بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زەربىدار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-12 14:00
بۈگۈن سەھەردە ئېلىپ بېرىلغان ياۋرۇپا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسى D گۇرۇپپىسىنىڭ 2-ئايلانمىسىدا گېرمانىيە كوماندىسى مېھمان مەيداندا پولشا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. 51-مىنۇتتا پىسچىك ئوڭ تەرەپتىن پاس تاشلىدى ،مىلىك كاللا توپ ئۇردى 87-مىنۇتتا لەيۋەندوۋىسكى پاس بەردى ،مىلا توپ ئۇردى. گېرمانىيە كوماندىسى تارىختىن بۇيان تۇنجى قېتىم رەقىبى تەرىپىدىن مەغلۇپ بولدى. گېرمانىيە پولشا بىلەن تارىختا 18 قېتىم تۇتۇشقان بولۇپ گېرمانىيە 12مەيدان يېڭىپ 6مەيدان تەڭلەشكەن بۇ قېتىم تۇنجى مەيدان يېڭىلىشى ھېسابلىنىدۇ ھەمدە 2007-يىلىدىن بۇيانقى ياۋرۇپا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسىدىكى تۇنجى مەيدان يېڭىلىشى، 1998-يىلى 10-ئايدىن بۇيانقى چوڭ مۇسابىقىلەرنىڭ تاللاش مۇسابىقىسىدە تۇنجى مەيدان يېڭىلىشى، گېرمانىيە 6 يىلغا سوزۇلغان چوڭ مۇسابىقىلەرنىڭ تاللاش مۇسابىقىسىدە مېھمان مەيدانىدا 13 مەيدانىدا ئۇدا يېڭىش ۋە 33مەيدانلىق ئۇتتۇرماسلىق نەتىجىسىنى ئاياغلاشتۇردى. گېرمانىيە ئىسپانىيەلىكلەرنىڭ ياراتقان رېكورت بىلەن تەڭلىشەلمىدى (چوڭ مۇسابىقىلەرنىڭ تاللاش مۇسابىقىسىدە ئۇدا 14 مەيدان يېڭىش).
Aگۇرۇپ
تۈركىيە 1-2 چېخ
Bگۇرۇپ
بىلگىيە 0:6 ئاندورا
ۋېلس 0:0 بوسىنىيە گېرسىۋىگىنا
D گۇرۇپ
ئېرلاندىيە0:7جەبىلتارىخ
شوتلاندىيە1: 0 گىرۇزىيە
F گۇرۇپ
رۇمىنىيە1:1ۋىنگىرىيە
شىمالى ئېرلاندىيە0:2فارو تاقىم ئاراللىرى
فىنلاندىيە1:1گىرىتسىيە
Gگۇرۇپ
شىۋىتسىيە 1-1 رۇسىيە
لىخىنتشىين 0:0 قاراتاغ
Hگۇرۇپ
بۇلغارىيە 1:0 كرودىيە
I گۇرۇپ
ئەرمىنىيە1:1سېربىيە
ئالبانىيە1:1دانىيە
فىرانسىيە 1:2 پورتىگالىيە (شۇ گۇرۇپپىدىكى ساھىبخان دۆلەتنىڭ دوستلۇق مۇسابىقىسى)
|