akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2433|ئىنكاس: 64

2016-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى ئالدىن تاللاش مۇسابىقە خەۋىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-10-10 09:47:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
      112130030.jpg
   
ئىسپانىيە vs سىلوۋانىيە

    بۈگۈن سەھەر ئۆتكۈزۈلگەن 2016-يىللىق فىرانسىيە ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ ئالدىن تاللش مۇسابىقىسى باشلاندى.بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى سەھەر سائەت 2:45 مىنۇت ئۆتكەندە cگورپىدىكى ئىسپانىيە بىلەن سىلوۋىنىيە ئوتتۇرسىدا كەسكىن جەڭ باشلاندى . ھەر ئىككىلى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ تاكتىكىسىنى ۋە ئۇسلۇبلىرىنى جارى قىلدۇردى،مۇسابىقە باشلىنىپ 16-مىنۇتقا قەدەم قويغانداسىلوۋىنىيە كوماندىسى ئەزالىرى چىرايلىق ماسلىشىپ ئىختىيارىي توپنى  كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 0:1 قىلدى.كېيىنكى مەيدان باشلانغاندىن كېيىن جەڭ تېخىمۇ كەسكىن بولدى،ئىسپانىيە كوماندىسى قارشى تەرەپنىڭ خاتالىقلىرىنى تۇتۇپ  قايتۇرما ھۇجۇملارنى قىلغان بولسىمۇ  نۇرغۇن پۇرسەتلەرنى ئىسراپ قىلىۋەتتى.81-مىنۇتقا قەدەم قويغاندا ۋالىنسىيە كولۇبىدىن چىققان  ئىسپانىيەلىك يېڭى چولپان ئالقەسىرنىڭ  توپ ئۇرۇشى بىلەن نەتىجە 1:1 قىلىپ ئۆزگەرتتى .مۇسابىقە ئاخىرلىشىدىغانغا بىر نەچچە مىنۇت قالغاندا سىلوۋىنىيە كوماندىسىدىكى سىتوخ شۇنداق چىرايلىق بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 2:1 قىلىپ ئىسپانىيە كوماندىسىنى بۇغۇزلىدى .
      ئىسپانىيە تارىختا سىلوۋىنىيە بىلەن 4 قېتىم تۇتۇشقان بۇلۇپ ،3قېتىم يېڭىپ 1قېتىم تەڭلەشكەن . بۇقېتىمقىسى ئىسپانىيەنىڭ سىلوۋىنىيەگە تۇنجى قېتىم ئۇتتۇرشى بۇلۇپ ھىسابلىنىدۇ .
      مۇسابىقە جەۋھىرى :


ئىنگىلاند vs سان مارىنو

     يەنە بىر مەيدان مۇسابىقە بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى سەھەر سائەت 2:45 مىنۇت ئۆتكەندە e گورپىدىكى ئىنگىلاند  بىلەن سان مارىنو  ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلدى. مۇسابىقە باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئىنگىلاند كوماندىسى شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغاپ ،جاگالكا، رونى ،ۋېلبىك ، توۋىنسېن قاتارلىقلارنىڭ توپ ئۇرۇشى ۋە قارشى تەرەپنىڭ بىر نەس توپ سوۋغا قىلىشى بىلەن 5:0 نەتىجىدە سان مارىنو كوماندىسىنى قىرغىن قىلدى .
    ئىنگىلاند كوماندىسى تارىختا سان مارىنو كوماندىسى بىلەن 4 قېتىم تۇتۇشقان بۇلۇپ ،ھەممىسىدە تۇلۇق غەلبە قىلغان . ئارلىقتا ئىككى ساھىبخان مەيدان مۇسابىقىسىدە 11 توپ كىرگۈزۈپ ،بىرمۇ توپ كەتكۈزمىگەن .
     مۇسابىقە جەۋھىرى :
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-10 12:10:34 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سانت مارىنو دۆلىتىدە 32 مىڭ ئاھالە بار،سانت مارىنو كوماندىسىدىكى كۆپلىگەن ماھىرلارنىڭ كۇلۇبتىن ئالىدىغان ھەر ئايلىق پۇلىسى ئەڭ كۆپ بولغاندا 300 ياۋرو. بۇنى ئېنگىلاند ماھىرلىرىغا سېلىشتۇرۇشقا تېخى يىراق. پەقەت توپ تىپىش ئارقىلىق ئىرىشىدىغان كىرىمگە تايىنىش بىلەن تۇرمۇشنى قامدىماق تەس، شۇڭا سانت مارىنو كوماندىسىدىكى ماھىرلار كۈندىلىك خىزمەت ئارقىلىق تۇرمىشىنى قامدايدۇ.ئەلۋەتتە، سانت مارىنو كوماندىسىدا كەسپى پۇتبولچىمۇ بار. تاراتقۇلار ئەڭ كۆپ تىلغا ئالىدىغىنى پالاززى. ئۇ ئىتالىيە 4-دەرىجە بىرلەشمىدىكى لىمىنى كوماندىسىدا توپ ئوينىغان، ئورنى ئوڭ ئارقا بېك. 2013-يىلى 8 - ئايدا لىمىنى كوماندىسىدىن كوسىنزا كوماندىسىغا يۆتكەلگەن. بۇ يىل 12 - ئايدا قايتىپ كىلىپ دۆلەت ئىچىدە توپ تەپكەن. ئۇنىڭ يۆتكىلىش سوممىسى ئېنىق ئەمەس.

مۇشۇنداق ناتونۇش بولغان كوماندا، ئېنگىلاند كوماندىسىغا 0 دە 5 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قۇيۇپ، جەمئىي 124 مەيدان مۇسابىقىدە 3 مەيدان تەڭلىشىپ، 1 مەيدان ئۇتۇپ، 120 مەيدان ئۇتتۇرۇپ، 20 توپ كىرگۈزۈپ، 536 توپ كەتكۈزگەن. بۇ ھەقىقەتەن ئېچىنىشلىق نەتىجە ! بىراق سانت مارىنو كوماندىسى ئۈچۈن ئېيىتقاندا، خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى ۋە ياۋروپا پۇتبول بىرلەشمىسىدىكى رەسمى مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىش شەرپى ئۇلارنى چەكسىز خۇشاللىققا چۆمدۈرگەنىدى.شۇنداق، سانت مارىنو كوماندىسىنىڭ ماھىرلىرى توپ تىپىشنى تاللىدى، ئۇلار پۇل ئۈچۈن ئەمەس، شان شۆھرەت، نام قازىنىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى پۇتبول ئۈچۈن ئىچكى قەلبىدىن چىققان قىزغىنلىق ئۈچۈن.

بۇلارغا ھەقىقەتەنمۇ قايىل بولدۇم ھەم ھۆرمىتىم ئاشتى ،  مۇشۇ  قىزغىنلىقى بىلەن پۇتبول  تەپسە كۈنلارنىڭ بىرىدە مۇشۇ 32 مىڭ  ئاھالىدىن دۇنيا لوڭقىسىدىكى 32 كۇماندا قاتارىغا كىرەلىگىدەك بىر كۇماندا بارلىققا كىلىشى مۇمكىن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-10 16:07:07 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-10 16:09  
مۇھەممەت0999 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-10 13:08
مەن شۇنداق ىۇقۇپتىكەنمەن مەلۇم بىر توردىن   ،بەلكىم  ...


ۋاتىكان، سان مارىنو، لېختىنىشتىيىن، ليۇكسېنبۇرگ قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ نوپۇسى ئاز، ئالدىنىڭ 250 مىڭ، كەينىنىڭ 400، بەزىلىرىنىڭ 30 - 40 مىڭ... دۆلەتنىڭ نوپۇسى پەۋقۇلاددە ئاز بولغاچقا نۇرغۇن تەنتەربىيە تۈرلىرىنى جانلاندۇرۇشقا باب كەلمەيدۇ، ئەمما بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى يۇقىرى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى كىرىمى، غايىۋى پاراۋانلىقى بۇ دۆلەتلەرنى ئىنسانلار ياشاشقا ئەڭ باب جايغا ئايلاندۇرۇپ، جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتىنى 0 گە يېقىنلاشقان ھالەتكە كەلدۈرگەن.
  بۇ دۆلەتلەرنىڭ كەسپىي تەنھەرىكەتچىلىرى يوق دېيەرلىك، چۈنكى ئاھالىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئىككىنچى، ئۈچىنچى كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ بەدەن ساپاسى يۇقىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇتبول پادىشاھلىقى ياۋروپانىڭ مەركىزىگە جايلاشقاچقا، ياۋروپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر بىلەن دائىم دېگۈدەك سىنىشىپ تۇرغاچقا ئۇلارنىڭ پۇتبولدىكى ئەمەلىي كۈچى تەدرىجىي ئېشىۋاتىدۇ. 7-8 يىل ئىلگىرى گېرمانىيە سان مارىنوغا 15 نى ئۇرىمىز دەپ ئاران 13 نى، ئىككىنچى ئۇچرىشىشتا 6 نى ئۇرغانىدى، دېمەك ئىلگىرىلەش زور...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-11 00:33:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاغىستاي120 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-11 00:22
ئىككى قېتىم قاتناشقانلىقىنىلا بىلدىغانلىقىڭىزنى بىل ...

دوستۇم ھەرگىز بىلەرمەنلىك قىلغىنىم ئەمەس ، پەقەت شۇ ئازتولا ئۇقىدىغانلىرمنى سۆزلەپ قۇيۇپتىمەن. سىزدىن سەمىمىي كەچۈرۈم سورايمەن .  باھارلىق كۆڭۈلسىزلكلەرنى ئۇنتۇپ كەتتىم .  ئەكىلىڭ قۇلىڭىزنى بىزدىگەن قېرنىداش
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-10 19:28:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
XATKAR886 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-10 19:22
قازاقىستان 1991يىلى مۇستەقىل بۇلۇپ چىققان . ئۇچاغدا نەد ...

بۇ مەن بىلمەكچى بۇلغان جاۋاپ ئەمەس ، قارىغاندا سىزمۇ ئېنىق بىلمەيدىكەنسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-10 11:01:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ ئىسپانىيە نىمە بۇلۇپ كەتتى ئەمدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-10 11:04:22 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسىنى كوستا ۋەيران قىلىدىغان ئوخشايدۇ...ئازاپلىق كۈنلەر ئاياقلاشماپتۇ تىخى...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-10 11:06:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاشىلىياس ئارامغا چىقسا بولغىدەك.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-10 11:08:30 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئنگىلاند كوماندىسى قىرغىن قىپتىغۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-10 11:08:32 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئنگىلاند كوماندىسى قىرغىن قىپتىغۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-10 11:12:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋىللا ،تورىس،پېدىرودىن تەشكىللەنگەن كۈچلۈك ھۇجۇم سېپى...پۇيول،راموس ،پېكتىن تۈزۈلگەن مۇداپىيە.شاۋى ،ئىنىسىتا،شاۋى مارتىنىس قاتارلىق ئوتتۇرا مەيدان مۇتەخىەسسلىرى.شۇ ۋاقىتلارنى سېغىندىم.

بوسىك يەنە تېرىنېر ئوخشىمامدۇ.....سىلۋا،ناۋاس،ئېسكو ،فابرىگاس،ماتا نىمىدىگەن تولا ئوتتۇرا مەيدان .يەنە ھالى مۇشۇما؟
ئىسىت دۇنيا پۇتبولچىلىقنىڭ ئىسلاھاتچىسى ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-10 11:13:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسپانىيەنىڭ تىرىنىرى بوسك تىخى ئىشتىن چۇشمىگەن ئوخشىمامدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-10 11:19:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۇررا ئىنگىلاد
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-10 11:20:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ ئارقا بەل مۇداپىيە بەك ئاجىز .  ئالقەسىرنىڭ ئۇرغان توپىمۇ سەل باشقىچە تۇرامدۇ نىمە.   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-10 11:21:04 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخشام ئىسپانىيەنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرگىچە، ئىنگىلاند نىڭكىنى كۆرسەمچۇ،،ئىسسىت…       كاسىللاسنىڭ مەسئۇلىيىتى ئىغىر
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-10 11:27:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېنگىلاند شاشلىشىپ كىتىپتۇ، ئىسپانىيە نىمە بولدى زادى مۇداپىيە ئاجىزكەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 05:23

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش