ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 10781 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مىراس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-2 10:55
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
بۈگۈن سەھەر ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپ مۇسابىقە ئىككىنجى ئايلانمىسىنىڭ داۋامى ئوينالدى
مادرىد ئاتلىتكا-يوۋىنتوس
پۈتۈن مەيدان مۇسابىقىدە ئاردا تۇراننىڭ 75-مىنۇتىدا ئۇرغان بىر توپى بىلەن مادرىد ئاتلىتكا ئۆز مەيدانىدا غەلبە قىلىپ 3نۇمۇرنى قولغا كەلتۈردى.
مادرىد - لۇدوگرېتس
مۇسابىقە باشلىنىپ 6-مىنۇتتا لۇدوگرېتس كۇماندىسىدىكى 84-نۇمۇرلۇق ماھىر بىر توپ ئۇرۇپ ئۈستىنلىكنى ئىگەللىدى، 9-مىنۇتتا 25-نۇمۇرلۇق ماھىر ئىرنەندىسنى چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدە يىقىتىۋىتىپ مادرىدقا نوختا توپ كەلگەن بولسىمۇ رونالدونىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى تۇسۇپ چىقىرۋەتتى، 25-مىنۇتتا 18-نۇمۇرلۇق ماھىر رونالدونى چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدە يىقىتىۋىتىپ نوختا توپ قۇيۇپ بىرىلدى بۇ توپنى رونالدو كىرگۈزۈپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى، ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقە مۇشۇ نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتى
كىيىنكى مەيدان باشلىنىپ 67-مىنۇتتا بىنزىما ئىرنەندىسكە 73-مىنۇتتا كىروس مودرىچقا 76-مىنۇتتا رودرىگىز ئىسكوغا ئالمىشىپ مەيدانغا چۈشۈپ 77-مىنۇتتا بىنزىما بىر توپ ئۇرۇپ مادرىد مىھمان مەيداندا غەلبە قىلدى
باسېل-لىۋىرپول
ئالدىنقى مەيدان ھەر ئىككى تەرەپ توپ ئۇرالمىدى، كىيىنكى مەيدان باشلىنىپ 52-مىنۇتتا باسېلنىڭ 9-نۇمۇرلۇق ماھىرنىڭ بىر توپ ئۇرۇشى بىلەن كىيىنكى مىنۇتتا نەتىجە ئۆزگەرمەي لىۋىرپول مەغلۇپ بولدى
ئارسىنال-گالاتا ساراي
ئالدىنقى مەيدان باشلىنىپ 22-مىنۇتىدا ۋىلبىك بىر توپ ئۇردى، 30-مىنۇتىدا يەنە شۇ ۋىلبىك ئارسىنالنىڭ ئىككىنجى توپىنى ئۇردى، 41-مىنۇتتا سانچىس بىر توپ ئۇرۇپ ئالدىنقى مەيدان ئاخىرلاشتى، كىيىنكى مەيدان باشلىنىپ 52-مىنۇتتا ۋىلبىك ئۈچۈنجى توپىنى ئۇردى، 60-مىنۇتتا ئارسىنالنىڭ ۋارتارى قىزىل كارتا بىلەن مەيداندىن چۈشۈرۈلدى، 63-مىنۇتتا يىلماز نوختا توپنى ئۇرۇپ كىرگۈزدى، كىيىنكى مىنۇتلاردا نەتىجدە ئۆزگىرىش بولماي ئاخىرلاشتى
ئاندېرلېخت-دورىتموند
ئالدىنقى مەيدان باشلىنىپ 3-مىنۇتتا دورىتموندتىن ئىمموبىلې توپ ئۇردى، كىيىنكى مىنۇتلاردا توپ چۈشمەي ئاخىرلاشتى، كىيىنكى مەيدان باشلىنىپ 65-مىنۇتتا ئالمىشىپ چىققان راموس 70-79-مىنۇتتا بىردىن توپ ئۇرۇپ دورىتموند غەلبە قىلدى
باشقا مۇسابىقىلەر
زىنىت0-0موناگو
مالىمو2-0ئولىمپىياكىس
لىۋىركوسىن3-1بىنفىكا
|
|