ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 7453 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا missi2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-14 10:37
2014-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى سەھەردە ياۋروپا لوڭقىسى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسى داۋاملىق ئوينالدى،ئالدى بىلەن ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 10دا ئا گۇرۇپپىدىكى قازاقىستان ئۆز مەيدانىدا چىخ كوماندىسى بىلەن تۇتۇشتى،چىخ كوماندىسى 2گە قارشى 4نەتىجە بىلەن قازاقىستاننى يېڭىپ ئۇدا 3مەيدان غەلىبە قىلىپ ئىسلاندىيە بىلەن ئوخشاش 9نومۇر ئېلىپ گۇرۇپپىدا ۋاقىتلىق 2-ئورۇندا تۇردى.
ئۈرۈمچى ۋاقتى 12:45دە قالغان مۇسابىقىلەر ئوينالدى. ئا گۇرۇپپىدىكى ئىسلاندىيە ئۆز مەيدانىدا 2-0گوللاندىيەنى ئۇتىۋالدى، روبىننىڭ بېشى مۇزلاپ كېتىپ ياخشى ئوينىيالمىدى.ئىسلاندىيە 3مەيدان غەلىبە بىلەن گۇرۇپپىدا بىرىنچى ئورۇندا تۇرماقتا.
بۇ گۇرۇپپىدىكى يەنە بىر مەيدان مۇسابىقىدە لاتۋىيە ئۆز مەيدانىدا 1-1تۈركىيە بىلەن تەڭلەشتى. لاتۋىيە ئىككى مەيدان تەڭلىشىپ گۇرۇپپىدا 4-ئورۇندا تۇرماقتا.
قازاقىستان ،تۈركىيەلەر 5-،6-ئورۇنلاردا تۇرماقتا.
ب گۇرۇپپىدىكى بوسنىيە -گېرىتسىگوۋىينا ئۆز مەيدانىدا ياۋروپا قىزىل ئالۋاستىسى بىلگىيەنى كۈتىۋالدى،زىكو ئاۋال بىر توپ ئۇرغان بولسىمۇ ئۇزۇن ئۆتمەي بىلگىيە بىر توپ ئۇرۇپ ئىككى تەرەپ 1-1تەڭلىشىپ مۇسابىقە ئاخىرلاشتى. بىلگىيە 3-ئورۇندا ،بوسنىيە -گىرىتسىگوۋىينا 5-ئورۇندا تۇرماقتا.
بۇ گۇرۇپپىدىكى ئاندۇررا ئۆز مەيدانىدا 1-4ئىسرائىلىيەگە ئۇتتۇرۋەتتى.ئىسرائىلىيە ۋاقتىنچە 2-ئورۇندا تۇرماقتا،ۋىلىش ئۆز مەيدانىدا 2-1سىپرۇسنى يەڭدى.ۋىلىش 1-ئورۇندا ، سىپرۇس 4-ئورۇندا تۇرماقتا.
خ گۇرۇپپىدىكى مۇسابىقىلەردە مالتا ئۆز مەيدانىدا 0-1ئىتالىيىگە ئۇتتۇرۇپ قويدى،ئىتالىيەدىن بىر ماھىر قىزىل كارتا بىلەن ھەيدەلدى.ئىتالىيە 3مەيدان تولۇق ئۇتۇپ گۇرۇپپىدا 2-ئورۇندا تۇرماقتا. بۇ گۇرۇپپىدا كىرۇدىيە ئۆز مەيدانىدا 6-0ئەزەربەيجاننى يەڭدى،شۇنىڭ بىلەن كىرۇدىيە 3مەيداندا تولۇق غەلىبە قىلىپ بىرمۇ توپ كەتكۈزمەي گۇرۇپپىدا بىرىنچى ئورۇندا تۇردى. بۇ گۇرۇپپىدىكى نورۋىگىيە ئۆز مەيدانىدا 2-1بۇلغارىيەنى ئۇتتى. نورۋىگىيە،بۇلغارىيەلەر بۇ گۇرۇپپىدا ئىتالىيەنىڭ كەينىدىن قوغلىماقتا. مالتا ،ئەزەربەيجانلار 3مەيدان تولۇق مەغلۇب بولۇپ گۇرۇپپىدا ئاخىرىدا قالدى.
15-چىسلا سەھەردە قالغان گۇرۇپپىلارنىڭ مۇسابىقىسى داۋاملىق ئوينىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە گېرمانىيە-ئىرلاندىيە ، پورتۇگالىيە-دانىيە كوماندىلىرىنىڭ مۇسابىقىسى كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ.
|
|