akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 925|ئىنكاس: 19

بورتالادىكى پۇتبول مۇسابىقە خەۋىرى 1

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تاڭنۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-1 23:12  

بورتالادىكى پۇتبول مۇسابىقە خەۋىرى 1

ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم بارلىق پۇتبول سۈيەر ئەزىزلەر ھەر جايلاردا پۇتبول قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرلىۋاتقان مۇشۇ دەملەردە دىيارىمىز بورتالادا بۈگۈن بورتالا لپۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئۆتكۈزگەن  ‹ شىمالى شىنجاڭ رايونى ئېرەنباغ لوڭقىسى كىلەچەك يۇلتۇزى تەكلىپ مۇسابىقىسى › ھەر قايسى پۇتبول سۈيەر كارخانىچى قېرىنداشلارنىڭ ياردىمى ئاستىدا غەلبىلىك باشلاندى .

بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ 12 ياشلىقلار ۋە 14 ياشلىقلار بويىچە ئىككى مەيدانغا بۆلۈنۈپ ئايرىم - ئايرىم ئۆتكۈزۈلدى .
بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قاتناشقان كوماندىلار
1 - بورتالا كوماندىسى ؛  12 ياشلىقلار ۋە 14 ياشلىقلار
2- قاراماي كوماندىسى : 12 ياشلىقلار ۋە 14 ياشلىقلار
3- چۆچەك كوماندىسى : 12 ياشلىقلار ۋە 14 ياشلىقلار
4 - ساۋەن كوماندىسى  : 12 ياشلىقلار ۋە 14 ياشلىقلار
5 - قۇمۇل كوماندىسى : ۋە 14 ياشلىقلار
6 - جىڭ كوماندىسى :  12 ياشلىقلار ۋە 14 ياشلىقلار
7 - غۇلجا كوماندىسى : 12 ياشلىقلار ۋە 14 ياشلىقلار
8  -شىخو كوماندىسى : 12 ياشلىقلار ۋە 14 ياشلىقلار
بىزنىڭ بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى بورتالا ئېرەنباغ ساماۋەر شورپىخانىسىنىڭ خۇجايىنى پىرقەت ئەپەندىنىڭ ئېقتىسادى جەھەتتىن ئالاھىدە قولىشى ئاستىدا غەلبىلىك باشلاندى .

مۇسابىقە تەرتىبى بويىچە
تەنھەركەتىلەر پاراتتىن ئۆتتى
بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
قىزلار كوللىكتىۋى پۇتبولدىن ماھارەت كۆرسەتتى
بىر پەدە ئۇيغۇرچە ئۇسۇلدىن ھوزۇرلاندۇق
كەينىدىن ئۈرۈمچىدىن تەكلىپ قىلىنغان ئىككى قېرىندىشىمىز پۇتبول ئوينىتىشتىن بىزنى قانغۇچە ھوزۇرلاندۇردى ئۇلارنىڭ ماھارىتىگە چوڭ كىچىك ھەممەيلەن ئاپرىن ئوقۇشتى .

كەينىدىن مۇسابىقە باشلىنىپ كەتتى
مۇسابىقە نەتىجىسى تۆۋەندىكىچە

چۈشتىن بۇرۇن 14 ياشلىقلار مۇسابىقە نەتىجىسى
بورتالا كوماندىسى 6 - 0 قۇمۇل كوماندىسى
غۇلجا كوماندىسى 1 - 1 قاراماي كوماندىسى
چۈشتىن كىيىن
چۆچەك كوماندىسى 2 - 2 قۇمۇل كوماندىسى
غۇلجا كوماندىسى 4 - 2 شىخو كوماندىسى  
چۈشتىن بۇرۇن 12 ياشلىقلار مۇسابىقە نەتىجىسى
چۆچەك كوماندىسى  5 - 2 ساۋەن كوماندىسى
قاراماي كوماندىسى 8  - 2 شىخو كوماندىسى
غۇلجا كوماندىسى  10  - 1 جىڭ كوماندىسى
چۈشتىن كىيىن
غۇلجا كوماندىسى 6  - 1 قاراماي كوماندىسى
بۆرتالا كوماندىسى  5  - 5 ساۋەن كوماندىسى
شىخو كوماندىسى 8 - 2  جىڭ كوماندىسى

بۇ قېتىمقى مۇسابىقە بىرلا ۋاقىتتا بورتالا شەھەرلىك 7 - ئوتتۇرا مەكتەپ ھەم 8 - ئوتتۇرا مەكتەپتە تەڭلا باشلاندى ‹ ئىككى مەكتەپ بىر بىرىگە قوشنا ›
شۇنداق قىلىپ مۇسابىقىنىڭ بىرىنجى كۈنى قوللىغۇچى قېرىنداشلارنىڭ ياردىمى بورتالا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى رەپقەت ئابدىرشىت ئەپەندىنىڭ ئورۇنلاشتۇرشى بىلەن غەلبىلىك ھالدا باشلاندى ، مەن شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇسابىقىنىڭ ئالدى كەينىدە جاپالىق خىزمەت قىلىۋاتقان پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئازالىرىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن .
ئەمىسە دىققىتىڭلار بىر قىسىم رەسىملەردە بولسۇن .

[[img]/data/attachment/album/201410/01/222315pprwcli6xjcz9j2i.jpg[/img


مېنىڭ ئىزباسارىم

خەيرى دوسلار ۋاقىتنىڭ زىچلىقى سەۋەبىدىن تېمىدا خاتالىق بولسا تۈزۈتۈپ ئوقۇڭلار ، ئەتە داۋاملىق نەزرىڭلار مۇشۇ تېمىنىڭ ئىككىنجى قىسمىدا بولسۇن

مەنبە : تاڭنۇر ‹ خەيرۇللا قۇربان خەۋىرى ›
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-1 23:41:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى باشلىنىش ئۇيغۇر پۇتبۇلچىلىقى مۇشۇنۇڭدەك كىچىك مۇسابىقىلەردىن زورىيىپ تەرەققى قىلىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-1 23:43:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇرەتلەر بەك سۇزۇك تاتىلىپتۇ خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا رەھمەت ئوغلۇڭىزنىڭمۇ داڭلىق پۇتبۇلچى بولىشىنى ئۇمىد قىلىمەن داۋامىنى يوللاپ تۇرۇڭ قەشقەردە مۇنداق مۇسابىقىنى چۇشۇمىزدە كورۇپ ئوتۇپ كىتىدىغان ئوخشايمىز
ۋىۋىسكىلاردىكى ئانا تىلىمىزنىڭ گۇزەللىكىدىن مەغرۇرلاندىم .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-1 23:46:56 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ  بىزنىڭ  غۇلجىنىڭ    شاكىچىكلىرى   يامانغۇ!
  قايسى  مەكتەپ  قاتناشقاندۇ!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-1 23:48:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   XATKAR886 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-2 00:16  

بۇ مۇسابىقە دۆلەت بايرىمىدا بۆرتالادىكى قېرىنداشلار ئۈچۈن كاتتا سوغا بۇلۇپتۇ.،بايرام مەزگىلىدە مۇسابىقە قىزىپ كەتكۈسى .  بولسا  ئۈرۈمچىدىن تەكلىپ قىلىنغان ئىككى قېرىندىشىمىز نىڭ  كوچا پۇتبول ماھارىتىنى سىنغا ئېلىپ يوللىماپسىز، بىزمۇ بىر كۈرۈپ باقساق.

ھەربىركوماندىدىكى باللار توققۇز كىشلىك رەسىمگە چۈشۈپتۇ ،كوماندا رەسىمىگە 11ئادەم چۈشەتتىغۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-1 23:50:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇسابىقە شۇنداق داغدۇغلۇق ئۆتكۈزۈلۈپتۇ،ناھايىتى تەپسىلى كەڭ دائىردە يوللاپسىلە. كۆپ ئەجىرلەر سىڭدۈرۈپسىلەر تاڭنۇرى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-2 00:05:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى باشلىنىش بوپتۇ..............داۋاملىشىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۆمۈت قىلىمىز.....
    رەھمەت سىزگىمۇ
777
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-2 02:20:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غۇلجائەپ كىتىدۇ لوڭقىنى مىنىڭچە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-2 03:40:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غۇلجا كوماندىسى تېرىشىڭىلار!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-2 09:19:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بورتالا ئەپ كىتىدۇ لوڭقىنى!!! بورتالا كوماندىسى تېرىشىڭىلار!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-2 10:54:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى خۇرسەن بولدۇم...........  ھازىرقى ھىسىياتىمنى كۇنۇپكا تاختىسى بىلەن ئىپادىلەشكە ئاجىزلىق قىلدىم.
لىكىن بورتالا دىگەن ئىسىمنى ھەر بىر قىتىم ئاڭلىغىنىمدا .......................        
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-2 15:19:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alkut.JR يوللىغان ۋاقتى  2014-10-2 09:19
بورتالا ئەپ كىتىدۇ لوڭقىنى!!! بورتالا كوماندىسى تېرىشى ...

بۆرتالادا تۇرسا لوڭقا نەگە ئىلىپ كېتىدۇ!...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 09:27

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش