- خاسسىلبەنك، 79- پاۋۇل ئىنسى، 80- جوي خارت.
81-مارتىن كىيوۋىن، 82- پويات، 83- لىسۇكىس، 84- ۋىنتىربىرن، 85- داۋىد جامىس 86- دىماتىئو، 87- رىنا، 88- دىكانىئو، 89- گىۋىن، 90- كىرىستوفىر ساتتون.
91-روببى كەين، 92- ئوكوچا، 93- كەيۋىن فىلىپىس، 94- باللاك، 95- جاڭبىرگ، 96- تىم خوۋارد، 97- فىلىپ ناۋىل، 98- سىكوت پاركىر، 99- بارسىل، 100- جۇنىنخو پىرنامبۇكانو. |
-
|