ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2725 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا باقاۋۇل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-4 15:24
بۇنىڭدىن 18 يىل ئىلگىرى ، يەنى 1996-يىلى 10-ئاينىڭ 1- كۈنى ،تىخى ئانچە بەك نام قازىنىپ كەتمىگەن فىرانسىيلىك ۋىنگىر ، ئارسىنالنىڭ يىڭى مەشقاۋۇللۇق ئورنىغا چىقتى .
شۇ كۈندىن باشلاپ ۋىنگىر ، ئىنگىلاند پوتبۇلچىلىقىغا نۇرغۇن يىڭىلىقلارنى پەيدا قلىش بىلەن بىرگە ، ئىنگىلاند توپ مەستانىلىرى بولۇپمۇ ئارسىنال توپ مەستانىلىرنىڭ قەلبىدە ئۈچمەس خاتىرلەرنى قالدۇردى .
ۋىنگىر بۇ جەرياندا ، ئۇچ قىتىم ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنلۇقىغا ، بەش قىتىم ئىنگىلاند ئۇيۇشما لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنلۇقىغا ، تۆت قىتىم رايونلار ئارا قالقان لوڭقىسىنڭ چىمپىيۇنلۇقىغا ئىرىشتى .
ئەنگىلىيە كۈندىلىك پوچتا گىزىتى يىقىندا ، ۋىنگىر ئارسىنالغا مەشقاۋۇللۇق قىلغان 18 يىل جەريانىدىكى 18 نەپەر پوتبۇل چولپىننى باھالاپ چىققان . (رەت-تەرتىپكە تىزىلمدى )
1. دەننىس بىرگامپو
ۋىنگىر بىرگامپونى تونۇلغان بىر ھۇجۇمچى قىلىپ يىتىشتۈرۈپ چىققان بولۇپ ، ئۇ ئۆزگىچە ئۇسلۇپ ياراتقان پوتبۇل چولپىنى ھىساپلىندۇ ، ئۇنىڭ ئارسىنال بىلەن بىرگە ئىلىپ بارغان مۇسابىقىلەردىكى نادىر كۆرۈنۈشلىرى ھىلىھەم ئارسىنال مەستانىلىرنىڭ قەلبىدىن كۆتۈرۈلگىنى يوق ، ئۇ ئارسىنال ئۈچۈن 423 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ، 120 توپ كىرگۈزگەن .
2. ھىنىرىي
1998-يىلى 8-ئايدا ، ۋىنگىر ھىنىرىينى كوماندىغا يۆتكەپ ئىلىپ كەلدى ، شۇنىڭدىن باشلاپ ، كوماندىدا يەنە بىر چوڭ ئۆزگىرىش ھاسىل بولۇپ ، ھىنىرينىڭ يىتەكچىلىكىدە ، ئارسىنال 2002,2004-يىللرى ئىككى قىتىم ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى چىمپىيۇنلۇقىغا ئىرىشتى ، شۇنداقلا دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمسىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر ماھىر بولۇپ باھالاندى .
3. پاتىرىك ۋىيئىرا
ۋىيئىرا بولسا ئارسىنالنىڭ شانلىق دەۋرىنى بەرپا قىلغۇچىلارنىڭ بىرى ، شۇنداقلا يىقىنقى زامان پوتبۇلچىلىقىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر ئوتتۇرا مەيدان تەنھەركەتچىلىرىنىڭ بىرى . ئۇ ئارسىنال ئۈچۈن توپ تەپكەن تۇققۇز پەسىل جەريانىدا ، كوماندا بىلەن ئىسسىق سۇغۇقلارنى بىرگە باشتىن كەچۈرۈپ ، نۇرغۇن نەتىجىلەرنى ياراتقان .
4. ئانلىكا
گەرچە ئانلىكانىڭ ئارسىنالدا توپ تەپكەن ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولمىسىمۇ ، ئەمما ، ئەمدىلا 17 ياشقا كىرگەن ئانلىكا ، ئۆزىنىڭ ئاجايىپ يۇقىرى تىخنىكىسى ۋە ئەتىراپلىق ماھارىتىگە تايىنىپ ، بىر پەسىلدە 28 توپ كىرگۈزدى ھەم شۇ پەسىل ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى ۋە ئىنگىلاند ئويۇشما لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنلۇقىغا ئىرىشتى .
5. ئىممانوئىل پىتىت
پىتىت 1997-يىلى موناكودىن ئارسىنالغا قوشۇلغان بولۇپ ، ئەينى يىللاردا پاتىرىك ۋىيئىرا بىلەن بىرلىكتە ، ئوتتۇرا مەيداندىكى كۈچلۈك سەپ شەكلىنى ھاسىل قىلغان ، ۋە ئوتتۇرا مەيداندا كەم بولسا بولمايدىغان يادىروغا ئايلانغان .
6.مارىك ئوۋىرمارىس
ئوۋىرمارىس بولسا ناھايىتى پىشقان يان تەرەپ مۇداپىيەچىسى بولۇپ ، ھەركىتى چاققان ، سۈرئىتى ناھايىتتى تىز بولۇپ ، كوماندا مۇداپىيەسىنىڭ ئاساسىي كۈچىگە ئايلانغان .
7.تونى ئادامىس
تونى ئادامىس پۈتكۈل كەسپى ھاياتىدا ئارسىنال ئۈچۈن جەڭ قىلىپ چىكىنگەن بولۇپ ، ئارسىنال توپ مەستانىلىرنىڭ يۈكسەك ھۆرمىتىگە ۋە ئالقىشىغا ئىرىشكەن . ئۇ يەنە قۇرال يااراق ئىسكىلاتى ئەپەندىسى ، كۇلۇپ تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر پوتبولچى دىگەن شەرەپلەرگە ئىرىشكەن .
8.مارتىن كىئوۋىن
90-يىللاردىكى ئارسىنال كوماندىسىنىڭ مۇداپىيەدىكى تۈۋرۈكى بولۇپ ، گەرچە ۋىنگىر كوماندىغا كەلگەن ۋاقىتتا ئۇنىڭ يىشى چوڭىيىپ قالغان بولسىمۇ ، ئەمما ، ئۇ ئىلگىركىدەكلا رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ ، كەم بولسا بولمايدىغان ماھىرغا ئايلانغان .
9.لائورىن
لائورىن بولسا ۋىنگىر تەرپىدىن ئەڭ مۇنەۋەر دەپ ئىتىراپ قىلىنغانلارنىڭ بىرى ، شۇنداقلا كۇلۇپتا ئىپادىسىنى ئىزچىل مۇقۇم ساقلاپ كەلگەن توپچى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ .
10.داۋىد سىئامەن
ئۇزۇن مەزگىل بىرىنجى نۇمۇرلۇق ۋارتار كىيمىنى ساقلاپ كەلگەن تەنھەركەتچى شۇنداقلا ، كۇلۇپ تارىخدىكى ئىپادىسى ئەڭ ياخشى ۋارتارلارنىڭ بىرى .
11.رامىسەي
رامسەينىڭ كەلگۈسىنى قانداق بولۇشىنى ھىچكىم پەرەز قىلالماسلىقى مۇمكىن ، ئەمما ئەينى ۋاقىتتىكى كىچىككىنە ئۆسمۈردىن ، بۈگۈنكى كۈندە ئىنگىلانددىكى ساناقلىقلا ئوتتۇرا مەيدان توپچىلىرىنىڭ بىرگە ئايلىنىش بولسا ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە مەيداندىكى ئىپادىسىنىڭ دەلىلى .
12.فابرىگاس
فابرىگاس بولسا ۋىنگىر ئەڭ مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا يىتىشتۈرۈپ چىققان مۇنەۋەر تەنھەركەتچىنىڭ بىرى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ ، ئۇ 16ياشلىق يىگىتنى تەربيلەپ ، كوماندىنىڭ كاپىتانىنى يىتىشتۈرۈپ چىقتى .
13.ئاشىلىي كول
بۈگۈنكى كۈندە بىر قىسىم ئارسىنال مەستانىلىرى ئاشىلىي كولنى ئارىسنالدىن چىققان خائىن دەپ قاريدۇ . ئەمما ئۇنتۇپ قىلىشقا بولمايدىغان ھەقىقەت شۇكى ، كول ئارسىنال مۇداپىيەسىگە قاتناشقان ۋاقىتلاردا ، مۇداپىيەدىن ئەڭ خاتىرجام بولغىلى بولغان . ئۇ ئارسىنال بىلەن بىرلىكتە ، ئىككى قىتىم ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيونلۇقىغا ، ئۈچ قىتىم ئۇيۇشما لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنلۇقىغا ئىرىشكەن ، كوماندا ئۈچۈن 228 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان ، ئۇنىڭ بۇ تۆھپىلىرىنى ئۇنتۇپ كىتىشكە بولمايدۇ .
14.پىرىس
ئەينى يىللىرىدا مادىرىت ، يۇۋىنتۇس قاتارلىق كۈچلۈك رەقىبلىرىنى يىڭىپ ، ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىشتا ، پىرىسنىڭ يۇقرى بولغان ماھارىتى ۋە ئەتىراپلىق پۇت ئاستى تىخنكىسى ناھايىتتى كۆرۈنەرلىك رولىنى كۆرسەتكەن .
15.ۋان پىرىس
ۋىنگىر دەۋرىدىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ھۇجۇمچىلارنىڭ بىرى ، ئۇ كوماندا ئۈچۈن 227 قىتىم مەيدانغا چىقىپ ، 132 توپ كىرگۈزگەن ، 2011-12- مۇسابىقە پەسلىدى بىرلەشمىدە 37 توپ كىرگۈزگەن .
16.سول كەمپىل
ۋىنگىر دەۋرىدىكى ئەڭ ياخشى مۇداپىيەچىلەرنىڭ بىرى ، ئادامىس ۋە كئوۋىندىن كىيىنكى كوماندىنىڭ مۇداپىيەىدكى تۈۋرۈكى .
17.فىرىدىرىك
كوماندىنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئالدى مەيداندىكى ھەركەتلندۈرگۈچ كۈچى ، ئۇ كوماندا بىلەن بىرلكتە 300 مەيداندىن كۆپ مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ ، ئىككى قىتىم دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنلۇقى ، ئۈچ قىتىم ئۇيۇشما لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنلۇقىغا ئىرىشكەن .
18.پارلور
1994-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە بولغان ئارلىقتا ، كوماندا ئۈچۈن 339 قىتىم مەيدانغا چىققان ، كوماندا بىلەن بىرلىكتە نۇرغۇن ئىسسىق سوغۇقلارغا شاھىت بولغان. |
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|