ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 7453 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-15 22:03
ئۈرۈمچى ۋاقتى بويىچە 14-ئۆكتەبىر سەھەردە ئوينالغان ياۋروپا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ خ گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە نورۋىگىيە ئۆز مەيدانىدا بۇلغارىيە بلەن ئېلىشتى، كېيىنكى يېرىم مەيداندا 15ياش 300كۈنلۈك بولغان 9-نومۇرلۇق مايكا كىيگەن نورۋىگىيە ياش ماھىرى مارتىن ئودىگارد مەيدانغا ئالمىشىپ چىقتى، مۇسابىقىدە نورۋىگىيە بىرگە قارشى ئىككى نەتىجە بىلەن بۇلغارىيەنى ئۇتتى. بۇ ياش ماھىر بولسا ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى تاللاش مۇسابىقىسى تارىخىدىكى مەيدانغا چىققان ئەڭ كىچىك ماھىر بولۇپ قالدى. بۇ مۇسابىقە تۈرىدە ئىلگىرى ئەك كىچىك ماھىر دەپ قارالغىنى 1994-يىلىدىكى ياۋروپا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسىدە ئىستۇنىيە كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مەيدانغا چىققان ياش ماھىر جونسۇن بولۇپ ئۇ چاغدا مەيدانغا چىققاندا 17ياش 251كۈنلۈك بولغان ئىدى،ئۇندىن كېيىن 2012-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى رەسمىي مۇسابىقىسىدە يەنە بىر يېشى كىچىك ماھىر ئىز قالدۇرغان بولۇپ ئۇ بولسىمۇ گوللاندىيەلىك ۋىليام دانىيە بىلەن بولغان گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە مەيدانغا چىققاندا 18ياش 71كۈنلۈك بولغان ئىدى،ئەگەر نورۋىگىيە كوماندىسى بۇ نۆۋەتلىك ياۋروپا لوڭقىسىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىرىشەلىسە ھەم ئودىگارد 2016-يىلى فىرانسىيەدە مەيدانغا چىقالىسا ۋىللىيامنىڭ بۇ جەھەتتىكى رىكۇرتىمۇ بوزۇلۇپ كېتىشى پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى بولۇپ قالدى.
|
|