akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2266|ئىنكاس: 48

ئېنگىلاند بىرلەشمىسى7-ئايلانمىسى( داۋامى )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
005803j8cklkaa8cbjnkqq.jpg


10-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 7 دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە 2014-2015-يىللىق ئېنگىلاند بىرلەشمىسى 7-ئايلانما مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. نەتىجىلەر تۇۋەندېكىچە:


_________________________________________________________________________________________________

چېلسى 2 - 0 ئارسىنال

مۇسابىقە باشلىنىپ 24 مىنۇت بولغاندىلا چېلسى كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق قاپقىچىسى كورتىۋا يارلىنىپ چېخقا ئالماشتۇرۋېتىلىدى. ( يارىسى خېلى ئېغىركەن). كېينكى مىنۇتلاردا چېلسى كوماندىسى ئىلگىركىدەكلا كۈچلۈك ھوجۇم باشلاپ 27 مىنۇت بولغاندا خازارد چەكلەنگەن رايوندا پۇت ئاستى تېخنكىسىنىڭ ياخشىلىقىدىن پايدىلىنىپ بىر نوقتا توپنى قولغا كەلتۈردى. شۇنداقلا بۇ توپنى ئۆزى ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 1-0 قىلدى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان موشۇ نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتى. كېينكى يېرىم مەيدان باشلىنىپ 78 مىنۇت بولغاندا كوستا ناھايتى ئەپچىللىك بىلەن ۋارتار بېشىدىن توپنى ھالقىتپ توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 2-0 قىلدى. ئومۇمى مەيدان موشۇ نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتى. تەكىتلەشكە تېگىشلىكى شۈكى مۇسابىقە جەريانىدا ۋېنگىر بىلەن مورىنخو ئازراس سۇركىلىشپ قالدى. ( بۇنى تۇۋەندىكى سىندىن كۆرۈڭ)

مۇسابىقە فىلىمى :



مورىنخو بىلەن ۋېنگىرنىڭ سۈركلىشىپ قالغان كۆرىنىشى:




  _________________________________________________________________________________________________

مانچېستىر بىرلەشمىسى 2 - 1 ئېۋىرتون

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مانچېستىر بىرلەشمىسنىڭ ئىپادىسى ئىلگىركىدىن كۆرىنەرلىك ياخشى بولدى. مۇسابىقە جەريانىدا كۆپلىگەن خەتەرلىك ھوجۇملارنى قىلدى. ۋاقىت باشلىنىپ 27 مىنۇت بولغاندا ماتانىڭ چىرايلىق پاس چىقىرىشى بىلەن 7- نومۇرلۇق ماھىر دىمارىيا توپ ئۇرۇپ مانچېستىر بىرلەشمىسى 1-0 نەتىجە بىلەن ئۇستۇنلۇككە ئۆتتى. 47 مىنۇت بولغاندا مانچېستىر بىكى شاۋ قارشى تەرەپ ئەزاسىغا قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەت ئىشلەپ نوقتا توپ قويۇپ بېرىلدى. بۇ توپنى دېھىيا توسۇپ چىقىرۋەتتى.
55 مىنۇت بولغاندا ئېۋىرتون ماھىرى نەستېچ كاللا بىلەن توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۇرۋالدى.62 مىنۇت بولغاندا دىمارىيانىڭ پاس چىقىرىشى بىلەن فالكاۋ توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 2-1 قىلدى. ئومۇمى مەيدان موشۇ نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتى.




_________________________________________________________________________________________________

غەربى ھام بىرلەشمىسى 2 - 0 ئايال پادىشاھ باغچا

توتتېنھام 1 - 0 جەنۇبى ئامپىتون


پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-6 08:38:52 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   LM10 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-6 09:10  

