ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1189 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alhan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-4 14:38
نۆۋەتتە شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىلىرى قىزغىن ئېلىپ بېرىلماقتا، شىنجاڭ كوماندىسى تىلغا ئېلىنسا ھازىرقى شىنجاڭ غەربىي دىيار تاشئالما كوماندىسى ۋە ئۇنىڭ ئەزلىرى ھەققىدە كۆپرەك توختىلىمىز. ئەمەلىيەتتە 1953-يىلىلا شىنجاڭ بىر پۇتبول ئەترىتى تەشكىللەپ، 1958-يىلى كەسپىي پۇتبول ئەترىتى قىلىپ قۇرۇپ چىققان.
يېقىندا ئاسىيا كىندىكى تورىنىڭ مۇخبىرى بۇ شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى روزىيوف مۇھەممەد، مىرمان، مىردىيا ئەخمەت، لىتىپ ئەزىمەت ۋە ئەخمەت خېلىلدىن ئىبارەت بەش ئەزاسىنى زىيارەت قىلىش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولغان. ئۇلار مۇخبىرغا 50 نەچچە يىل بۇرۇنقى پۇتبول بىلەن ئۆتكەن ھاياتىنى شۇنداقلا بۇ جەرياندىكى ئۇنتۇلغۇسىز ئىشلارنى، چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان كىشىلەر ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن. تۆۋەندە بۇ بەش كىشىنىڭ پۇتبول كەچۈرمىشلىرىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا سۆزلەپ ئۆتمەكچىمىز.
رەختىن ياسالغان پۇتبول مىنى پۇتبولدىن ئىبارەت بۇ سېھرىي كۈچى چەكسىز بولغان تەنھەرىكەت تۈرىگە مەھلىيا قىلىپ قويغان.
بايان قىلغۇچى: روزايۇف مۇھەممەت (80 ياش، ئۇيغۇر، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ پېنسىيەگە چىققان مۇئاۋىن پروفېسسور)
مەن غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان، ئۇ ۋاقىتتا كىچىك بالىلار ئوينايدىغان تۈزۈك ئويۇنچۇقلارمۇ يوق ئىدى، بىر يەرگە كەلسەك قوغلىشىپ، چېلىشىپ ئوينايتتۇق. كېيىن بىز رەختتىن بىر پۇتبول ياسىۋالدۇق، بۇ يېڭى ئويۇنچۇق بىزگە تۈگىمەس خوشاللىقلارنى ئېلىپ كەلدى، ھەركۈنى بىكار بولساقلا ھەممىمىز بىرلىكتە بۇ رەخت توپىمىز يىرتىلىپ كەتكۈچە تېپىپ ئوينايتتۇق. ئەمما بىر رەخت پۇتبول يېرتىلىپ كەتكىچە يېڭىسىدىن بىرسى پەيدا بولۇپ بولاتتى......
كېيىن مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن بوي-بەستىم ۋە تەن ساپايىم بىر قەدەر ياخشى بولغانلىقتىن مەكتەپنىڭ ۋالىبول كوماندىسىغا قاتناشتىم، ئەينى ۋاقىتتا بۇ كوماندىدىكى مەندىن باشقا ئەزالارنىڭ ھەممىسى ئوقۇتقۇچى ئىدى. مەن بۇ ئوقۇتقۇچىلارغا ئەگىشىپ بىر قانچە مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقاندىن كېيىن تەنتەربىيىگە تېخىمۇ قىزىقىپ قالدىم.
1951-يىلى 9-ئايدا مەن غۇلجىدىن شىنجاڭ مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى (ھازىرقى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى) غا ئوقۇشقا كىردىم ۋە مەكتەپنىڭ پۇتبول ئەترىتىگە قاتناشتىم. ئۆگىنىش نەتىجەم ئالاھىدە ياخشى بولغانلىقتىن ئوقۇش پۈتتۈرمەيلا مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىندىم.
1953-يىلى 5-ئايدا غەربىي شىمال رايونى بويىچە پۇتبول تاللاش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىلىدىغان خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى پۈتۈن شىنجاڭ مىقياسىدا 15 پۇتبولچىنى تاللاپ چىقىپ بىر شىنجاڭ پۇتبول ئەترىتى (ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭ تەنتەربىيە ھەيئىتى تېخى قۇرۇلمىغان) قۇرۇشنى قارار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن شىنجاڭدىكى پۇتبول ئەترىتى قۇرغان رايونلاردا پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى باشلىدى، مەن بار بولغان شىنجاڭ مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى پۇتبول ئەترىتى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك بىرىنچى پىداگوگىكا مەكتىپىنىڭ پۇتبول ئەترىتى مۇسابىقىگە قاتناشتى.
پۇتبول بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە مەيدانى ئاپتونۇم رايونلۇق كادىرلار مەكتىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئەينى ۋاقىتتا بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ مەقسىتىنى بىلمەيتتىم. بىرلەشمە مۇسابىقە ئاخىرلىشىپ ئۇزۇن ئۆتمەي مەن ئاپتونۇم رايونلۇق ئىتتىپاق ھەيئىتىنىڭ شىنجاڭ كوماندىسىغا تاللانغانلىق ۋە دەرھال لەنجۇغا بېرىپ غەربىي شىمال رايونىنىڭ تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغانلىقىمىز ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالدىم.
بىز شىنجاڭ كوماندىسىدىكىلەر ئالتە كۈن يۈك ماشىنىسىدا ئولتۇرۇپ ئوڭۇشلۇق ھالدا لەنجۇغا يېتىپ كەلدۇق، مەن يول بويى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىن كەلگەن ئۇيغۇر، تاتار، روس قاتارلىق ھەر مىللەتتىن بولغان كوماندا ئەزالىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقتىم، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىشچى، دېھقان ۋە ئوقۇغۇچىلارمۇ بار ئىدى.....
غەربىي شىمال رايونىنىڭ تاللاش مۇسابىقىسى لەنجۇدا ئۆتكۈزۈلدى، گەنسۇ، شەنشى، نىڭشا، چىڭخەي قاتارلىق يەرلەردىن كەلگەن پۇتبول ئەترەتلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ مۇسابىقە مەيدانىدا ئۇچراشتى. قۇرۇلغان ۋاقىت قىسقا، مەشىق قىلىش شارائىتىمىز ياخشى بولمىغاچقا شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئەمەلىي كۈچى ئاجىزراق ئىدى، ئەمما كوماندا ئەزالىرى ئۆزلىرىنىڭ ياخشى بولغان تەن ساپاسى ۋە قەيسەر ئىرادىسى بىلەن تاللاش مۇسابىقىسىدە ئوتتۇرھال دەرىجىدە تۇرۇپ كەلدى. كەينىدىن بىز شاڭخەيگە بېرىپ ئۇ يەردە ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك مۇسابىقىگە قاتناشتۇق.
شاڭخەيدە بىز شەرقىي شىمالدىكى جىلىن كوماندىسى ۋە شەندۇڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتۇق، نەتىجىمىزمۇ يامان ئەمەس بولدى، ئوتتۇرھال دەرىجىدە تۇرۇپ كەلدۇق.
شاڭخەيدىن شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بىز 1-ئاۋغۇست پولات-تۆمۈر زاۋۇتىنىڭ پۇتبول ئەترىتى، ئاتۇش دېھقانلار پۇتبول ئەترىتى بىلەن دوستلۇق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدۇق. يادىمدا قېلىشىچە، ئاتۇش دېھقانلار پۇتبول ئەترىتى بىلەن بولغان مۇسابىقىمىز خەلق مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ناھايىتى كۆپ تاماشىبىن كەلگەنىدى. ئەينى ۋاقىتتا خەلق مەيدانى ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان.
كېيىن ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى كوماندىمىز تارقىلىپ كەتتى. تارقىلىپ كېتىشتىن بۇرۇن بىز 15 كوماندا ئەزاسى بىر پارچە خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەنتۇق.
چوڭ-كىچىك كوچىلارنىڭ ھەممىلا يېرىدا پۇتبول تېپەتتۇق
بايان قىلغۇچى: مىرمان (70 ياش، ئۆزبەك، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىئولوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ پېنسىيەگە چىققان مۇئاۋىن پروفېسسور)
ئۈچ ياش ۋاقتىمدا مەن دادامغا ئەگىشىپ ئۆزبىكىستاندىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ غالبىيەت يولىدىكى شىنجاڭ مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى) نىڭ ئەتراپىدا تۇرغان. كىچىك ۋاقتىمدا مەن پۇتبولنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتىم، ئەينى ۋاقىتتا كوچىدا ماشىنىلار ناھايىتى ئاز بولغاچقا چوڭ-كىچىك كوچىلارنىڭ ھەممىلا يېرىدە پۇتبول تېپەلەيتتۇق. كېيىن ئۆسمۈرلەر مەھەللە پۇتبول ئەترىتى قۇرۇلدى، مەن غالىبىيەت يولى مەھەللىسى پۇتبول ئەترىتىنىڭ ئەزاسى ئىدىم، ئەينى ۋاقىتتا سەپداشلىرىمدىن ئۆزبەك، قازاق، ئۇيغۇر، روس ۋە خەنزۇ قاتارلىق مىللەتلەر بار ئىدى، بىز نەنمىندىكى يېڭى شەھەر مەھەللىسى پۇتبول ئەترىتى بىلەن نۇرغۇن قېتىم مۇسابىقىلەرگە چۈشكەن. 1956-يىلى سەپداشلىرىم بىلەن چىڭداۋدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ دوستلۇق مۇسابىقىسىگە قاتناشقان.
1957-يىلى غالىبىيەت يولى مەھەللىسى پۇتبول ئەترىتى، يېڭى شەھەر مەھەللىسى پۇتبول ئەترىتى ۋە قۇملۇق پۇتبول ئەترىتىدىن تاللانغان 18 ماھىردىن تەشكىللەنگەن ئۆسمۈرلەر ئىشتىن سىرتقى پۇتبول مەكتىپى قۇرۇلۇپ ھەپتىسىگە ئىككى قېتىمدىن مەشىق ئېلىپ باردۇق. تەلىيىمگە مەنمۇ بۇ پۇتبول ئەترىتىگە تاللىنىپ سەپداشلىرىم بىلەن شەرقىي شىمالدىكى چاڭچۈن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن شىمالىي رايوننىڭ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ 4-لىككە ئېرىشتۇق.
1958-يىلى شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى رەسمىي قۇرۇلدى، ئۇنىڭ شىتاتقا ئىگە بولغان ئەزاسىدىن 16 ئادەم بولۇپ، ھەربىر ئادەمنىڭ ئايلىق مۇئاشى 50 يۈەن ئىدى. مەن خوشاللىقىمدىن كۆرگەنلا ئادەمگە «بەك ياخشى بولدى، پۇتبول تەپسەك يەنە پۇلمۇ بېرىدىكەن» دەپ يۈرگەنىدىم
مارشال خې لۇڭنىڭ سۆزلىرى بىزگە زور ئىلھام بېغىشلىدى
مىردىيار ئەخمەت (72 ياش، ئۇيغۇر، ئەسلىدىكى ئاپتونۇم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تەنتەربىيە-سەھىيە باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى، ھازىر پىنسىيىگە چىققان)
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ۋۇخەن پۇتبول كوماندىسىنىڭ تېرىنىرى تېرىنىر بولدى، ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە بىز جاپالىق مەشىق قىلىپ شۇ يىلى 8-ئايدا شەندۇڭ تەيئەندە ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك Bدەرىجىلىكلەر پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ 4-لىككە ئېرىشتۇق.
كېيىن بىز يەنە ۋۇخەن، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، بېيجىڭ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ مۇسابىقە ۋە مەشىققە قاتناشتۇق. بېيجىڭدىكى ۋاقتىمىزدا مارشال خې لۇڭ بىز بىلەن كۆرۈشۈپ «سىلەر ياخشى مەشىق قىلىڭلار، كەلگۈسىدە شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى خەلقئارا پۇتبولچىلىقى بىلەن رىقابەتلىشىشتىكى ئاساسلىق كۈچ بولۇپ قالىدۇ» دېدى. كۆپچىلىك بۇ سۆزلەردىن ئىلھاملىنىپ، شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ھەركۈنى سەككىز سائەتتىن كۆپرەك جاپالىق مەشىق ئېلىپ باردۇق.
ئەينى ۋاقىتتىكى پۇتبول مەشىق مەيدانىمىز شىنجاڭ مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى (ھازىرقى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى) دا بولۇپ، ئىقتىسادىي شارائىتىمىز ناچار بولغانلىقتىن مەشىق ۋاقتىدا ئىشلىتىدىغان پۇتبولنىمۇ كۆپچىلىك پۇل يىغىش قىلىپ ئالاتتۇق، كەسپىي پۇتبول ئايىغىمىمىزمۇ يوق بولۇپ، كۆپچىلىك 3-4 كويلۇق ھەربىي ئاياغلارنى، پۇتبول ئاياغلىرىنى كىيەتتى. بۇ ئاياغلارنىڭ چەمى بەك نېپىز، مەيدان شېغىللىق بولغاچقا يارىلىنىدىغان ئىشلار دائىم بولۇپ تۇراتتى. ئەمما كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى پۈتۈن نىيىتى ۋە ئىشتىياقى بىلەن پۇتبول ياخشى تېپىشنىلا ئويلايدىغان بولغاچقا ھېچكىممۇ بۇنىڭدىن ئاغرىنىپ ۋايسىمايتتى. مەنبەسى نۇر تورى .. |
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|