akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1969|ئىنكاس: 49

ئىنتىرنىڭ شانلىق يىللىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   چىملىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-30 01:22  

تۈنۈگۈن ئاخشام ئوينالغان ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە ئىنتىر ئۆز مەيدانىدا كالىيالى كوماندىسىغا ئىچىنىشلىق ئۇتتۇرۋەتتى. گەرچە بۇ تىلغا ئالغۇدەك مەغلۇبىيەت بولمىسىمۇ، بىراق پەسىل بىشىدىلا ئىنتىرنىڭ بۇنداق قەدەم ئېلىشى ئىنتىر مەستانىلىرىنى ئۈمىدسىزلەندۈردى ھەم ئەندىشىگە سىلىپ قويدى. ئىنتىر ھازىرغىچە 5 ئايلانما مۇسابىقە تاماملاپ بولغان بولۇپ، ئومۇمى ئىپادىسى يەنىلا تۇراقسىز. بۇنىڭدا 2 مەيدان ئۇتۇپ، 2 مەيدان تەڭلىشىپ، 1 مەيدان ئۇتتۇرۇپ 8 نۇمۇر بىلەن بىرلەشمە رەت تەرتىپىدە ۋاقتىنچە بەشىنجى ئورۇندا تۇرماقتا. لىكىن بىرلەشمە چوققىسىدىكى يۇۋىنتىس كوماندىسىدىن 7 نۇمۇر ئارقىدا قالدى. ئىنتىرنىڭ يىقىنقى يىللار مابەينىدىكى نەتىجىلىرى بىزدەك پۇتبول مەستانىلىرىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. ھەم تۆت يىل ئىلگىرىكى ئىنتىرنى سىغىندۇرىدۇ. مەنمۇ ئىلگىرى ئىنتىر كوماندىسىغا ئامراق ئىدىم. پات-پات مۇسابىقىلىرىنىمۇ ئانچە-مۇنچە كۆرۈپ قوياتتىم. بىراق كىيىن بۇ قارا كۆك قوشۇننىڭ جەڭگىۋارلىقى بىراقلا سۇسلاپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە كوماندىدىكى بىر قىسىم پىشقەدەم توپچىلار ئارقا-ئارقىدىن ئىنتىردىن ۋە مەستانىلەردىن خوشلاشتى. شۇنىڭ بىلەن تەڭ مەنمۇ بۇ كوماندىنىڭ مۇسابىقىلىرىنى كەمدىن كەم كۆرىدىغان بولدۇم. ئاخشامقى مەغلۇبىيىتىمۇ كۆڭلۈمنى بىر خىل قىلىپ قويدى. ھەم بۇرۇنقى ئىنتىرنى قايتىدىن سىغىندۇرۇپ قويدى. شۇ سەۋەپتىن مەن شۇ تۆت يىل ئاۋالقى يەنى 2010-يىلىدىكى ئىنتىرنىڭ شان-شەرەپلىرىنى ئەسلەپ ئۆتمەكچى.


تۆت يىل ئاۋالقى ئىنتىر

2010-يىلى قارا كۆك قوشۇن ئىنتىرمىلەن كوماندىسىغا نىسبەتەن ئىيتقاندا مول-ھوسۇللۇق بولغان تولىمۇ خاسىيەتلىك بىر يىل بولدى دىيىشكە بولىدۇ. شۇ يىللىرى ئىنتىر پۈتكۈل پۇتبول دۇنياسىنى زىلزىلىگە سىلىپ، بىر مەھەل پۇتبول سەھنىسىنىڭ زومىگىرىگە ئايلانغانىدى. نۇرغۇنلىغان زەردار كوماندىلارنى ئۆز ئىرادىسى ۋە يۈكسەك ئىتقادىغا تايىنىپ ھەممىسىنى يەر چىشلەتكەنىدى. بارلىق لوڭقىلارنى پاك-پاكىز قولغا كەلتۈرۈپ، باشقا كۈچلۈك كوماندىلارنىڭ ھەسرەت ئىچىدە كۆز ياش تۆكۈشلىرىگە سەۋەپچى بولۇپ قالغانىدى. ئىلىشقا تىگىشلىك چىمپىيونلۇقلارنىڭ ھەممىسىگە ئېرىشىپ، شان-شەرەپلەرگە كۆمۈلۈپ كەتتى ھەم ياۋرۇپانىڭ خوجىسىغا ئايلانغانىدى. مىلەن شەھىرىدىكى ئىنتىر مەستانىلىرى بولسۇن ياكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىنتىرنىڭ سادىق مەستانىلىرى بولسۇن، ھەممىسى بۇ چەكسىز خۇشاللىقلاردىن مەستخۇش بولۇپ، بىر مەھەل ھۇزۇرىنى سۈردى ھەم ئىلگىرىكى ئارزۇ-ئىستەكلىرى ئەمەلگە ئىشىپ ھاردۇقلىرى بىراقلا چىققاندەك بولغانىدى. مانا بۇ بولسا دەل شۇ يىللارنىڭ شاھلىق دەۋرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن قارا كۆك قوشۇن ئىنتىر ئىدى.




ئىنتىر ئەۋلىياسى مورىنھۇ

2008-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى چىلسىدىن ئىشتىن بوشىتىلغان مورىنھۇ بىر يىلغا يىقىن دەم ئېلىشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئىنتىرنىڭ تەكلىپىنى تاپشۇرۇپ ئالدى ھەم تىزلا مىلەن شەھىرىگە يىتىپ كىلىپ، مەنچىنىنىڭ قولىدىن ئىنتىرنىڭ مەشقاۋۇللىقىنى ئۆتكۈزىۋالدى. شۇنداقلا ئىنتىر بىلەن ئۈچ يىللىق توختام ئىمزالىدى. مۇسابىقە پەسلى رەسمى باشلانغاندا، مورىنھۇ قارا كۆك قوشۇننى باشلاپ جەڭ سىپىگە كىرىپ كەتتى. ئۇ قىسقىغىنە ئۈچ يىل ئىچىدە بۇ قوشۇنغا يىتەكچىلىك قىلىپ، نۇرغۇنلىغان شان-شەرەپلەرگە نائىل بولدى. ھەم بۇ زور قوشۇننىڭ سۈر ھەيۋىسىنى ياۋرۇپادا قايتىدىن نامايەن قىلدى. ئۇ ھەقىقەتەن كىشىنى قايىل قىلغۇدەك مۇنەۋۋەر ھەم ئىستىداتلىق مەشقاۋۇل بولۇپ، ئىنتىرگە لوڭقىلارنىڭ ئەڭ نوچىسى بولغان ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى ئىلىپ بىرىپ، ئىنتىر مەستانىلىرىنىڭ 45 يىل زارىقىپ كۈتكەن تەشنالىقىنى قاندۇردى. ھەم ئۆزىنى قايتىدىن ئىسپاتلىدى. مەيلى بىرلەشمە لوڭقىسىدا بولسۇن مەيلى ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىدا بولسۇن ئىنتىرنى مەغلۇبىيەتلەردىن غەلىبە نۇسرەتلەرگە يۈزلەندۈردى. شۇڭا ئۇنى ئىنتىرلىقلارنىڭ ئەۋلىياسى دىيىشكە بولىدۇ.




2008/2009- يىلىدىكى مۇسابىقە پەسلىدە ئىنتىرنى ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىغا ئېرىشتۈردى. بۇ بولسا ئۇنىڭ دەسلەپكى غەنىمەتى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. كىيىن كوماندىنىڭ 17-قىتىملىق بىرلەشمە لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى. 2009/2010-يىلىدىكى مۇسابىقە پەسلىدە قەدەمنى تىخىمۇ مۇستەھكەم ئېلىپ، قەددىنى راۋرۇس رۇسلاپ، دەسلىپىدە بىرلەشمە لوڭقىسىنى ۋە ئىتالىيە لوڭقىسىنى كىيىن ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى.



نوكەمپۇدىكى شادلىق

ئىنتىرنىڭ 2010-يىلىدىكى ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىلىرى تولىمۇ غەلبىلىك داۋاملاشقانىدى. 16 كۈچلۈك ئۇچرىشىشىدا ئىنگىلاند زەردارى چىلسىنى يىڭىپ، 8 كۈچلۈك قاتارىغا كىرگەن. بۇ شاللاش باسقۇچىدىمۇ روسىيەنىڭ كۇلۇبى بولغان مەركىزى قۇرۇقلۇق ئارمىيە كوماندىسىنى شاللاپ، ئوڭۇشلۇق ھالدا يىرىم ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا قەدەم قويغان. بۇ نۆۋەتتىكى رەقىبى بولسا ئىسپانىيە ھەم ياۋرۇپانىڭ خوجىسى بولغان كۈچلۈك ئالەم كوماندىسى بارسىلونا ئىدى. شۇ چاغدا كۆپىنچە كىشىلەر ئىنتىرنى شاللىنىپ كىتىدۇ دەپ ئويلىغانىدى. بىراق نەتىجە ئۇنداق ئويلىغاندەك بولماي قالدى.



تۇنجى قىتىملىق ئۇچرىشىش شۇ يەر ۋاقتى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى 8 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە ئىنتىرنىڭ ساھىبخان مەيدانى مىئازادا ئىلىپ بېرىلدى. شۇ كۈنىدىكى مۇسابىقە پۈتكۈل ياۋرۇپا ۋە دۇنيادىكى بارلىق پۇتبول خۇمارلىرىنىڭ ھەم ھەرقايسى تاراتقۇ مىدىئالارنىڭ نەزەر ئېتىبارىنى يۈكسەك دەرىجىدە ئۆزىگە جەلىپ قىلغانىدى. مۇسابىقە پۇشتىكى چىلىنىشى بىلەن تەڭ مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىش سادالىرى ۋە قىقاس-چۇقانلىرى مەيدان كەيپىياتىنى بۆلەكچىلا جانلاندۇرۋەتكەنىدى. مۇسابىقە داۋاملىشىپ، 19-مىنۇتقا قەدەم قويغاندا بارسىلونا يان تەرەپتىن ھۇجۇم قوزغاپ، بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى تۇنجى توپنى كىرگۈزدى. بۇ توپنى پىدرو ئۇرۇپ كىرگۈزگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن نەتىجە 1 دە 0 بولۇپ، بارسىلونا ۋاقتىنچە ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى. ئارقىدىن ئىنتىر ئەزىمەتلىرى ھۇجۇمنى تىخىمۇ كۈچەيتىپ، بارسىلونا ئەزالىرىنى سەل تەمتىرىتىپ قويدى. مۇسابىقە 30-مىنۇتىغا بارغاندا ئىنتىر ئەزالىرى ئۆز-ئارا ماسلىشىش ئارقىلىق بىر توپ كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى تەڭلەشتۈرۋالدى. بۇنى سىنىيدىر كىرگۈزگەنىدى. كىيىن يەنە 47-مىنۇتتا ئىنتىر تۇيۇقسىز قايتارما ھۇجۇم قوزغاپ، مىلىتو يان تەرەپتىن توپ ئىلىپ كىرىپ، مايكونغا پاس بەردى. مايكون بۇ توپنىمۇ ۋاراتارغا ئۇرۇپ كىرگۈزدى. توپ كىرىشى بىلەن تەڭ مەيداندىكى بارلىق ئىنتىر مەستانىلىرى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمۈپ، كوماندىسىغا يەنە توختىماي ئالقىش ياڭرىتىپ ئىلھام ھەم مەدەتلەرنى بەردى. مۇسابىقە ئوتتۇرىدا بارسىلونا كوماندىسىمۇ بىر نەچچە قىتىم خەتەرلىك ھۇجۇملارنى قىلغان بولسىمۇ، ۋاراتار سەيسار تەرىپىدىن توسىۋىلىندى. مۇسابىقە كەيپىياتىمۇ بارغانسىرى قىززىشقا باشلىغانىدى. مۇسابىقە شۇ رىتىمدا داۋاملىشىپ 61-مىنۇتىغا كەلگەندە، مىلىتو ئەڭ ھالقىلىق توپتىن بىرنى كىرگۈزۈپ، مۇسابىقە نەتىجىسىنى مۇقىملىدى. شۇنىڭ بىلەن ئاخىرقى نەتىجە 3 دە 1 بولۇپ، تۇنجى ئۇچرىشىش ئىنتىرنىڭ غەلبىسى بىلەن ئاياغلاشقانىدى.




ئىككىنجى قىتىملىق ئۇچرىشىش شۇ يەر ۋاقتى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى 8 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، بارسىلونانىڭ ساھىبخان مەيدانى نوكەمپۇدا باشلاندى. بۇ قىتىملىق مۇسابىقە بارسىلوناغا نىسبەتەن تولىمۇ قىيىن بىر ئۆتكەل ھىسابلىناتتى. چۈنكى ئالدىنقى ئۇچرىشىشتىكى مەغلۇبىيەت ئازراق بىسىم پەيدا قىلغانىدى. بۇ قىتىملىق مۇسابىقىمۇ ئوخشاشلا كەسكىن ئېلىپ بىرىلدى. بارسىلونا ئارقا-ئارقىدىن خەتەرلىك ھۇجۇملارنى قوزغىغان بولسىمۇ، لىكىن توپ كىرمىدى. كىيىن مۇسابىقە ئارىلىقىدا بۇسكىسنىڭ يالغان يىقىلىشى بىلەن موتتا قىزىل كارتا ئىستىمال قىلىپ، مەيداندىن چۈشۈپ كەتتى. 10 ئەزا بىلەن قالغان ئىنتىر ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ قىلىپ، بىراقلا پۈتۈن سەپ بويىچە مۇداپىيە ھالىتىگە ئۆتىۋالدى. بۇنداق قاتتىق مۇداپىيە ئاستىدا بارسىلونا ھىچقانداق ئۈنۈملۈك ھۇجۇم قوزغىيالمىدى. مۇسابىقە ئاخىرقى باسقۇچقا كەلگەندە يەنى 83-مىنۇتتا بارسىلونا كوماندا ئەزالىرى ئۆز-ئارا ماسلىشىپ پاسلىشىش ئارقىلىق بىر توپ ئۇرۇپ، ئازراق بولسىمۇ ئۈمۈد ھاسىل قىلغانىدى، ئەپسۇسكى بەخىت-ئامەت بارسىلوناغا كۈلۈپ باقمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئاخىرقى ئومۇمى نەتىجە 3 دە 2 بولۇپ ئىنتىر ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا كىرىپ كەتتى. شۇ چاغدا مۇسابىقە ئاياقلىشىش پۇشتىكى چىلىنىش بىلەن تەڭ بارلىق ئىنتىر ئەزالىرى مەيدانغا يۈگۈرۈپ كىرىپ، خۇددى ھەل قىلغۇچتىكىدەك ھەممىسى شاتلىق قاينىمىغا چۆمۈپ كەتكەنىدى. ھەم ئەسەبىلەرچە بۇ غەلبىنى تەبرىكلەشتى. نوكەمپۇ مەيدانىدىكى كاتالونلۇقلار بۇلارنىڭ چۇقان سىلىشىدىن ھەسرەتلىنىپ بارماقلىرىنى چىشلەشكە مەجبۇر بولغان ئىدى. ئەمما شۇ قىتىملىق مۇسابىقىدە ئىنتىر جەڭچىلىرى ئۆز جاسارىتى ھەم جەڭگىۋارلىقى بىلەن بارلىق كىشىلەرنى ھەقىقىي قايىل قىلغانىدى.

ئىككى قىتىملىق ئۇچرىشىشتىكى ئىنتىرنىڭ سەپ شەكلى: ( 4-2-3-1 )

ۋاراتار: سەيسار
بىكلەر: سامۇئىل، لۇسىيۇ، مايكون، زانىتى
ئارقا بەل: تىياگو موتتا، كامبىياسو
ئوتتۇرا مەيدان: سىنىيدىر، پەندىف، ئىيتتو
ھۇجۇم: مىلىتو



شۇ يىلى ئېرىشكەن شان-شەرەپلىرى

ئىتالىيە لوڭقىسى: رىم-ئىنتىر

ئىتالىيە ۋاقتى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى 8 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، 62-نۆۋەتلىك ئىتالىيە لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى رىم ئولىمپىك تەنتەربىيە مەيدانىدا ئېلىپ بىرىلدى. ئىنتىرنىڭ رەقىبى بولسا رىم كوماندىسى بولۇپ، ئاخىرىدا رىم كوماندىسىنى 1 دە 0 نەتىجە بىلەن يىڭىپ چىمپىيون بولغان. شۇنداقلا بۇ ئىنتىرنىڭ 6-قىتىملىق ئىتالىيە لوڭقىسىغا ئىرىشىشى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.




مۇسابىقە جەريانىدا مىلىتو بىردىنبىر توپنى كىرگۈزگەن بولۇپ، كىيىن سىنىيدىر بىلەن كوردۇبا يارلانغانلىق سەۋەبى بىلەن ئالماشتۇرۋىتىلگەن. رىم تەرەپتىن توتتى مۇسابىقە ئاخىرقى باسقۇچغا كەلگەندە، قىزىل كارتا بىلەن مەيداندىن چۈشۈرۋىتىلگەن.



شۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى ئىنتىرنىڭ سەپ شەكلى: ( 4-3-1-2 )

ۋاراتار: سەيسار
بىكلەر: مايكون، كوردۇبا، ماتىرازى، چىۋۇ
ئوتتۇرا مەيدان: زانىتى، كامبىياسۇ، تىياگو موتتا
ئالدى بەل: سىنىيدىر
ھۇجۇم: مىلىتو، ئىيتتو

بىرلەشمە لوڭقىسى

2009/2010-يىلدىكى ئىتالىيە بىرلەشمە لوڭقىسىدا، ئىنتىر كوماندىسى 24 مەيدان يىڭىپ، 4 مەيدان ئۇتتۇرۇپ، 10 مەيدان تەڭلىشىپ، 82 نۇمۇر بىلەن شۇ قىتىملىق بىرلەشمە لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونى بولغان ھەم كوماندا تارىخىدىكى 18-قىتىملىق ئىتالىيە بىرلەشمە لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرگەن.




ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى

ئىسپانىيە ۋاقتى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى 8 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، مادرىدنىڭ بىرنابۇ پۇتبول مەيدانىدا 55-نۆۋەتلىك ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئېلىپ بىرىلدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە قارا كۆك قوشۇن ئىنتىرمىلەن كوماندىسى گىرمانىيەنىڭ زەردار كۇلۇبى بايرىن مىيۇنخىننى 2 دە 0 نەتىجە بىلەن يىڭىپ، شۇ قىتىملىق يوغان قۇلاقنىڭ ساھىبى بولغان. ھەمدە 45 يىلدىن كىيىن قايتىدىن ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونى بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىنتىرنىڭ بۇ لوڭقىغا ئېرىشكەن قىتىم سانى ئۈچ بولغان. بۇ مۇسابىقىدىكى ئىككى توپنى مىلىتو ئۇرۇپ كىرگۈزگەن.





شۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى ئىنتىرنىڭ سەپ شەكلى: ( 4-2-3-1 )

ۋاراتار: سەيسار
بىكلەر: مايكون، لۇسىيۇ، سامۇئىل، چىۋۇ
ئارقا بەل: زانىتى، كامبىياسۇ
ئوتتۇرا مەيدان: ئىيتتو، سىنىيدىر، پەندىف
ھۇجۇم: مىلىتو

ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى

ئىتالىيە ۋاقتى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى 8 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئىنتىرنىڭ مىئازا پۇتبول مەيدانىدا ئېلىپ بىرىلدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئىنتىر 3 دە 1 نەتىجە بىلەن رىم كوماندىسىنى يىڭىپ چىمپىيۇنلۇققا ئېرىشكەن. شۇنداقلا بۇ لوڭقىغا 5 قىتىم ئېرىشىپ، يۇۋىنتىس كوماندىسىدىن ئېشىپ كەتكەن ھەم AC مىلان كوماندىسى بىلەن تەڭلەشكەن.





دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى

2010-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت ئالتىدە، 7-نۆۋەتلىك دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى، ئەرەپ بىرلەشمە خەلپىلىكىنىڭ ئەبۇزابى زايىد تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئىنتىر مىلەن 3 دە 0 نەتىجە بىلەن ئافرىقا كۇلۇبى بولغان مازىمۇبى كوماندىسىنى يىڭىپ، شۇ قىتىملىق دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونى بولغان.





خاتىمە: يۇقىرىقىدەك قەيىت قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، شۇ يىللىرى ئىنتىر مىلەن كوماندىسى ‹‹ 5 شاھ ›› بولۇش سالاھىتى بىلەن ياۋرۇپادىكى ئەڭ كۈچلۈك كوماندىغا ئايلانغانىدى. شۇنى ئېيتىپ قويۇشقا ئەرزىيدۇكى، شۇ يىللىرىدىكى قارا كۆك قوشۇن جەڭچىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە يىشى 29 ئىدى. دىمەككى بۇ توپچىلارنىڭ يىشىمۇ بىر يەرگە بىرىپ قالغان پىشقەدەم توپچىلار بولۇپ، ھەممىسى بىرلىكتە مۇستەھكەم ئۇيۇشۇپ، كۆڭلىگە پۈككەن گۈزەل ئارزۇ نىشانلىرىنى رىئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن توختىماي كۈرەش قىلغان. مۇھىمى ئۆز مەستانىلىرىنىڭ ھەرۋاقىت قوللىشى، ئىسسىق-سوغۇقلارنى بىرگە باشتىن كەچۈرىشى ۋە توختىماي ئالقىش ياڭرىتىشى ئۇلارغا روھى مەدەت ۋە ئوزۇق بولغان. ئاخىرىدا مانا بۇ ئەزىمەتلەر ئىنتىرنىڭ يىڭى بىر تارىخىنى ياراتقان ھەم ئىنتىرنىڭ مەڭگۈلۈك ئىپتىخارلىرىغا ئايلانغان.تارىختىن بۇيان، مەيلى قايسى ئىمپىراتور ۋە غالىبلار بولسۇن، شۇلارنىڭ گۈللەنگەن تاجۇ-تەخىت ۋە بۈيۈك سەلتەنەتلىرى مەڭگۈلۈك دەۋران سۈرەلىگەن ئەمەس. دۇنيا ئۆز قولى بىلەن گۈزەل تارىخلارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، يەنە ئۆز قولى بىلەن ئۆچۈرۈپ قايتىدىن يىڭىسىنى بەرپا قىلىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش ئىنتىرنىڭ شان-شۆھرەتلىرى بىر مەھەل دەۋران سۈرۈپ، جۇلالانغاندىن كىيىن، بارا-بارا ئۆز جەۋلانىنى يوقىتىشقا باشلىدى. 2010-يىلنىڭ ئاخىرى مورىنھۇ ئىنتىر ۋە بارلىق مەستانىلەر بىلەن خوشلىشىپ ئۆزىنىڭ يىڭى ماكانىنى تاپتى. شۇنىڭ بىلەن بىنتىز ئىنتىرنىڭ يىڭىدىن مەشقاۋۇللۇق ئورنىغا چىقتى. مورىنھۇنىڭ كىتىشى بىلەن تەڭ ئىنتىرمۇ ئاستا-ئاستا كەينىگە چىكىنىشكە باشلىدى. گەرچە ئىنتىرلىقلار يىڭى تىرنىردىن زور ئۈمۈدلەرنى كۈتكەن بولسىمۇ، بىراق ۋەزىيەت ئەھۋالى يەنىلا ياخشىلانمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىنتىر توختىماي تىرنىر ئالماشتۇردى لىكىن بۇ چارىلەرنىڭ ھىچقايسىسى كار قىلمىدى. مانا ھەش-پەش دىگۈچە تۆت يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، لىكىن كوماندىنىڭ ئەھۋالى يەنىلا خەتەرلىك ھالەتتە تۇرماقتا. بۇرۇنقى ئىنتىرنىڭ سۈر ھەيۋىلىرىنى ھازىر ھىس قىلىش تولىمۇ مۈشكۈل. شۇڭا ھازىر بارلىق ئىنتىرلىقلار بۇرۇنقى مورىنھۇنى سىغىنىشلىق ئىچىدە ئەسلەشمەكتە ھەم ئىنتىرغا قايتىپ كىلىپ، بۇرۇنقىدەك شانلىق دەۋىرنى يەنە قايتا يارىتىشىنى ئۈمۈد قىلماقتا.                 


چىملىق
     

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
نىدا + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-30 19:05:15 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-30 19:08  

سىنىيدېر، ئىتو، مىلىتونىڭ ئۇيۇشىشى، مۇداپىيەچىلەرنىڭ ماسلىشىشى ناھايىتى ياخشى بولغان.
  ئۇ چاغدا ئىتو بىلەن مىلىتو قېرىلىق دېگەن گەپنىڭ مەنىسىنى تازا بىلمەيتتى، پەندىف ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىندىن كېيىنكى ئەڭ داڭلىق ماكىدونىيەلىك ئىدى، مۇنتارى ھازىرقىدەك زىدانىنىڭ رولىنى ئەمەس گاتتۇسونىڭ رولىنى ئۆتەيتتى، ستانكوۋىچنىڭ قولىدىن ھەر قانداق ئىش كېلەتتى، لۇسىيونىڭ سىمى قىسقا تۇتاشمايتتى، چىۋو ئۇ چاغدا ھازىرقى بونېراغا ئەمەس نېستاغا ئوخشايتتى، سامۇئېلنىڭ كاكانى مۇداپىيە قىلالماي تولغىنىپ كەتكەن پەيلىرى ئەسلىگە كەلگەنىدى، مايكون كارلوستىكى ھۇجۇم بىلەن مالدىنىدىكى مۇداپىيەنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەنىدى، سەيسار قولىغا تېخى سارماينىمۇ سۈركىمىگەنىدى... قارا - كۆك قوشۇندىكى ھەربىر جەڭچى زانىتتى ئىسىملىك پامپاس بۈركىتىگىلا بەيىئەت قىلاتتى، باش ئىگەتتى...
مۇرىنىئو تىرېنېرلىق ھاياتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدە ئىدى...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-30 06:09:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل تېما
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-30 07:05:24 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنتىر نىڭ تىزراق ئەسلىگە قايتىشنى ئۈمۈد قىلمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-30 07:54:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىتالىيىدىكى يەتتە ئاچا-سىڭىللارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىپادىسىنى بالدۇر تېپىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-30 09:26:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىچىك دۇنيالوڭقىسى دەپ نام ئالغان ئىيالىيە بىرلەشمىسىدىكى كۇلۇپلار ئۆزدەۋىردە خېلى كۇلۇپلارنى پوش-پوش دىمەيتى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-30 09:53:30 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر ئىنتېردا  2010-يىلدىكى سىنىيدىردەك  ئوتتۇرا مەيداندىن بىرسى  زانىتىدەك كوماندىنىڭ  مەنىۋى تۇۋرۇكدىن بىرسى كەم  

بۇ قېتىم ياپۇن پاكىرى يەڭ بەلگىسىنى تاقاپ مەيدانغا چىقىپ بالدۇرلا قىزىل يەپ مەيداندىن ھەيدەلدى  شۇنىڭ بىلەن كوماندا پۇتۇن سەپ بۇيىنچە قالايمىقانلاشتى ھەم شەرمەندىلەشتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-30 10:12:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېنتېر مىلان نۇرغۇن شان شەرەپلەرگە ئېرىشكەن جەڭگىۋار بىر كوماندا،لىكىن ھازىر نەتىجىسى تۆۋەنلەپ
كەتتى،ئۇلارمۇھامان بىر كۈنى بۇرۇنقىدەك ھالىتىگە قايتىپ كىلىدۇ،بۇ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-30 10:17:38 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئتالىيە   ئقتىسادىنىڭ    كاسادلىشىشى   ئىتالىيە  بىرلەشمىسىنىمۇ   ئاجىزلاشتۇرۋەتتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-30 10:51:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىلىتو شۇ چاغدا بىر چاقناپ قويۇپلا كېيىن يارلىنىپ قايتا ئۇ ئىپادىسىنى تاپالمايلا ئۆچتى.

ئىككى مىلاننىڭ ئۇ شانلىق دەۋىرلەرنى قايتا بارلىققا كەلتۇرىدىغىنىغا يەنە بىر مەزگىل كېتىدىغاندەك تۇرىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-30 10:54:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
LM10 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-30 10:17
ئتالىيە   ئقتىسادىنىڭ    كاسادلىشىشى   ئىتالىيە  بىرلەشم ...

جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشى جۇڭگو بىرلەشمىسىنى كۈچلەندۇرۋەتتى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-30 11:07:35 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
missi2 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-30 10:54
جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشى جۇڭگو بىرلەشمىسىنى كۈچ ...

ھې  ھې……
   جوڭگونىڭ   مەبلىغى   ئېشىپ    تېشىپ   تۇرغىنى   بىلەن   كارغا   كەلگۈدەك    دەسمايىسى   يوق    ئەمەسمۇ……
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-30 11:08:02 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
missi2 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-30 10:54
جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشى جۇڭگو بىرلەشمىسىنى كۈچ ...

ھې  ھې……
   جوڭگونىڭ   مەبلىغى   ئېشىپ    تېشىپ   تۇرغىنى   بىلەن   كارغا   كەلگۈدەك    دەسمايىسى   يوق    ئەمەسمۇ……
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 09:36

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش