ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2661 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tagderem تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-29 17:24
ئەڭ ئاۋۋال تىما ئىگىسىنىڭ ئەجرىگە رەھمەت . بۇلار ھەم ئۆزىنىڭ شەخسى كۆز قاراشلىرى ئىكەن ، ئاۋىلى بۇنى ھۆرمەت قىلىش كىرەك . ئاندىن بىزمۇ شەخسى كۆز قاراشلىرىمىزنى قىستۇرغاش ئۆتۈپ كىتەيلى ئەل قاتارى .
مىنىڭچە ئەڭ مۇنەۋۋەر ۋارتارلار كاسىيلاستىن باشقىسىنىڭ تىزىلىشىنى نورمال دەپ قارساق بولىدۇ . ئۆتكەنكى بىر نەچچە يىل بىز توپقا قىززىققاندىن بىرى كۆرۈپ چوڭ بولغان دىسەكمۇ بولدىغان پىشقەدەم ۋارتارلارنىڭ دەۋىر ئالمىشىش ۋاقتى بولدى ھەم بولىۋاتىدۇ . مانچىستىردىن ۋەندىسار ، ئىنتىردىن سەيسار ، بارسىلۇناندىن ۋالدىز ، مىلاندىن دىدا مىيۇنخىندىن كاھىن ( بۇ ئىككىسىگىغۇ خېلى بولدى ) ... ئاساسەن بىز بىلەن خوشلىشىپ بولدى . قېپقالغانلىرى داڭلىقىراقتىن يۇۋىنتىستىن بوففىن ، مادىرىتتىن كاپىتان ، چىلسىدىن ياش كورتىۋانىڭ بىسىمى ئاستىدا تەغدىرى نائىنىق تۇرۋاتقان چىخ مۇشۇ ئۈچىلا قالدى . ( مىلاندىن ئابىيادىمۇ بار ) . مۇشۇلار چېكىنىپ ئورنىنى باشقىلار ئالغاندىن كىيىن ، قارىشىمچە داڭلىق كوماندىلارنىڭ ۋارتارلىرىنىڭ ‹‹ئالمىشىش دەۋرى ›› ئاساسەن ئاخىرلاشقان بولۇپ يىڭى بىر ‹‹دەۋىر ›› باشلانغان بولىدىكەن . بىزمۇ بىر دەۋىرگە شاھىت بولغان خوش ئىيتقان ۋە يېڭىسىنى كۈتۋالغان توپخۇمارلار بولىدىكەنمىز .
بىر كوماندىنىڭ ۋارتار ئورنى ياخشى تولۇقلانسا ئۇ ئاساسەن دىگۈدەك نەچچە يىللاپ ئالماشمايدۇ . سىز تىزغان ئاۋۇ ياش ۋارتارلار ھەممسى دىگۈدەك ( ئەڭ ئۇزۇنلىرىغمۇ ) يېقىنقى تۆت بەش يىلدىن بېرى ‹‹ئەڭ ياخشى تولۇقلىغۇچى ›› ھەم ئاۋۇ پىشقەدەملەرنىڭ ‹ ئەينى دەۋرى › ئوخشاش يىڭى بىر دەۋىرنىڭ ياراتقۇچىلىرى سۈپىتىدە ئوتتۇرغا چىقىۋاتقانلاردۇر . ( ئەلۋەتتە ئاشۇلارنىڭ يىشىغا بارغۇچىلىك شۇلاردەك نامى يادلىندىغان ھالەتتە تۇرالىسا ) ۋارتار كەسپى ئورنى - ياش چوڭايغانسىرى ( توغرىسى 30 غا يىقىنلىغانسىرى ) تەجىربىسى ئىشىپ ، تېخىمۇ پىشىپ يىتىلدىغان ئورۇن . ئاۋۇلار تېخى ياش ، كاپىتان بولسا ئوتتۇزنەچچىدىن ھالقىپ كەتكەن ، تېخنىكىدا ئاللىقاچان چېكىنىش دەۋرىگە كىلىپ قالغان توپچى . شۇڭلاشقا ئۇنىڭ يوقارقىلاردەك بىر تۈركۈم ياشلارنىڭ ئارىسىغا قىستۇرلۇپ دەرىجە تىزىلىشىنى تازا مۇۋاپىق كۆرمىدىم . ئورنىغا يىشى چوڭراق بولسىمۇ ئىنتىردىكى خەندانوۋىچ مۇۋاپىقىراقمىكىن دەپ قارايمەن . (ئۇمۇ سەيساردىن كىيىنكى ئەڭ ياخشى تولۇقلىغۇچى )
( كۆڭلۈمدىكىنى ئىيتسام ئىلگىرى ‹دۇنيا پوتبۇل ئەپەندىسى › بولۇشقىمۇ مۇۋاپىق دەپ قارالغان كاپىتاننىڭ 4 . ئورۇندا تۇرۇشىنى تازا قۇبۇل قىلالمىدىم . بوففىن ئىككىسى ‹ئەڭ مۇنەۋۋەر › ۋارتارلىق ئورنىنى خېلى كۆتۈرەگە ئىلۋالغاندەك بىر مەزگىللەرگىچە مونۇپۇلمۇ قىلۋالغان بىر چاغلىدا . ئەمدى قىرىپ قالغان ئۇنى ماۋۇلاردەك ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇردىغان بىر توپ ياشلار ئارىسىغا قىتىپ قويۇش ئۇنىڭغا سەل ‹‹ئۇۋۋال قىلىنغانلىق ›› تەك بولۇپ قالارمىكىن دەپ ئويلىدىم ، ھىچ بولمىسا دەرىجە جەھەتتە )
ئوتتۇرا بىكتىكى تاللاشلارغا قارىتا :
مەن ئەزەلدىن پىك بىلەن رامۇسنى دۇنياۋى ئوتتۇرا بەگ دەپ قارىمايمەن . پىك ئۇنىڭ بارسىلۇنا يىقىنقى بىر نەچچە يىلدا ئاساسلىق قوللىنۋاتقان تاكتىكىلاردىكى - ھۇجۇم تەشكىللەشتىكى مۇھىم ھالقىلارنىڭ بىرى بولۇش ئەۋزەللىكى - دائىم ئۇنىڭ يىتەرسىزلىكلىرىنى يىپىپ كېتىدۇ . رامۇس بولسا مېنىڭ نەزىرىمدە يەنىلا ئەڭ ئاۋۋىلى دۇنياۋى ئوڭ قانات مۇداپىئەچىسى . ئۆزىدىن چوڭ پىپىغا ۋە تېخى يېقىنقى يىللاردىكى ئىپادىلىرىگە سىلىشتۇرغاندا ئۇ ئوتتۇرا مۇداپىئەچىلىكتە ‹‹ دۇنياۋى›› دىگەن قالپاقنى كىيىشكە تېخى بالدۇر . بۇ ئىككىسىنىڭ ئورتاقلىقى : ھۇجۇم جەھەتتىكى ئاكتىپلىقى نۇمۇر ئىلىش ئىستىكىنىڭ يوقۇرلىقى ...بۇلارنىڭ جىق ئاجىزلىقلىرىنى يېپىپ كىتىدۇ . مىنىڭچە بۇلار دۇنياۋى كوماندىدىكى ياخشى بىكلەر خالاس ، دۇنياۋى ئوتتۇرا بەگ لەردىن ئەمەس .
مىسال : بۇ ئىككىسى ئوتتۇرا مۇداپىئە تېمى ھاسىل قىلغان ئىسپان ئىككى مەيداندىلا يەتتە توپ يوقاتتى ، بۇنىڭدا بۇلارنىڭمۇ ‹‹باش تارتىپ بولمايدىغان ›› مەسئۇليىتى بار دەپ قاراشقا تامامەن بولىدۇ .
ھۇجۇمچىلار :
كوستا - كوستا بولغىلى تېخى ئىككى پەسىل بولدى . سان سىفىر جەھەتتە ئۇ تۇيۇقسىز پارتىلاپ ھەممىنى قايىل قىلۋاتقان بولسىمۇ ، باسقان مۇساپىسىگە نىسبەتەن ئىيتقاندا ئۇنىڭغا بۇ يوللار تېخى ئۇزۇن . ئۇ ئۆزىنى تېخىمۇ ئىسپاتلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا كەلگۈسى بىر مەزگىل ئىچىدە ئەڭ ئاۋۋال مەرگەنلىكتە ھىچبولمىغاندا بىرەر ‹‹ئالتۇن چوقەي ›› لىك بولالىشى كېرەك . شۇڭلاشقا بۇنىڭغا قارىغاندا يىقىنقى ئون يىل ئىچىدە توپ ئۇرۇش ئۈنۈمى ۋە سەزگۈسىدە گەرچە كوماندا ئالماشسىمۇ بىر خىل ئىزچىللىقنى يوقاتمىغان ۋەن پىرىسى تېخمۇ مۇۋاپىقىراق مىكىن دەپ قارىدىم .
تېمىنىڭ بېشىدىلا ئەسكەرتكەندەك بۇلار ھەقىقەتەن ‹‹ پوتبۇل دۇنياسىدا ئەڭ چاقناۋاتقانلار ›› . لىكىن مىنىڭچە يوقارقىلار ئىچىدە ‹‹ كىرىستان ، مىسسى ، كاپىتان قاتارلىق ‹‹ چاقناپ بولغان ›› ( توغرىسى چاقناپ ھەممىنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرۇپ ئاللىقاچان ئۆزىنى ئىسپاتلاپ بولغانلار ) چىقىرۋىتىلىپ كەلگۈسىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى دەپ قارىغانلىرىڭىزنى تېزغان بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولارئىكەنتۇق دەپ ئويلايمەن .
يوقارقىلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭكىگە ئوخشاشلا شەخسى كۆز قاراشلىرىم خالاس . |
|