يەنلا   شۇ    دىمارىيا  ،    ئوغۇل   ئوغۇل……
      فابرېگاس  پەيزى   تاشلاپتۇ    كوستاغا   ئۇزۇن   پاسنى……
    ۋېنگىرنىڭ   ئوتتۇر   ھۇجۇمچىدىن   پەقەتلا   تەلىيى   يوقكەن،   ھېلىمۇ  ئاز     ئۇ   قېرىغا   كۆمسەم   پىشامۇ   ياپسام   پىشامۇ   دەپ   نۇرغۇن   ياخشى   پۇرسەتلىنى پۇلنىڭ  كۆزىگە  قاراپ   ئۆتكۈزۋەتتى ،  سانچېس   سېنتىر  ئوينىسا   قاندا   بولاكى   يە~
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-6 08:52:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخشام ئارسىنال بىلەن چىلىسىنىڭ مۇسابىقىسىدە خىلى كۆپ سۈركىلىشلەر بولدى چىلىسىنىڭ مۇداپئەسى ھەقىقەتەن قالتىس بولدى ئارسىنالغا بىر نەچچە قىتىم ياخشى پۇرسەت كەلگەن توپنى قاپقىغا قارىتىپ تەپمەي ئالتۇن پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ توپنى تارتقۇزۇپ قويدى چىلىسى بىر توپ ئۇرغۇچە بولغان ئارلىقتا ئارسىنال ئەزالىرىنىڭ كوللىكتىپ ماسلىشىشچانلىقى بەك ياخشى بولغان بىر توپ كەتكۈزۈپ قويۇپلا ئەزالارنىڭ سەل روھى چۈشۈپ كەتتى ئارسىنال ھۇجۇمچىلىرى پاخال يەپ چوڭ بولغانمۇ ياكى ئەخلەت يىمەكلىكلەرنى كۆپ يەمدۇ پۇتىنىڭ جىنى يوق چەكلەنگەن رايۇن سىرتىدىن بىرمۇ توپ تەپمىدى ھەم تىپىپ باقىمىدى يەنە ئاۋۇ ۋىلبىك دىگەن تۈك باش بەك ھورۇن نىمىكەن مەيداندا ئانچە كۆپ يۈگۈرمىدى كىسچىرنى مۇشۇنىڭ بىلەن يىقىنقى مۇسابىقلەردە 2 توپنى بىھۇدە كەتكۈزۈپ قويدى مىرتىرساكىر دەم ئالىدىغان پىنسىيگە چىقىدغان يىرگە كەپتۇ ۋىرمالىننىڭ يوقلىغى بەكلا چاندى ۋىنگىر ئەپەندىمنىڭ كىچىچە ئۇيقۇسى كەلمىگەن بولۇشى ئىھتىمالغا بەك يىقىن مىنىڭچە ئارسىنال كوماندىسى بىرلەشمە چىمپىيۇنلۇققا ئىرشىمەن دەيدىكەن ئومومى يۈزلۈك ئىسلاھات ئىلىپ بىرىپ كوماندىنى باشقىچى رەتكە سىلىش كىرەك يەنە ئۆزىلمۇ بىر نەچچە توپنى تارتقۇزۇپ قويدى ئاۋۇ ئورۇندۇقنى ئىسسىتىپ بىكا ئولتاغان ماھىرلارغىمۇ پۇرسەت بىرىپ كونا ماھىرلارنىمۇ سەل چۆچىتىش كىرەك.....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-6 09:07:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئومۇميى كۈچ جەھەتتىمۇ  ئارسىنال ئاجىز كەپ قالدى، ۋىنگىرنىڭ ئىشلەتكىنى يەنە شۇ كوناتاكتىكا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-6 09:21:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخشامقى قەھىرمان دېھىيا، مانچىستىرنىڭ مۇداپىيەسىدە مەسلە باركەن، قىشلىق بازاردا خۇملىسنى ئەكىۋالسا پىچەت ئىش بۇلاتتى، ئېنگىلاندقا قايتىدىن ھۇكۇمرانلىق قىلاتتۇق ئاندىن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-6 09:25:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-6 09:38:08 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فالكاۋ نىڭ بىرلەشمىدىكى تۇنجى توپى كوماندىنى غەلبىگە باشلاپ ماڭدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-6 09:45:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارسىنال نىمانداق قىلدىغاندۇ  ،  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-6 10:01:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يولۋاس دەسلەپ قىلۋاپتۇدە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-6 10:06:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمارىيا يارايسەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-6 10:52:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆركىشى يوللىغان ۋاقتى  2014-10-6 09:25
ئارسىنال خېلى ياخشى ئوينىغان ،لىكىن ئارسىنالمۇ  چېلسى  ...

ئارسېنال ھازىرقىدىنمۇ ناچار سەپ شەكلى بىلەن چېلىسىنى مېھمان مەيداندا بەش توپ ئۇرۇپ ئۇتۇپ باققان . گەپ پۇلدا ئەمەس .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-9 13:35

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش