ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2689 |
تۆھپىسى: سەر |
|
سوخۇ تورى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى خەۋىرى :
دىيارىمىز ۋاقتى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 00 : 22 دە ، 2015 \ 2014 -يىللىق ئىسپانىيە بىرلەشمىسى 6-ئايلانما مۇسابىقىسى كامپ نو مەيدانىدا ، بارسىلونا كوماندىسى بىلەن گىرانادا كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى . بارسىلونا كوماندىسى 6 : 0 گىرانادا كوماندىسىنى يېڭىپ ، بىرلەشمىدىكى يەنە بىر غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى . تۆۋەندىكىسى بارسىلونا كوماندا ئەزالىرىنىڭ مۇشۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى ئېرىشكەن نومۇر ئەھۋالى :
بۇراۋو : 6.9 نومۇر
پۈتۈن مەيداندا ئۆزىنى نامايان قىلغۇدەك پۇرسەت ئاساسەن يوق دىيەرلىك بولدى . ئالدىنقى 6 ئايلانمىدا بىرمۇ توپ كەتكۈزمەي ، ئىسپانىيە بىرلەشمىسى تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجە بىلەن بىر سىزىقتا تۇردى . بارسىلوناغا يېڭى قوشۇلغان بۇراۋونىڭ بۇ تۇراقلىق ئىپادىسى ھەقىقەتەن ماختاشقا ئەرزىيدۇ .
ئادرىيانو : 8.0 نومۇر
ئادرىيانو ئېنرېك تاپشۇرغان ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن تامامەن چىقتى . ئۇ سول قاناتتىكى ھۇجۇمغا ياردەمچىلىك ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇندىغاندىن سىرت مۇداپىيىسىمۇ كۆرۈنەرلىك ياخشى بولدى .
ماتېھو : 8.8 نومۇر
ماتېھو بارسىلوناغا قوشۇلغاندىن بۇيانقى مۇداپىيىدىكى ئېسىل ئىپادىسى بىلەن كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا بولغان گۇمانىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى . بۇ ‹‹ كېچىكلىپ ئېچىلغان گۈل ›› بارسىلونانىڭ مۇداپىيە سەركىسىگە ئايلاندى . ئۇنىڭ بۇ مەيداندىكى مۇداپىيىسىگە گەپ كەتمەيدۇ .
ماسچېرانو : 7.9 نومۇر
ماسچېرانو بىلەن ماتېھودىن تۈزۈلگەن بۇ ئوتتۇرا مۇداپىيە گۇرۇپپىسى ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە چوڭ خىرىسقا دۇچ كەلمىدى . كېيىنكى مەيداندا بوسكېسنىڭ ئالمىشىپ مەيداندىن چۈشۈشى بىلەن ماسچېرانو كونا قەدىناس ئورنى ئارقا بەلگە قايىتقاندىن كېيىن ھەقىقى تۈردە ئۆزىنى نامايان قىلدى .
ئالۋېس : 8.2 نومۇر
مۇسابقە پەسلىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە كوماندىدىن ئايرىلغىلى تاس قالغان بۇ بىرازىلىيىلىك ئۆزىنىڭ ئوڭ قاناتتىكى مۇستەھكەم مۇداپىيىسى ۋە ھۇجۇمغا ماسلىشىشى بىلەن ، ئۆزىنىڭ بارسىلونا ئوڭ قانات يولىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان موھىم ئەزا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى . ھازىرچە كوماندىدا ئۇنىڭ ئورنىنى ھېچكىم باسالمايدۇ .
راكتېچ : 7.8 نومۇر
راكتېچ ئېنرېك تاپشۇرغان ۋەزىپىنى غەلبىلىك ئورۇندىدى . شۇنداقلا مېسسىنىڭ پاس چىقىرىشى بىلەن بىر توپ ئۇرۇپ كىرگۈزدى . ئۇنى مەيداندىن ئالماشتۇرۇپ چۈشۈرىۋېتىشى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىگە كۈچ ساقلاش ئۈچۈندۇر .
بوسكېس : 7.6 نومۇر
بوسكېس يەنىلا كوماندىنىڭ مۇداپىيە سېپىدىكى كوزۇر ماھىرى . باشقا مۇداپىيىچى ماھىرلارغا ئوخشاش ، ئۇنىڭمۇ ئۆزىنى نامايان قىلىدىغان پۇرسەت ئاز بولدى .
شاۋې : 8.2 نومۇر
بۇ پەسىلدىكى بىرىنچى قېتىملىق ئاساسلىق ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىققان ‹‹ بارسىلونا چوڭ مىڭىسى ›› شاۋې ، ئىنتايىن چىرايلىق بىر مەيدان مۇسابىقىسىنى بىزگە تەقدىم ئەتتى . ئۇنىڭ ئوتتۇرا مەيداندىكى توپ يۆتكەش ، بۇرۇلۇشلىرى ئەينى ۋاقىتتىكى شاۋېنىڭ تېخى ياش ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەردى .
نېيمار : 10 نومۇر
رىۋالدودىن كېيىن ، ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە بارسىلوناغا ۋەكالىتەن مۇسابىقە ئويناپ قالپاق ئويۇنى ئوينىغان يەنە بىر بىرازىلىيىلىك بولۇپ قالدى . پەقەت توپ كىرگۈزۈشلا ئەمەس ، مەيداندىكى ئىزچىل ئىپادىسى ۋە جان تىكىپ ئوينىشى نۇرغۇن ياخشى پۇرسەتلەرنى ياراتتى .
مېسسى : 10 نومۇر
ئىككى توپ ئۇرۇش ۋە ئىككى قېتىم ياردەمچى پاس بېرىش . مېسسى بارسىلونانى يېتەكلەپ رەقىبىنى يەر چىشلەتتى . ئېنرېكنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى مېسسىنىڭ يېڭىچە قىياپىتى يەنىلا پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ زور ئالقىشىغا ئېرىشمەكتە .
زاپاس ئەزالار
بارتېلا : 6.7 نومۇر
مەيداندىكى مۇداپىيىچىلەرنىڭ ئارام ئېلىشىغا پۇرسەت ياراتتى . مەيداندا چوڭ خەۋىپكە دۇچ كەلمىدى .
روبېرتو : 6.6 نومۇر
روبېرتونىڭ مەيداندىكى توپ ئېلىش پۇرسىتى ئانچە كۆپ بولمىدى . ئىپادىسىمۇ ئادەتتىكىچە .
ساندېرو رامرېس : 6.2 نومۇر
ئۇمۇ ھەم روبېرتوغا ئوخشاش ، مەيداندىكى ئىپادىسى ئادەتتىكىچە بولدى .
|
|