كورلا بىخلان پۇتبول تەربىيلەش مەركىزىدىن تورداشلارغا ئوتلۇق سالام
كورلا بىخلان پۇتبول كوماندىسى قۇرۇلدى
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم كورلا دىيارىدىكى پۇتبول سۈيەر قېرىنداشلار ، ئالدىنقى سانلاردا ئۈزلۈكسىز كوماندا قۇرۇش ۋە كوماندىغا ئەزا قۇبۇل قىلىش توغۇرلۇق مەزمۇنلارنى يوللاپ تۇردۇق ،شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىغا بىر كىشلىك تۆھپىمىزنى قۇشۇش ۋە كورلا پۇتبولچىلىقىنى تېخمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئازغىنە بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە كوماندا ئەزالىرىنى تىزىملاش پائاليىتى ئېلىپ باردۇق ، شۇ سەۋەپلىك يۇقىرى قاتلامدىكى رەھپەرلەرنىڭ ياردەم بېرىشى ، تورداشلارنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشى ۋە بىزنىڭ تىرىشچانلىقىمىز نەتىجىسىدە 2014-يىلى 10 -ئايدا كورلا بىخلان پۇتبول كوماندىسى رەسمىي يۇسۇندا قۇرۇلۇپ چىقتى .
بىخلان پۇتبول كوماندىسىنىڭ دەسلەپكى مەشىق ۋاقتى ھەپتىدە ئۈچ كۇن ئورۇنلاشتۇرۇلدى يەنى ھەپتىنىڭ سەيشەنبە ، پەيشەنبە ، شەنبە كۇنلىرى ؛ مەشىق قىلىش ۋاقتى شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 4 يېرىمدىن 6 يېرىمغۇچە ئىككى سائەت ؛ مەشىق ئورنى بولسا ئىتىپاق تەنھەركەت مەيدانى .
كوماندا ئەزالىرى يۈسۈپجان تېرىنېرنىڭ مەشىقى ئاستىدا مەشىق قىلماقتا .
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن كەڭ تورداشلارنىڭ ، ۋە كورلا دىيارىدىكى پۇتبول سۈيەر قېرىنداشلارنىڭ داۋاملىق قوللاپ بېرشىنى ، كورلا بىخلان پۇتبول تەربىيلەش مەركىزنىڭ كىيىنكى تەرەقىياتىغا ئازىراق بولسىمۇ كۇچ چىقىرشىنى ئۇمۇد قىلىمىز ....
مەركىزىمىزنىڭ نوپۇزلۇق پۇتبول تەربىيلەش مەكتىپى بۇلۇپ قۇرلۇپ چىقىشى سىلەرنىڭ قوللىشىڭلار ۋە بىزنىڭ تىرىشچانلىقىمىزدىن ھۇجۇتقا چىققۇسى ! ئۇيغۇر پۇتبولچىلىق ئىشلىرى ئۈچۈنمۇ ياخشى پۇرسەت .
|