ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1049 |
تۆھپىسى: سەر |
|
كىرىستىيانو رونالدو ! يەنىلا شۇ رونالدو ! خانلىق مادىرىد كۇلۇبىدا يەنىلا ئەڭ قالتىس بولۋاتقىنى رونالدو !! بۇ پەسىللىك ئسىپانىيە بىرلەشمىسى باشلىنى ھازىرغىچە بولغان نەچچە ئايلانما مۇسابىقىلەردە رونالدو تۆت مەيدان مۇسابىقىدىلا 9 توپ ئۇرۇپ بولدى يىقىنىقى 4مەيدان مۇسابىقىدە مادىرىد 20 توپ ئۇرغان يىرىمىنى دىگۈدەك رونالدو ئۇرغان بولۇپ ئۆزىنى يەنە بىر قىتىم ئىسپاتلىدى !
ئاخشامقى ئسىپانىيە بىرلەشمىسىدە بىلىيالىيار بىلەن بولغان مۇسابىقىدە رونالدو يەنە بىر قىتىم قابىلىيىتىگە تايىنىپ 40 مىنۇت بولغاندا بىر توپ ئۇرۇپ بىرلەشمىدىكى توپ سانىنى 10غا يەتكۈزدى بۇ ئەلۋەتتە ئادىتتىكى سان ئەمەس
بۇ يىللىق ئىسپانىيە بىرلەشمىسى ئالدىنقى 6 ئايلانمىدا رونالدو 10 توپ ئۇردى بۇ مادىرىد تارىخىدىكى تۇنجى قىتىملىق ئىش شۇنداقلا رونالدو ئىسپانىيە بىرلەشمىسى يىقىنىقى 60 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قىتىم ئالدىنقى 6 ئايلانمىدا 10 توپ كىرگۈزگەن توپچى بوپ قالدى گەرچە 2 ھەپتە يارلىنىپ ئارام ئالغان بولسىمۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ توسىۋالغۇسىز ھۇجۇمچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى ! ئىسپانىيە بىرلەشمىسى تارىخىدا رونالدونىڭ توپ كرگۈزۈش ئۈنىمى ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرۋاتىدۇ تەخمىنەن 77 مىنۇتقا بىر توپ ، مىسى 89 مىنۇتتا بىر توپ ئۇرۇپ ئىككىنجى ئورۇندا ، ھىگۇئائىن 111 مىنۇتتا بىر توپ بىلەن ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان !
تۈنۈگۈنكى مۇسابىقىدە مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ ئوت مەستانىلىرى بىر ئايرۇپىلاننى مەخسۇس ياللاپ پىلاكات ئىسىپ ئۇچۇردى پىلاكاتقا رونالدۇ مانچىستىرغا يىنىپ كەل دىگەن خەت يىزىلغان بولۇپ تۈنۈگۈنكى مادىرىد بىلەن ۋىلىيالىيار نىڭ مۇسابىقىسىدە مەيداننىڭ ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتتى !
|
|